باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13956يوللانما
1430مەستانە

فۇجيەندىكى مەلۇم بىر جاي ئوت ئاپىتىدىن كېيىن «پۇل دېڭىزى»غا ئايلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-14 18:20 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9-دېكابىر، فۇجيەن جاڭجوۋدىكى مەلۇم بەش خىل مېتال دۇكىنىغا ئوت كېتىپ، ئوت شىددەت بىلەن يامراپ، قوشنا دۇكاندىكى يەل-يېمىش دۇكىنىغىمۇ تۇتاشقاندا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. يەل-يېمىش دۇكىنىدىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى ئوت ئۆچۈرۈش داۋامىدا ھۆل بولۇپ كەتكەندە، دۇكان غوجايىنى 11-دېكابىر قالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاچ، نەق پۇللارنىڭمۇ ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، 100 يۈەنلىك نەق پۇللىرىنى بىر-بىرلەپ يەرگە يېيىپ ئاپتاپقا سالدى.

ۋىدىيودىن بەش خىل مېتال دۇكىنى ھەمدە يەل-يېمىش دۇكىنىنىڭ تاختىسىنىڭ كۆيۈپ پەقەت جازىسىلا قالغانلىقىنى، دۇكان ئىچى-سىرتىنىڭمۇ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەل يېمىش دۇكان غوجايىنى دۇكاننىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، نەق پۇللىرىنى يايغان بولۇپ، بۇ جاي دەقىقە ئىچىدە «پۇل دېڭىزى»غا ئايلانغان بەزى يولدىن ئۆتكەن شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭغا قىزىقىپ، غوجايىننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيدان.

نەق مەيدان سۈرىتى.

بۇنى كۆرگەن تورداشلار چاقچاق قىلىشقىنىچە: «مانا بۇنى ھەقىقىي پۇل-بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش دەيمىز»، «ئەجەپ شامال ئۇچۇرۇپ كەتمەپتۇ»، «ئەگەر مۇشۇ چاغدا يامغۇر ياغقان بولسا قانداق بولاتتى»، دېيىشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号