باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

خۇاۋېي Mate 10 يانفونى كېلەر ئايدا ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدۇ

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-14 19:09 0 ئىنكاس چۈشتى


techweb تورى 14-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىللىق يانفون كۈرىشىدە ئالمىنىڭ iPhone X ۋە سامسۇڭنىڭ Note 8 يانفونى زور تۈركۈمدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ھەمدە خېلى كۆپ سېتىلدى. دۆلەت ئىچىدىكى يانفون ماركىلىرىنىڭ سەركىسى خۇاۋېيمۇ ئۆزىنىڭ قالتىس سانائەت لايىھەسى ۋە ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزىكىگە تايىنىپ خەلقئارا يۇقىرى سەپلىمىلىك مەھسۇلاتلار بازىرىغا ئوڭۇشلۇق كىردى. بۇ يىل خۇاۋېي چىقارغان Mate 10 ۋە Mate 10 Proغا سۈنئىي ئىدراكلىق ئۆزەك چىلىن 970 سەپلەنگەن بولۇپ، سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. جۇڭگو يانفونلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان خۇاۋېي ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، چەتئەلگىمۇ يۈزلەنمەكتە. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇاۋېي Mate 10 يانفونى كېلەر يىلى1-ئايدا ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1-ئايدىكى CESتا ئامېرىكىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. 

نۆۋەتتە خۇاۋېي ئامېرىكىدىكى AT&T ۋە Verizonدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خەۋەرلىشىش كارخانىسى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى 1-ئايدا ئۆز قارمىقىدىكى خۇاۋېي Mate 10 ۋە Mate 10 Proنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى. ئامېرىكا بەلكىم بۇ ئىككى خىل يانفوننى ئامېرىكا لاسۋېگاستا ئۆتكۈزۈلىدىغان CES 2017دا رەسمىي ئېلان قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىدا توردا ۋە ئەمەلىي دۇكانلاردا سېتىلدۇ.

خۇاۋېي Mate 10 بىلەن Mate 10 Proغا ئوخشاش لايىھە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، رازمېرى ئازراق ئوخشىمايدۇ. خۇاۋېي Mate 10غا 5.9 ديۇملۇق LCD ئېكران، 16:9 نىسبەتلىك تار رامكىلىق لايىھە ئىشلىتىلگەن؛ Mate 10 Proغا بولسا ئالتە ديۇملۇق OLED ئېكران، 18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكران لايىھەسى ئىشلىتىلگەن. رەڭگىدە Mate 10نىڭ قارا، سۇس سېرىق، قېنىق سېرىق، ھالرەڭ تۆت خىل رەڭلىك نۇسخىسى بار؛ Mate 10 Proنىڭ بولسا كۆك، سېرىق، كۈلرەڭ، ھالرەڭ تۆت خىل نۇسخىسى بار. سەپلىمىدە Mate 10غا 10nmلىق ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىتىلگەن چىلىن 970 ئۆزىكى سەپلەنگەن، سۈرەت پەرقلەندۈرۈش، ئاۋازلىق ئالاقە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىلىن 970 ئۆزىكى بىخەتەرلىك قوغداش جەھەتتىمۇ ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号