باش بەت

ئۈمىدجان

344يوللانما
2مەستانە

جۇڭگونىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى يوشۇرۇن ئېھتىياجى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-15 10:33 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 14-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» 12-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بوئىن شىركىتىدە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا بازىرى تىجارىتىگە مەسئۇل بولۇۋاتقان داررېن خۇلست (Darren Hulst)توكيودا 13-دېكابر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئاسىيادا «787» ۋە «777» قاتارلىق كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىدىكى قوش يوللۇق ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بولۇپمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىشىچە، «جۇڭگونىڭ يوشۇرۇن ئېھتىياجى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ»غان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا كىچىك تىپتىكى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇرۇنقى ئېھتىياتچان پوزىتسىيەسىنى قايتا تەكىتلىدى.

داررېن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەلگۈسىدە 20 يىلدا جۇڭگودا 1500 دانە كەڭ گەۋدىلىك يولۇچى ئايروپىلان ئېھتىياجى شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بوئىن شىركىتى يېقىندىلا جۇڭگو جېجياڭ ئۆلكىسى دەنشەندە تار گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى «737»نىڭ ئەڭ ئاخىرى خىزمەت تەرتىپى دەپ ئاتىلىدىغان بازىسىنى قۇردى. بىراق، داررېن كەلگۈسىدە پۈتكۈل ئايروپىلاننى ئەڭ ئاخىرقى قۇراشتۇرۇش ۋە كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىغا كېڭەيتىش كېڭەيتمەسلىك ھەققىدە بىلدۈرۈپ: «دەنشەننىڭ ئىقتىدارى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سىرلاش ۋە ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت تەرتىپى، زاۋۇت ئەمەس» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号