باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
221مەستانە

بوكس شاھى مايۋەزېر پىلنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ چۈشكەن سۈرىتىنى تورغا يوللىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-15 13:04 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا بوكس شاھى مايۋەزېر نۆۋەتتە تايلاند ساياھىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا پىلنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ چۈشكەن سۈرىتىنى ئىنستگرامغا يوللىغان ھەمدە قىسقا ۋاقىتتىلا 150 مىڭغا يېقىن تورداشنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

مايۋەزېرنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى تورداشلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ كەلدى، ئۇمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. يېقىندا، ئۇ جۇڭگو، رۇسىيە ۋە تايلاندلاردا ساياھەت قىلدى ھەم سۈرەتلىرىنى تورغا يوللاشنى ئۇنتۇپ قالماي قىسقا ۋاقىتتىلا نۇرغۇن تورداشنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى تايلاند ساياھىتىدە ئۇ تېرە قولۋاق ھەيدەپ پۇكېت ئارىلىدىكى سۇ ئۈستى ئۆڭكۈرىنى ساياھەت قىلدى، تايلاندنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى.

ئۇ يەنە ساھىلدىكى چىراغ يورۇقىدا كەچلىك تاماق يېدى.

ساياھەت جەريانىدا ئۇ يەنە موسكۋادىكى ئاق يولۋاس بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ چېڭدۇغا بارغاندا 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ بىر چوڭ مۈشۈكئېيىقنى بېقىۋالغان ھەم ئۇنىڭ ئىسمىنى «TMT فىلويىد مايۋەزېر» دەپ ئۆزگەرتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بوكس سەھنىسىگە قايتىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، پېنسىيە تۇرمۇشىدىن داۋاملىق ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号