باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

ئاممىۋىي سورۇندىن قورقۇش كېسىلى بار 22 ياشلىق قىز 2 يىلغىچە سىرتقا چىقمىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-16 11:55 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 15-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«مېترو گېزىتى»نىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نېۋ كەستېلدە تۇرىدىغان، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئەببىي لېۋىس (Abby Lewis) ئىسىملىك قىز 10 يېشىدىلا پىسخىك كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىشقا باشلىغان. 2016-يىلى ئاممىۋىي سورۇنلارغا بارسىلا قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالىدىغان بۇ قىزغا ئاممىۋىي سورۇندىن قورقۇش كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

2015-يىلىنىڭ بىر كۈنى ئۇ دوستى بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىش ئۈچۈن بىر ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا چىققاندىن كېيىن يۈرىكى سېلىپ يىقىلغىنىچە نەپىسى قىسىلىپ كەتتى. دوختۇرلار ئۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىق دىياگنوز قويغاندىن كېيىن دوستلىرى بىلەن سىرتقا روژدېستۋو بايرىمىلىق سوۋغات ئالغىلى چىقمىدى، دوستلىرى يوقلاپ كەلسىمۇ بىئارام بولۇپ كەتتى.

ئىلگىرى ئەببىي بۇنداق ئەمەس ئىدى، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا، ياخشى كۆرىدىغان جايلارغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە ئامراق ئىدى، 4 يىل يۈرگەن يىگىتى رىس ئىرۋىڭ (Rhys Irving) بىلەن كۈندە كەچتە بىللە كىنو كۆرۈپ، تاماق يەيتتى.

بىراق، ھازىر ئەببىيدە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان قورقۇنچ شەكىللىنىپ قالدى. ئۇ بايرام ۋاقىتلىرىدا زادى نېمە سەۋەبتىن كېسىلى قوزغىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مۇشۇ كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۇ يەنە خامۇشلۇق ۋە تىت-تىتلىق كېسىلى بولۇپ قالدى.

ھازىر ئەببىي باشقىلار بىلەن تور ئارقىلىقلا ئالاقە قىلىدۇ، توردا بىرەر توپقا ئەزا بولۇش ئارقىلىق ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى يېڭىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بولۇپ، تېخى يېقىندا بېغىغا ئايلانغىلى چىقالايدىغان بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • xamal4 ئاي ئىلگىرى

    كاسەك چىقىرىپ سۈرەتكە چۈشۈپ تورغا يوللاپ تۇرسا ياكى ئەرگە تەگسە ساقىيىپ قالا

  • Muzepper4 ئاي ئىلگىرى

    بەك چىرايلىق قىزكەن،،،،، ئوتتۇز ھەرىپ

  • ئادىل 09984 ئاي ئىلگىرى

    بۇ چەتەللىكلەرنىڭ22 گە كىرگەن قىزلىرىمۇ 30،40قا كىرگەندەك قېرى ئىكەن ؟؟؟؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号