باش بەت

نۇسرەتگۈل

10601يوللانما
190مەستانە

بېكىنىۋېلىش كېسىلى بار 8 ياشلىق بالا ئانىسىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-16 12:57 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 15-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«مېترو گېزىتى»نىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 8 ياشقا كىرگەن جەك روگان (Jack Rogan) بىر بېكىنىۋېلىش كېسىلى بىمارى بولۇپ، گەرچە غۇبارسىز بالىلىق كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، كېسىلى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئازابلارغا ئۇچرىغان، ھەتتا ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ئانىسىنىڭ ئۆزىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى ياكى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قەبرىگە كۆمۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

جەكنىڭ ئانىسى كېررىي لىننېل (Kerry Linnell) بۇ يىل 43 ياشقا كىردى. ئۇ ئىلگىرى جەكنىڭ ئۆزىگە قايچا تىقىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقىنى بايقاپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغانىدى.

دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ قاتتىق روھىي ئازاب ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق، روھىي كېسەللەرنى داۋالاش بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق كېسەلخانىدا تولۇق 7 ھەپتە ياتقۇزدى. كېسىلى بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا جەك كۆپ قېتىم ئانىسىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ تولىمۇ نەس باسقان ئادەم ئىكەنلىكى، دوستىمۇ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

جەكنىڭ بۇ ئالاھىدە كېسىلى ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەتتا بىر قىسىم داڭلىق توپ چولپانلىرىمۇ ئۇنى يوقلاپ كەلدى، تۇرمۇشىنى ئۈمىدكە تولدۇرۇشقا تىرىشتى، ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياشلارنىڭ روھىي ئازاب سەۋەبىدىن قىينىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ 13 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بالا روھىي كېسەللەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号