باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

جۇڭگو بويىچە ئەڭ «قىممەتچىلىك» كىچىك بازار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-16 21:15 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 16-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ماۋتەنچاڭ بازىرى ئەنخۇي ئۆلكىسى ليۇئەن شەھىرى جىنئەن رايونىدا بولۇپ، شۇچېڭ، خوشەن، جىنئەندىن ئىبارەت 3 ناھىيەنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان، ئۆلكە دەرىجىلىك مەركىزىي بازار.

ماۋتەنچاڭنىڭ بۇ ئىسمى كېيىن ئۆزگەرتىلگەنىدى.

بۇ جاي ئەسلىدە بىر نامرات تاغلىق رايون بازىرى بولۇپ، بازاردىكى «ماۋتەنچاڭ ئوتتۇرا مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش نىسبىتى %90كە يېتىدىغانلىقى بىلەن نام چىقارغان، بالىلىرىنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپلەپ كېلىشى بىلەن ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ جايدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1-قاتاردىكى شەھەرلەردىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان، ئاشخانا كۆپ بولمىغانلىقتىن تاماق يەتكۈزگۈچىلىك كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان، مال باھاسىمۇ زىيادە يۇقىرىلىقىغا قارىماي تالىشىپ سېتىۋالمىسا يېتىشمەيدىغان ھالەتكە كەلگەن. چۈنكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدۇ-دە.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار كىتابنى دۆۋىلەپ قويۇپ، ئۇيقۇسى كەلسە پارتىسىغا بېشىنى قويۇپ بىردەم مۈگدىۋالىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش سىزگىمۇ تونۇش بىلىنىۋاتامدۇ؟

ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان پەيتى يېتىپ كەلگەندە ماۋتەنچاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئادەم پاتماي قالىدۇ.

ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار تەكرار ماتېرىياللىرىنى يىرتىپ ئاسمانغا ئاتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنغان كۈن ماۋتەنچاڭ بازىرىدىكى ئەڭ قايناق، شۇنداقلا ئەڭ جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتىدىغان بىر كۈن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەكلىماكان 22 ئاي ئىلگىرى

    تولۇق كۇرسقا %90 ئوقۇغۇچىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئوقۇتقۇچى ئازابلىنامدۇ باللا، كىتابنىڭ پېتىنى بۇزماي بېشىغا قويۇپ
    ياتقاندىن، كىتاب دېگەننى ئۆگىنىپ ، شاما قىلىۋېتىپ، چۆرىۋېتەمدۇ خەقكە بېرىۋېتەمدۇ نېمە قىلسا يارىشىدۇ.
    ياپونلارنىڭ مېترونىڭ باش بېكىتىگە چىققاندا بىر لۇغەت سېتىۋېلىپ مېترو ئاخىرقى بېكىتىگە بارغۇچە ئۇنى ئۆگىنىپ بولۇپ ، ئاخىرقى بېكەتتىكى ئەخلەت ساندۇققا تاشلىۋەتكىنىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ يەنە كېلىپ تولۇق ئۈچتىكى ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمىنى كېلەر يىلى ئشلەتكىلى بولمايدۇ

  • ئاق كۆڭۈل يىگىت2 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ ئوقۇغۇچى (ئاھ ئاخىرى بىر قۇتۇلدۇم )دەۋاتامدۇ نىمە؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号