باش بەت

نۇسرەتگۈل

10535يوللانما
188مەستانە

پارىژدا بىر سەرگەردان 300 مىڭ ياۋرو بار ئىككى چاماداننى ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-17 11:06 2 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 17-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر سەرگەردان پارىژدىكى چارلېس دې گائۇللې ئايرودرومىدىكى قۇلۇپ سېلىنمىغان بىر ئىشخانىدىن ئىچىدە 300 مىڭ ياۋرو (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 2 مىليون 340 مىڭ يۈەن) نەق پۇل بار چاماندىن ئىككىنى ئوغرىلاپ كەتتى.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساقچى تەرەپ باياناتچىسى بۇ دېلوغا چېتىشلىق سەرگەرداننىڭ ئىلگىرى دائىم چارلېس دې گائۇللې ئايرودرومىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا قونىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئايرودروم جايلاشقان بوبىگنىي شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇلنىڭ لۇمىيېس نەق پۇل باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئايرودرومنىڭ 2-قەۋىتىدىكى بىر ئىشخانىدىن يۈتۈپ كەتكەنلىكى، ئەينى ۋاقىتتا ئىشخانا ئىشىكى قۇلۇپلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ يەر ۋاقتى 8-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30دا ئۇ ئىشخانىنىڭ سىگنالى سايراپ كەتتى. كۆزەتكۈدىن مەلۇم بولۇشىچە، سەرگەردان دەسلەپتە كارىدوردىكى ئەخلەت تۇڭىنى ئاختۇرغان، ئارقىدىن ئىشخانا ئىشىكىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئىشىك قۇلۇپلانمىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتكەن ھەم ئىشخانىغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى چاماداننى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بىرەيلەن: «بۇ نېمىدېگەن ھەيران قالارلىق ئىش. ھەرخىل ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار نەتىجىسىدە بۇ سەرگەردان ئۆزىگە روژدېستۋو بايرىمىلىق سوۋغا تەقدىم قىپتۇ» دېدى.

ساقچىلار ھازىرچە سەرگەرداننىڭ كەتكەن يېرىنى بىلەلمىدى؛ ئۇ نەق مەيداندا قالدۇرغان قول سومكىسىدىن ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللىگۈدەك ھېچقانداق يىپ ئۇچى بايقالمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېلتەبىر4 ئاي ئىلگىرى

    ئەخلەت تۇڭى ــــ ئەخلەت ساندۇقى

  • ئۈنسىز يىغا4 ئاي ئىلگىرى

    ئېسىل ئىش بوپتا قاتتىق كۈلگەن ئىپادە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号