باش بەت

پەرى2321

62يوللانما
7مەستانە

تاماكا HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن قاتىلى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-17 22:30 6 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندا، نيۇيووك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى HIV (ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى) يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ ساغلام كىشىلەر توپىنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تۈرلۈك تەتقىقات Lancet Health ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ تاماكىغا بولغان ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشىنى كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ يېقىنقى بەزى تەتقىقاتلاردا HIVبىلەن يۇقۇملانغان ياشلار HIV غا قارشى دورىلارنى ئىشلەتسە نورمال كىشىلەردەك ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

HIVساھەسىدىكى داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ HIVبىمارلىرىنىڭ مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن قىسقىرايدىغان ئۆمرىنىڭ پەقەتلا 5 يىل بولغان. ھالبۇكى، ئەگەر دائىم تاماكا چەكسە ئۆمرى 12 يىل قىسقارتىدىكەن. بۇنىڭ HIV بىمارلىرىغا نىسبەتەن خەۋپى ئەسلىدىكى HIV غا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ ئافرىقا قىتئەسى رايونىدىكى HIV بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ ساغلام ئەرلەرگە قارىغاندا تاماكا چېكىش نىسبىتى %41 يۇقىرى ئىكەن. ھالبۇكى ئاياللار توپىدىكى بۇ سانلىق مەلۇمات %36 ئىكەن. تاماكا چەككۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، HIV مۇسبەت تۈرىدىكى ئەرلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى ساغلام توپتىكىلەردىن %46، ئاياللارنىڭ %90 يۇقىرى بولغان.

نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساغلاملىق ئىلمى فاكۇلىتېتىدىكى پىروفېسسور Noreen Mdege يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، HIV مۇسبەت تۈرىدىكى توپنىڭ تاماكا چېكىشىمۇ ساغلام توپتىكىلەردىن يۇقىرى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە: «بىزنىڭ بايقىغان بۇ مەسىلىلەر تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە ئوخشاشلا ساقلانماقتا، ھالبۇكى بۇ رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، HIV بىلەن تاماكا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ»

«ئەلۋەتتە، بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى تېخى ئېنىق بىلمەيمىز، بىراق بەزى سەۋەبلەرنى مەسىلەن تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپىرت ھەمدە باشقا دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى، يەنە بەزى پىسخىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى مەسىلەن، خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىقلارنى ئويلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. بۇنىڭدىن سىرت، كىشىلەر ئەگەر ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇشىنى ئۆلگەنگە تەڭ دەپ قاراپ، ئۆزىنى تاشلىۋەتسە، تاماكا چېكىشنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ ئۆرلەيدۇ».

تەتقىقاتچىلار بىز تېخىمۇ مۇكەممەل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىشقا، HIV بىمارلىرىنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتىنى ئاكتىپ تۆۋەنلىتىشىكە، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا ئېھتىياجلىق، دەپ قارىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • سىرلىق1 ئاي ئىلگىرى

    بۇكىسەلنى دەسلەپ ئۇققاندا مەنمۇ بۇرۇقتۇرما بولغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئويلىمايدىغان بولدۇم بولدىغان ئش بولدى ئەمدى پۇشايماننڭ قاچسى يوق شۇڭا بۇ كىسەلنى كاللىغا كىرگۈزۈپۋالماي ئۈمۈتۋار ياشايلى

  • ئىلتىجا1 ئاي ئىلگىرى

    غىرىپ يالغۇز؛ توردىشىم قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئۇنى دىسىغۇ مەنمۇ ھەم شۇنداق كۇندۇزى ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، كەچتە مىنىڭمۇ كاللامغا كىرۋالدۇ، قانداق قىلىمىز بۇ ھاياتتا ئىلگىرلەش با ئىكەن قايتىش يوق، شۇڭا توختىماي ئالىدىغا قاراپ مىڭشىمز كىرەك، قىنى غەيرەت قىلىپ باقمامدۇق ئويلمىغان يەردىن بۇ نىجىس كىسەلدىن قۇتۇلۇپ كىتەمدۇق ·

  • yalhuzman1 ئاي ئىلگىرى

    ئىلتىجا توردىشىم رەھمەت سىزگە …ئۈزەمنىڭ ئويلىغىنىمنى دېسەم مەنمۇ بىكار يۈرمەي دەپ ئىشلەپ تۇرۋاتمەن، ئويلىماي دىسىڭىز كەشلىكى ھېلىقى دورىنى قولۇمغا ئالغاندا يەنە ئويلايدىغان ئىشكەن، دورىنىڭ گېلىمدىن ئۈتىشىمۇ بەكلا تەس قىينىلىمەن، ئويلىماي دىسەممۇ كاللامغا كىرۋالدۇ ،بۇلانى ئويلاپ ئۇيقۇم قاچىدۇ، دورا كۈچىنى كۆرسەتكەندە بەكلا بىئارام بولىمەن، قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالىمەن بىلمەيمەن …ئەتتىگەندە زادىلا تۇرغۇم كەلمەيدۇ، ، بەدەنلىرىم ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك خامۇش بوپ قالىمەن …كۈندە مۇشۇنداق قىيلىنىپ ئازاپ ئىچىدە ياشايمەن دەردىمنى تۆكىدىغان ئادىمىم يوق،، كەيپىيات ناچار شۇنداقتىمۇ ئۆيدىكىلەرگەۋە باشقىلارغا چاندۇرماي دەپ زولاپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرمىسەم تېخى…ئۈزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي دەۋاغا دەيمەن ئۆزەمگە … ئىشقىلىپ بەكلا يالغۇزلۇق غېرىپلىق ھىس قىلىمەن …بۇنداق ياشاشتىن بەكلا زىرىكتىم ………

  • كەلگۈسۈم1 ئاي ئىلگىرى

    ساغلام تەن بولمىساممۇ ، ساغلام ئىرادە بىلەن ياشاشقا تىرىشىمەن.

  • ئىلتىجا1 ئاي ئىلگىرى

    توردىشىم yalhuzman قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ كوڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ غەيرەت قىلىڭ بۇرۇختۇرما بولدۇم دەپلا ئۆزىڭىزنى ئارتۇق ئازاپلىماڭ ھاياتتا بىر پىسەنت ئۆمىت بولسىمۇ تىرشىش كىرەك قىنى غەيرەتكە كىلىپ تاماكىنى تاشلاپ بىقىڭ ئامال بار بىكار تۇرماي بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللانساق كىسەلنى ئۆيلاشقا كاللىمىزغا ۋاقىت بەرمىسەك ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە …

  • yalhuzman1 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئىچىمدىكى دەردىمنى تۆكىدىغان ئادىمىم يوق، شۇڭا تاماكا ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ دەردىمنى چىقىرىمەن…تاماكىنى چەكمىسەم ياخشى ئىدى لىكىن تاماكىمۇ بولمىسا بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ …ھەي نىمە ئامال

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号