باش بەت

نۇسرەتگۈل

10535يوللانما
188مەستانە

ئامېرىكىدا 5 ئايال بىرلىشىپ 10 مىڭ يۈەنلىك ئىچ كىيىمنى بۇلاپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-18 13:28 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 18-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 12-دېكابىر كەچتە ئامېرىكىنىڭ لۇيىزاننا ئىشتاتى ماندېرۋىل شەھىرىدىكى «ۋىكتورىيەنىڭ مەخپىيىتى» دەم ئىسىم قويۇلغان بىر ئىچ كىيىم دۇكىنىغا تۇيۇقسىز ئافرىقىلىق 5 ئايال بۆسۈپ كىرگەن. ئۇلار قوللىرىغا بىر خىل پۈركۈمە ۋە توك سوقتۇرغۇچ ئېلىۋېلىپ دۇكاندارغا تەھدىت سالغان ھەمدە قىممىتى 1500 ئامېرىكا دوللىرىدىن (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 9913.2 يۈەن) ئاشىدىغان ئىچ كىيىمنى ئوغرىلاپ قېچىپ كەتكەن. 

شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېرالد سىتىكېر (Gerald Sticker) دېلو سادىر قىلغانلار قېچىپ كەتكەندىن كېيىن دۇكاندارلارنىڭ دەرھاللا ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېسىلغان بىر كۈمۈش رەڭلىك بېنزغا ئولتۇرۇپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان. بىراق، ساقچىلار ھازىرچە نومۇر تاختىسىنى تېخى ئېنىق مۇقىملاشتۇرالمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقىسى پەقەت ئاددىيلا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئەمەس. گېرالد ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号