باش بەت

نۇسرەتگۈل

10527يوللانما
187مەستانە

ئامېرىكىدا بىر ئوغرى 135 كىلوگراملىق ATMنى ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-18 21:25 1 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 18-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مونتانا ئىشتاتى بىلىڭس شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ كۆزەتكۈسىدىن بىر ئەرنىڭ 4 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 136 كىلوگرام كېلىدىغان ATMنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ئەر 9-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەر ئەتراپىدا مېھمانخانىسىغا كىردى. ئۇ دەسلەپتە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى. ئارقىدىن، پەسكە قايتىپ چۈشۈپ ATM بار جايغا كېلىپ ئۇنى قومۇرۇشقا باشلىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئەر ATMنى قومۇرۇش ئۈچۈن 4 سائەتتەك ۋاقىت سەرپ قىلغان، يەنە تېخى دەرۋازىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىققان.

مېھمانخانا مەسئۇلى جەيل لىننېل (Gail Linnell): «جىنايەت گۇماندارى ATMنى چۈشتىن كېيىن سائەت 7:30لاردا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇ ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى 136 كىلوگرام كېلىدىغان تۇرسا قانداق ئېلىپ چىقىپ كەتكەندۇ؟ كۆزەتكۈدىكى كۆرۈنۈشلەردىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەسۋاب ئىشلەتمىگەنلىكى ۋە ياكى ھېچقانداق سوقۇلۇش ئاۋازى چىقمىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېھمانخانىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش سىستېمىسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەپتۇ. قارىغاندا، ئۇنىڭ يانچۇقىدا بىر نەرسە بار ئوخشايدۇ» دېدى.

ساقچى تەرەپ باياناتچىسى نېيل (Lt. Neil Lawrence): «ئوغرى پۇللارنى ئوغرىلىماي بىۋاستە ATMنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ھازىرچە بۇ ئوغرى توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر ئىگىلەنمىدى» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 189******554 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئ‍وغرى بۇ ATMنى ئ‍اپتوماتىك پۇل چىقارغۇچ دەپ قاراپ، ئ‍ۆيىگە ئ‍اپىرىپ ئ‍ورنىتىپ ،بىر ئ‍ۆمۈر پۇل ئ‍الاي دەپتۈدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号