باش بەت

ئىدىقۇت887

7261يوللانما
15مەستانە

دۇنيا بويىچە ئەڭ تىك زەنجىرلىك تۆمۈر يولدا قاتناش باشلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-18 22:05 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

12-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ تىك تۆمۈر يول دەپ ئاتىلىدىغان شىۋىتسىيەدىكى شىۋىز- سىتوس (Schwyz-Stoos)  تۆمۈر يولى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى ئالاھىدە بولغان بۇ تۆمۈر يولدا پويىز ۋاگونى ئۈستىگە قاراپ ماڭغاندا خۇددى تۇڭنى دومىلاتقاندەك ئايلىنىش ئارقىلىق پويىزدىكى يولۇچىلارنى تىك تۆمۈر يول لىنىيىسىدىمۇ تەكشى ھالەتنى ساقلاش ئىمكانىغا ئىگە قىلاتتى.

ئەنگىلىيە «قاراۋۇل گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  شىۋىتسىيەدىكى شىۋىز- سىتوس (Schwyz-Stoos)  تۆمۈر يولىغا 44 مىليون 600 مىڭ ياۋرو مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇ تۆمۈر زامانىۋى قۇرۇلۇش لايىھىسىنىڭ غەلىبىسى دەپ ئاتالغانىدى.

بۇ تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ پۈتكۈل ئۇزۇنلۇقى 1720 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يانتۇلۇق دەرىجىسى %110 يەنە تەخمىنەن  47.7 گىرادۇس كېلىدىغان بۇ تۆمۈر يول پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ تىك زەنجىرلىك تۆمۈر يول بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ تۆمۈر يول لىنىيىسى شىۋىز شىتاتىدىكى تاغ جىلغىسىدىن ئۆتۈپ سىيۇرىخنىڭ تەخمىنەن 50 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى 100 نەپەر ئاھالىسى بولغان سىتوس تاغلىق كەنتىگە   تۇتىشىدۇ. تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئىككى بېكەتنىڭ ئېگىزلىك پەرقى 743 مېتىرغا يېتىدۇ.

سىتوس زەنجىرلىك پويىز ۋاگونىنىڭ يانتۇلۇقنى تەڭشەش سېستىمىسى بار بولۇپ، تۆت دانە ۋاگوندىن تەشكىل تاپقان بۇ پويىزغا جەمئىي 34 يولۇچى سىغىدۇ، پويىز ۋاگونى توختىماي دومىلاپ ئايلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، پويىزدىكى يولۇچىلار پۈتكۈل سەپەر جەريانىدا تەكشى ھالەتنى ساقلاپ تۇرالايدۇ.بۇنىڭدىن  بۇرۇنقى دۇنيا بويىچە ئەڭ تىك تۆمۈر يول لىنىيسى دەپ ئاتالغان تۆمۈر يولمۇ ئوخشاشلا شىۋىتسارىيىدە بولۇپ، بۇ تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى %106 قا يېتەتتى.

 

بۇ تۆمۈر يول لىنىيىسىدە قاتنايدىغان پويىز ۋاگونىنىڭ شەكلى سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ، قارىماققا پىۋە قاچىلايدىغان تۇڭغىلا ئوخشايتتى. تۆمۈر يول لىنىيىسىدىكى تىكلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، پويىز ۋاگونى ئۆزىدىكى يانتۇلۇقنى تەڭشەش سېستىمىسى ئارقىلىق يولۇچىلارنى باشتىن-ئاخىر تەكشى ھالەتنى ساقلاپ ئولتۇرۇش ئىمكانىغا ئىگە قىلغاندىن باشقا، پويىز يەنە سىكۇنتىغا 10 مېتىرلىق ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئۈستىگە قاراپ ئۆرلىيەلەيدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • تۇيغۇ1141 ھەپتە ئىلگىرى

    سىكونتىغا 10 مىتىر بولسا ۋەششى تىزكەنغۇ

  • مەن ئۇيغۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ۋاي كاللىسى ھەقىقەتەن ئىشلەيدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号