باش بەت

zefer

939يوللانما
51مەستانە

خۇاۋېي كېلەر يىلى ئامېرىكا بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە يۈرۈش قىلماقچى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-19 13:07 0 ئىنكاس چۈشتى


IT ئائىلىسى تورى 19-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇاۋىي ئىستېمالچىلار كەسپىنىڭ لىدىرى يۈ چېڭدوڭنىڭ 18-دېكابر بىلدۈرۈشىچە، خۇاۋېي 2018-يىلى ئامېرىكا بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە يۈرۈش قىلىپ، كۆچمە تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەقلىيفون ساتىدىكەن. 

يۈ چېڭدوڭنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، تۇنجى ھەمكارلىشىدىغان يانفون تىپى خۇاۋېينىڭ بايراقدار يانفونى Mate 10 ئىكەن، لېكىن ئۇ باھاسى ۋە قايسى تېلېگراف شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى، يۈ چېڭدوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنكى ئايدا لاس ۋېگاستا ئېچىلىدىغان CES كۆرگەزمىسىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايدىكەن. 

نۆۋەتتە، خۇاۋېي ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى پارچە سېتىش دۇكىنى ۋە تور يوللىرى ئارقىلىق ئامېرىكىدا قىسمەن يانفونلىرىنى سېتىۋاتىدۇ، لېكىن تېلېگراف  شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ باقمىدى، شۇڭا ئامېرىكا بازىرىدىكى ئۈلۈشى ناھايىتى ئاز. ئامېرىكىدا كۆپ قىسىم يانفونلار تېلېگراف شىركەتلىرى ئارقىلىق سېتىلىدۇ. 

يۈ چېڭدوڭ مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى كۆچمە تېلېگراف شىركەتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىدا بايراقدار يانفونىمىزنى ساتىمىز. خۇاۋېينىڭ ئامېرىكا تېلېگراف شىركەتلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات، تېخىمۇ ياخشى ئىجادىيەت، تېخىمۇ ياخشى ئابۇنتلار ئىشلىتىش تەسىراتى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.» 

يۈ چېڭدوڭ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىككىنچى چوڭ يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن جىق پەرقلەنمەيمىز. شۇڭا، بىز دۇنيادىكى ئىككىنچى يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى بولالىشىمىزدا ئۈمىد بار.» 

بۇنىڭدىن باشقا، خۇاۋېي تېلېگراف شىركەتلىرى ئارقىلىق ياپونىيەدە يانفون سېتىشقىمۇ تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. يۈ چېڭدوڭ مۇنداق دېدى: «خۇاۋېيغا نىسبەتەن كېلەر يىلى ناھايىتى مۇھىم بىر يىل.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号