باش بەت

دىل بايان

1109يوللانما
130مەستانە

خۇاۋېي P11 يانفونىنىڭ سۈرىتى يەنە ئاشكارىلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-20 11:47 12 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 20-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئىلگىرى چەتئەل تېخنىكا تاراتقۇسى XDA ۋە يانفون ھەۋەسكارى evleaks@ ئاشكارىلىغان خۇاۋېي P11 ئېسىڭىزدىمۇ؟ بىرسى خۇۋېي P11نىڭ سەپلىمىسىنى، يەنە بىرسى خۇاۋېيغا مۇناسىۋەتلىك بىر گۇرۇپپا PCE سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىغان، بۇ ئىككى ئۇچۇر خۇاۋېينىڭ كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان P11 يانفونىنىڭ ھالىقىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاشىكارلاپ بەردى، يىغىپ ئېيتقاندا خۇاۋېي P11 يانفونىغا iPhoneXكە ئوخشاش غەلىتە ماڭلاي شەكىللىك پۈتۈن ئېكران لايىھەسى قوللىنىلىدىكەن، شۇنداقلا ئارقا تەرىپىگە ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك كامېرا سەپلىنىدىكەن.

بىراق ھازىر، چەتئەلدىكى داڭلىق تېخنىكا تاراتقۇسى XZP يۇقارقى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خۇاۋېي P11نىڭ ھەقىقىي تەشۋىقات سۈرىتىنى چىقاردى.

يىغىپ ئېيتقاندا، خۇاۋېي P11نىڭ سىرتقى شەكلى شياۋمى MIX2نىڭ يەنىمۇ بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان نۇسخىغا ئوخشايدۇ ھەم يەنە iPhoneXنىڭ ئىقتىدارلىرىمۇ يۇغۇرۇلغان. بىراق قالدۇرۇلغان ماڭلاي ئورنى iPhoneXنىڭكىدىنمۇ تار، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۆت ئەتراپىدىن ئاساسىي جەھەتتىن قىر قالدۇرۇلمىغان، ئەمما يەنىلا ئېڭەك لايىھەسى قالدۇرۇلغان، لېكىن ئىگەللىگەن ئېكران نىسبىتى iPhoneXتىنمۇ چوڭ.

خۇاۋېي P11غا قوللىنىلغان بۇ ئېكراننى سامسۇڭغا ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ياساتقان، چوڭلۇقى 5.8 دىيۇم، ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئۈچىنچى ئەۋلاد OLED ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن، پەرق ئېتىش دەرىجىسى 3420*2160. بۇنى نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى ئېكران دېيىشكە بولىدۇ، iPhoneX ۋە سامسۇڭ Note8تىنمۇ ياخشى. بىراق ئەمەلىيەتتە خۇاۋېي P11 سامسۇڭدىن بۇنچە ياخشى ئېكراننى ئالالامدۇ يوق، بۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەممىمىزگە ئايان.

خۇاۋېي P11نىڭ ئارقا تەرەپ لايىھەسىدە P10نىڭكىدەك مېتال ماتېرىيال لايىھەسىدىن ۋاز كېچىپ، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەينەك ماتېرىيالىغا ئالماشتۇرغان، تۆت ئەتراپى سەل ياي يۈزلۈك ھالەتتە چىققان، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، خۇاۋېي P11 ئېكران ئاستىغا بارماق سېنزورى تېخنىكىسى قوللانمىغان، بۇنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، ھېچ بولمىسا، كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېكران ئاستى بارماق سېنزورى تېخنىكىسىنى يانفون گەۋدىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش بىرقەدەر مۇۋاپىق لايىھە بولۇپ قالىدۇ.

شۇڭا خۇاۋېي P11 بارماق سېنزورىنى ئارقا تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان، ئاستى تەرەپ ئوتتۇرىغا خۇاۋېينىڭ لوگوسى چىقىرىلغان.

بىز خۇاۋېي P11نىڭ ئارقا تەرەپ سول ئۈستى بۇلۇڭىدا لېيكا كۆرۈنۈشلۈك ئۈچ دانە كامېرا ۋە قوش رەڭلىك چاقماق لامپا بارلىقىنى كۆرەلەيمىز، 40 مىليون ئۈنۈملۈك پىكسېلىغا ئىگە، بەش ھەسسىلىك ئارىلاش فوكۇس ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى يوشۇرۇن كۆزىتىش شەكىللىك كۆرۈنۈشنى قوللايدۇ، بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئوپتىكىلىق سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، بۇ ئارقىلىق كېچىلىك سۈرەتكە تارتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغان. خۇاۋېي P11نىڭ ئالدى كامېراسى 24 مىليون پىكسېل، 180 گىرادۇسلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭ ۋە مەۋھۇم ئىقتىدارغا ئىگە، AI گۈزەللەشتۈرۈشنى قوللايدۇ، ئادەم ۋە مەنزىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرقلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە يانفون ئىچىگە مەخسۇس سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن بىرتال سېنزور ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالدى-ئارقا كامېرانىڭ سۈرەتكە تارتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەرياندىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ياردەم بېرىدۇ.

باشقا سەپلىمىلىرىدىن، خۇاۋېي P11غا چىلىن 975 بىرتەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن، 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 128GB سىغىمغا ئىگە، باتارېيە سىغىمى 4000mAh بولۇپ، سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، EMUI8.0 ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان. باھا ۋە نۇسخا جەھەتتىن خۇاۋېي يەنە بىرلا ۋاقىتتا P11 ۋە P11Plusتىن ئىبارەت ئىككى خىل يانفون تىپىنى ئېلان قىلىدۇ، باھاسى ئالدىنقى ئەۋلاد يانفونىدىن ئازىراق يۇقىرى، باشلىنىش باھاسى 4299 يۈەن، P11Plusنىڭ بولسا 4699 يۈەندىن باشلىنىپ، يەنىلا داۋاملىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلارنىڭ باھا جەھەتتىكى باشلامچىسى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • خۇاۋىي4 ئاي ئىلگىرى

    ماڭلاينى ھىساپقا ئالمىغاندا بەك ياخشى چىقىپتۇ،ماڭلاي پەقەت ياراشماپتۇ ، قېنى چىققاندا كۈرەيلى ، مەن p11 گە چىىشىمنى بىلەپ ئولتادىم ئەمدى،ماڭلاي چىقارماي ئالدى كامىرانى بىكار قىلۋەتسىمۇ مەيلىتى مەن چۇقۇم ئالىتىم،

  • ئېمپىراتور4 ئاي ئىلگىرى

    شىياۋمىي 7 بىلەن ئىككىسى سورايدىكەن جۇڭگو بازىرىنى ئالامەت چىقىپتۇ ئىككىلىسى

  • نۇرداش4 ئاي ئىلگىرى

    ئالدىنقى ئىنكاستا تىلفۇن مەكتەپنىڭ ياتىقىدىن كۆپ چۈشۈپ كەتتى دەپ خاتا يېزىپ قويۇپتىمە ياتاقتىكى كارىۋاتتىن ھە خاتا يېزىلىپ قاپتۇ ھى ھى ھى ھى

  • apla_5204 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ قولۇمدا روڭياۋ 9 با لىكىن روڭياۋ v10 ياخشى چىقىدۇ پۈتۈن ئىكران ھەم ئەڭ يۇقۇرى سەپلىمە رڭياۋ v10 ئىلىڭ

  • ئەپسۇن4 ئاي ئىلگىرى

    كەينى كامىراسىنى ياقتۇرمىدىم

  • MILYONIR4 ئاي ئىلگىرى

    روڭياۋ V10 بىلەن روڭياۋ 9 ئىككىسىدىن قايسى ياخشىراقتۇ

  • قەھرىمان4 ئاي ئىلگىرى

    مەستانە نۇرداش ئوپپونىڭ قايسى يانفونى دىمىسىڭىز قانداق سىلىشتۇرغىلى بولىدۇ؟بىراق روڭياۋ7xغا ئىشلىتىلگەن كىرىن659بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارى oppo r9sنىڭ كۇۋالكوم625كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.بىراق ئىكرانى سەپلىمىسى خۇاۋىينىڭ سۈزۈك ئىنىق چىقىدۇ.شۇڭا oppoيانفونلىرى ئىچىدەoppo r11نى سىلىشتۇرمىسىڭىزلا ئىكىلەنمەي خۇاۋىي7xنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.لىكىن مىنىڭچە باھاسى تەڭشەلگەن روڭياۋv9نى ئالسىڭىز تىخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.سەپلىمىسى ھازىرقى بايراقدار يانفونلاردىن قىلىشمايدۇ،ئىكرانىمۇ بەك سۈزۈك،كىرىن960نىڭ ئىقتىدارى كۇۋالكوم835غا يىقىنلىشىدۇ.

  • نۇرداش4 ئاي ئىلگىرى

    ئەسەبىي مەستانە ئوخشاش باھا ئىچىدە ئەلۋەتتە خۇاۋېينىڭ ياخشى چۈنكى ئوپپونىڭ باھاسى يۇقىرى سەپلىمىسى تۆۋەن،مەنمۇ ئاچامغا يېڭى ئېلان قىلغاندا روڭياۋ 7xنى ئېلىپ بەرگەن ياخشى چىقتى مەنمۇ روڭياۋ 5cنى ئالدىنقى 9-ئايدا ئالغان مۇشۇ ۋاققىچە بىر يېرىم يىلدەك بولدى ھازىرمۇ راۋان ئىشلەۋاتىدۇ قېتىۋالمايدۇ بولمىسا بۇ تىلفۇن 7xتىنمۇ ئەزان يەنىلا شۇنداق ياخشى چىقتى بولۇپمۇ سۈپىتى ياخشى مەكتەپنىڭ ياتىقىدىن كۆپ قېتىم چۈشۈپ كەتتى يەنىلا ھېچنىمە بولماي ياخشى ئىشلىتىۋاتىمەن

  • @چېمپىيۇن@4 ئاي ئىلگىرى

    ئەسەبىي مەستانە@ تورداش روڭياۋ x7 ياخشى چىقىدۇ ئىككىلەنمەي روڭياۋ ئېلىڭ

  • ئېسىل زادە4 ئاي ئىلگىرى

    سەپلىمىسى نىمانچە يۇقۇرى، ھەممە ئقدىدارنى ئۈزىگە مۇجەسسەملەپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号