باش بەت

خەۋەرلەر

7492يوللانما
39مەستانە

گۈلباغ كەنتىدە كەنتنىڭ چوڭ–كىچىك ئىشلىرىنى كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى قارار قىلىدىغان بولدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-20 13:21 0 ئىنكاس چۈشتى

   مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە ھازىر كەنتنىڭ چوڭ – كىچىك ئىشلىرىنى كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى قارار قىلىدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى نۇرۇم ئىسمائىلقان: بۇ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى يېڭى باشلىنىش، دېدى.

   نۇرۇم ئىسمائىلقان بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ گۈلباغ كەنتىگە كەلگەندە، نۇرغۇن ئىش ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانىدى. ئۇلار دېھقانلار بىلەن سىردىشىش، ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق بايقالغان نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلدى. نۇرۇم ئىسمائىلقان بۇ جەرياندا دېھقانلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنىڭ كەنتنىڭ چوڭ – كىچىك ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ كەنت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا دېھقانلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرغاندا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى. ئۇ قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى: «ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك» دېگەن كۆرسەتمىنىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ، كۆڭلى ۋاللىدە يورۇغاندەك بولدى – دە، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كەنتتە كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. كەنتتىكى ئامما كەنتتىكى 3780 ئاھالە ئىچىدىن 100 دېھقاننى كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىكىگە كۆرسەتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنتنىڭ چوڭ – كىچىك ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك زىددىيەت – مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇردى.
11 – ئايدىن بۇيان، بەزى دېھقانلارنىڭ ئەمدىلا بىخلىنىشقا باشلىغان كۈزگى بۇغدايلىرىنى تالاغا قويۇۋېتىلگەن قوي، كالىلار يەپ كېتىپ، كۈزگى بۇغداي ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى يىغىنىدا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قوي، كالىلىرىنى تالاغا قويۇۋەتكەنلەر ئەيىبلەندى ھەم ئۇلار كۈزگى بۇغدىيى زىيانغا ئۇچرىغان دېھقانلارغا تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلدى. يىغىندا كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرىگە يىغىندىن قايتقاندىن كېيىن قولۇم  – قوشنىلىرىغا بۇغدايلىقلارغا قوي، كالا قويۇۋېتىشنىڭ ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا، قوشنىلار ئىناقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى جەريانىدا كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاش، ئائىلىلەرگە تۇرۇبا سۈيى ئەكىرىش پىلانلىنىپ، بىر قىسىم كونا ئۆيلەر چېقىلىدىغان، كونا كۆللەر تىندۇرۇلىدىغان بولدى. بەزى دېھقانلار بۇ ئىشقا باشقىچە قاراشتا بولغاچقا، يەنە بىر قېتىملىق كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى يىغىنىدا دەل مۇشۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى غۇلغۇلا قىلىش ئارقىلىق ئاخىر كونا ئۆيلەرنى چېقىپ، ئورنىغا ئەمىن ئۆي سېلىشنى، بىراق 120 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر كونا ئۆينى ساقلاپ قېلىشنى؛ كونا كۆللەرنى تىندۇرۇپ، ئورنىغا مەدەنىيەت مەيدانى قۇرۇشنى، بىراق 100 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر كونا كۆلنى ساقلاپ قېلىشنى؛ ساقلاپ قېلىنغان كونا ئۆي بىلەن كونا كۆلنى ئەۋلادلارغا ئۆتمۈش بىلەن يېڭى دەۋرنى سېلىشتۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسى قىلىشنى قارار قىلدى.

   كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى تۈزۈمى كەنتنىڭ 21 تۈرلۈك چوڭ – كىچىك ئىشىدا ئەنە شۇنداق ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەكرى ئەخمەت مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، دېھقانلار كەچلىك كۇرس، يىغىن، مۇزاكىرىلەرگە قاتناشقاندا كۆپ پىكىر قاتناشتۇرمايتتى، ھازىر ھەممەيلەن بەس – بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى ماختاپ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان، كەنتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەتتا كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان بولدى. ئىشىك ئالدىنى تازىلىمىغان، كوللېكتىپ تازىلىققا قاتناشمىغان، قوشنىلىرى بىلەن ئەپ ئۆتمىگەن، دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىشقا سەۋەبسىز كەلمىگەنلەرمۇ كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرىنىڭ نازارىتىدىن ساقىت بولمىدى.

   بارىن يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گۈلباغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇختەر قۇربان مۇنداق دېدى: يېقىندا كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرىنىڭ قارارى بىلەن 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، كەنتىمىزدە توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەرىكە زالى قۇردۇق. بۇ مەرىكە زالىنىڭ ئاشخانا، سۇخانا، مېيىتخانا ۋە پائالىيەت سورۇنلىرى كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپى بويىچە يۈرۈشلەشتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن دېھقانلار ھەقىقەتەن خۇش بولدى. ئىلگىرى كەنتىمىزدە توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم بولۇپ قالسا، دەپ ئۆينى چوڭ سالىدىغان ئادەت بار ئىدى، ئەمدى ئۆينى بۇنچىۋالا چوڭ سېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بۇ مەرىكە زالىمىز دېھقانلارنىڭ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقالايدۇ.
نۇرۇم ئىسمائىلقان ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتى پارتىيەمىزنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شۇڭا، قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر قانداق خىزمەتتە مۇشۇ كۆرسەتمە بويىچە تەدبىر بەلگىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ جەھەتتە تۇنجى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستۇق ھەم ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2017/12/19/035058351.shtml



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号