باش بەت

خەۋەرلەر

7492يوللانما
39مەستانە

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ(مەخسۇس كۇرس)لەردە يېڭىدىن 56 كەسىپ كۆپەيتىلىدۇ

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-20 13:33 0 ئىنكاس چۈشتى

   مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس)لەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، رايونلارنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، 2018 – يىلىدىن باشلاپ 56 كەسىپنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس)لەر يېڭىدىن 67 كەسىپنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە سۇنغان، ئاپتونوم رايون بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى سۇنغان «سانائەت ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى» قاتارلىق 40 كەسىپ ۋە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى سۇنغان «رەقەملىك مېدىئا تېخنىكىسى» قاتارلىق بەش يىللىق تۈزۈمدىكى 16 كەسىپنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. يېڭى قوشۇلغان كەسىپلەر ئىچىدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش، ياشانغانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، قوللىنىشچان چەت ئەل تىلى قاتارلىق كەسىپلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ كەسىپلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.
 

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2017/12/19/035058359.shtml



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号