باش بەت

خەۋەرلەر

4826يوللانما
25مەستانە

شاڭخەيدىن كەلگەن كادىرلار قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا مەۋقەنى قەشقەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-20 15:34 0 ئىنكاس چۈشتى

  مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل خەۋەر قىلىدۇ: شاڭخەي شەھىرىدىن قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا قۇرۇلتاي دوكلاتىنى مەخسۇس تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىپ، تەسىرات سۆزلەپ، باي – باياشات، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل قەشقەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  شاڭخەي شەھىرىنىڭ قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىش، كەسىپنى مۇھىم ئورۇنغا، پىلانلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم بىلىش»تىن ئىبارەت خىزمەت فاڭجېنىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى قەشقەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇ جەرياندا شاڭخەي – قەشقەر كەسپىي مائارىپ بىرلەشمىسى قۇرۇپ، ئۇنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «سىناق نۇقتىسى، تەجرىبە نۇقتىسى، ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى» قىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەردى ھەم قەشقەرگە سەھىيە جەھەتتە ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 117نى كىرگۈزۈپ، 7 مىليارد 360 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 10 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، قەشقەردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى ۋە تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن 100 مىڭ (قېتىم)دىن كۆپرەكنى تەربىيەلەپ، قەشقەر ئۈچۈن «كەتمەيدىغان ئىختىساسلىقلار» قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەربىر كادىر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «قەشقەرگە نېمە ئۈچۈن كەلدىم، قەشقەردە نېمە ئىش قىلىمەن، قەشقەرگە نېمىلەرنى قالدۇرۇپ كېتىمەن» دېگەن مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، قەشقەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

  شاڭخەي شەھىرىنىڭ قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ جېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى شاڭخەي شەھىرىنىڭ 9 – تۈركۈمدە قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش» تەكىتلەندى. شۇڭا بىز بۇنىڭدىن كېيىن قەشقەردىكى كارخانىلارنى «شاڭخەي 1 – نومۇرلۇق دۇكان»، «جىڭدۇڭ» سودا شەھەرچىسى قاتارلىق داڭلىق سۇپىلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تور دۇكىنى، يان تېلېفون APP سى قاتارلىق تىجارەت يوللىرىنى ئېچىشنى؛ شاڭخەي «چاڭجياڭ» ئۆي سودىسى قۇرۇلۇشى «بۈگۈنكى قەشقەر سارىيى»نىڭ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش تۈرىگە مەدەت بېرىپ، قەشقەرنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ شاڭخەيدە سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ سىياسەت تۈزۈش، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تىجارەت باشقۇرۇش تەرتىپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى؛ شاڭخەي «شىنيۆ ئەشيا ئوبوروتى» تۈرىنى قەشقەردە ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شاڭخەي خەلقئارا پاختا سودىسى مەركىزىنىڭ كاپالەت باھا مۇلازىمىتى سىناق نۇقتىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى؛ تەرەققىيات رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك سۇپا قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، باي – باياشات، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل قەشقەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى پىلانلىدۇق.

  شاڭخەي شەھىرىنىڭ قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پوسكام شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى خۇ جىخۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ بىزگە مەدەت ۋە ئىلھام بولدى، بىز نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىمىز ۋە ھەربىر ئىش – ھەرىكىتىمىزگە مۇشۇ كۆرسەتمىنى سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشىمىز.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2017/12/20/035059004.shtml



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号