باش بەت

خەۋەرلەر

7492يوللانما
39مەستانە

تاۋ يىڭفۇ بوۋاي 14 يىل كۆچەت تىكىپ، «يېشىل تەرەققىيات»قا ھەسسە قوشتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-20 15:44 0 ئىنكاس چۈشتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلزار ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەسىنىڭ قارا تۆپە يېزىسى تاشيول كەنتىدىكى تاۋ يىڭفۇ ياشانغىنىغا قارىماي 14 يىل كۆچەت تىكىپ، 100 مو چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، «يېشىل تەرەققىيات»قا ھەسسە قوشتى.

  بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن تاۋ يىڭفۇ بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى كەنت تەشكىلىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كەنتنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆل – جەزىرىدىن 55 مو يەرنى ھۆددە ئېلىپ كۆكەرتىشكە كىرىشتى. ئۇنىڭ ئارزۇسى بۇ يەرنى يېشىللىققا ئايلاندۇرۇش ئىدى. ئۇ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ ئىشلەپ، ھەر يىلى تېرەك كۆچىتى تىكتى. ئۆزى ھۆددە ئالغان يەرگە تېرەك كۆچىتى تىككەندىن سىرت، ھۆددە يېرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېدىرلارغىمۇ كۆچەت تىكتى. ئۇ يېقىندا «چۆلنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغان»لىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: مەن يېشىللىقنى ياخشى كۆرىمەن، 2003 – يىلى كەنت تەشكىلىنىڭ قوللىشى بىلەن دەسلەپتە 55 مو چۆللۈكنى ھۆددە ئېلىپ تېرەك كۆچىتى تىكىپ سىناپ باقتىم. بۇ چاغدا بەزىلەر بۇ چۆلگە تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قىزغىنلىقىمغا سوغۇق سۇ سەپتى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمىدىم. سىناق قىلىپ تىككەن كۆچىتىم تۇتۇپ ماڭا ئۈمىد ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قولۇمغا گۈرجەك، مىتىن ئېلىپ، شېغىل تاشلارنى ئاز – ئازدىن قېزىپ ئورەك كولاپ، ھەر يىلى باھاردا تېرەك كۆچىتى تىكتىم، كۆچەتلەرنى ئۆزۈم تاللاپ سېتىۋالدىم. سۇ يوق ئەھۋالدا يىراقتىن سۇ توشۇپ كۆچەتلەرنى سۇغاردىم. كۈنلەر، يىللار شۇنداق ئۆتتى، «كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە» دېگەندەك كۆچەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىۋېدىم، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولدى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ماڭا ئۈمىد ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى ئېدىرلارغىمۇ كۆچەت تىكتىم. نەتىجىدە، 14 يىلدا مەن كۆكەرتكەن چۆللۈك 100 موغا، تىككەن كۆچەت 15 مىڭ تۈپكە يەتتى.

  تاۋيىڭفۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلدى. مەن ئېغىزغا ئالغۇدەك ئالاھىدە ئىشلارنى قىلالمىغان بولساممۇ، «يېشىل تەرەققىيات»قا ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشالىغىنىمدىن خۇرسەنمەن. گەرچە ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، روھىم تېخى ياش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، چۆللۈكنى كۆكەرتىشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇش ئىرادەم بار.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2017/12/20/035059009.shtml



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号