باش بەت

خەۋەرلەر

4826يوللانما
25مەستانە

لىشۈي شەھىرىنىڭ ياردىمىدە توقسۇ ناھىيەسىدىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسى ئۆستى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-20 17:30 0 ئىنكاس چۈشتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەمەت تۇراپ خەۋەر قىلىدۇ: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ دۆلەت تىلى مائارىپىغا بەرگەن ياردىمىنىڭ تۈرتكىسىدە، توقسۇ ناھىيەسىدىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ناھىيەنىڭ «قوش تىل» مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ناھىيەلىك پارتكوم بۇ يىلدىن باشلاپ يەسلى بالىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، لىشۈي شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ھەر يىلى 20 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، خۇنەن ئۆلكىلىك دۇڭفاڭ شياڭلىن مائارىپ چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى قارار قىلدى. ناھىيەلىك «دوستلۇق» بالىلار يەسلىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ 18 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بىلەن سېلىنىپ، بۇلتۇر 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنىدى. بۇ بالىلار يەسلىسى خۇنەن ئۆلكىلىك دۇڭفاڭ شياڭلىن مائارىپ چەكلىك شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىنغان يەسلى بولۇپ، يەسلى باشلىقى يىن يۈ مۇنداق دېدى: يەسلىمىزگە 700 بالا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بىر يىلدا بالىلار بىر جۈملە دۆلەت تىلى بىلمەيدىغان ھالەتتىن ھازىر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دۆلەت تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، ھېكايە سۆزلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى، بۇنىڭدىن بالىلارنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلغان ئەجىرىمىزنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  ئۇقۇشىمچە، «دوستلۇق» بالىلار يەسلىسىدىكى بالىلارنىڭ %80 تىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بالىلار بولۇپ، يەسلى مەسئۇللىرى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن بىرەر جۈملىمۇ دۆلەت تىلى بىلمەيدىغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن. بۇ يىل تۆت ياشقا كىرگەن مۇزەپپەر ئەسەت 9 – ئايدا ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يەسلى بالىلىرىنىڭ دۆلەت تىلىدا ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 6 – لىككە ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان. لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندانى لو يۈنچەن مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك «دوستلۇق» بالىلار يەسلىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىش سىناق نۇقتىسى بولۇپ، بىز ئىلغار ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەسلىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2017/12/20/035059057.shtml



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号