باش بەت

نۇسرەتگۈل

10601يوللانما
190مەستانە

ئامېرىكىدىكى كەسپىي ماھىرلارنى بېسىپ چۈشىدىغان 1 ياشلىق قار تېيىلغۇچى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-20 19:14 2 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 20-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 18-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-دېكابىر ئامېرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-ئايال بىر ياشقا كىرەي دېگەن قىزى كەش روۋلېينى (Cash Rowley) ئېلىپ ئايداخو ئىشتاتى بۇرگېس ئويمانلىقىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىغا بارغان. ئويلىمىغان يەردىن كەش قار تېيىلىش ماھارىتىنى بىردەمدىلا ئۆگىنىۋېلىپ، كەسپىي ماھىرلارغا ئوخشاپ قالغان.

9-دېكابىر كەش بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇرگېس ئويمانلىقىغا بېرىپ قار تېيىلدى. ئويلىمىغان يەردىن تېخى بىر ياشىمۇ كىرمىگەن كەش ئائىلىسىكىلەرنىڭ ياردىمىدە قار تېيىلىش ماھارىتىنى تېزلا ئىگىلىۋېلىپ ئاتا-ئانىسىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئارقىدىن، كەشنىڭ دادىسى نىك روۋلېي (Nick Rowley) كەشنىڭ قار تېيىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن سىننى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستلىرىگە يوللىدى.

سىننىڭ دەسلىپىدە بىرەيلەن كەشنىڭ تېيىلىش تاختىسىنى يېنىك ئىتتىردى. ئارقىدىن، كەش پەسكە قاراپ سىيرىلىشقا باشلىدى. بىر نەچچە سېكونتتىن كېيىن ئۇ توختىغاندا يەنە بىرەيلەن تۇتۇۋالدى؛ باشقا بىر كۆرۈنۈشتە كەشنىڭ يانتولۇقتىن يەنە ئىتتىرىۋېتىلىپ قار تېيىلىشقا باشلىغانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ سىندا ئۇ تېيىلىدىغان ئارىلىق تېخىمۇ يىراق بولغاندىن باشقا، يەنە ئۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن يېرىم ئولتۇرۇۋالدى. كەشنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەندىن كېيىن يەنە بىر يانتولۇقتىن تېيىلغىلى ئېلىپ كەتتى. بۇ جايدا ئۇ بىر كىچىك ئويمانغا يولۇقۇپ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ پېشانىسىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. بىراق، كەش ناھايىتى تېزلا بەدىنىنى ئالدىغا ئېگىپ قوللىرى بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرۇۋېلىپ ئۆزىنى ئوڭلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، كەش ئائىلىسىدىكى ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى دائىم ئۇنى چاڭغا ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ مەشىق قىلدۇرغانىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يارقىن4 ئاي ئىلگىرى

    بىر ياشلىق بالا ئەمدى ماڭىدىغان تۇرسا ❔

  • ئەمەتجان 0074 ئاي ئىلگىرى

    ساقتا خەۋەر، بىر ياشقا كىرگەن بالنىڭ يۈگۈرشىمۇ تەسرەك تۇرسا قارنى كەسپىي تېيىلغۇچىلاردىن ئېشىپ چۈشكىدەك تىيلىيدۇ دىگىنى ئېشىپ كىتىپتۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号