باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

جۇڭگودىكى ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا نېمە سەۋەبچى؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-21 11:16 23 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىمەكتە. جۇڭگو خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەتتە جەمئىي 5 مىليون 580 مىڭ جۈپ ئەر-ئايال يېڭىدىن توي قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1 مىليون 850 مىڭ جۈپ ئەر-ئايال ئاجراشقان. جۇڭگودىكى ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئالدىنقى ئون شەھەر ئايرىم-ئايرىم بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن، گۇاڭجۇ، شيامېن، تەيبېي، شياڭگاڭ، داليەن، خاڭجۇ ۋە خاربىن. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن، گۇاڭجۇ ئالدىنقى 4 ئورۇنغا تىزىلغان. 

ئاجرىشىشنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: 

6. ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجى

5. ناچار ئادەت

4. قېيىنئانا بىلەن كېلىن ئەپ ئۆتمەسلىك

3. مىجەزى كېلىشمەسلىك

2. ئائىلە زوراۋانلىقى

1. بىر تەرەپ يولدىن چىقىش

جۇڭشاڭ كەسىپلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يولدىن چىققۇچىلار ئىچىدە ئائىلە ئايالى ۋە IT كەسپى ئەرلىرىنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى يولدىن چىققان ئاياللارنىڭ %18تى ئائىلە ئايالى ئىكەن، ئىككىنچىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ %13.8، دوختۇر %8.6، كاتىپ %7.2، لايىھەلىگۈچى %6.1 ئىكەن. IT كەسپى ئەرلىرىنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ %10.6نى ئىگىلىگەن، پۇل-مۇئامىلە كەسپىدىكىلەر %8.2نى، ئوقۇتقۇچىلار %4.6نى، ئادۋۇكاتلار %3.8نى ئىگىلىگەن. 

بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپىمىزدا ئاجرىشىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇ ئىش ئۆتمۈشتىكىدەك «ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان نومۇسلۇق ئىش» بولماي قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجرىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 80-يىلى ۋە 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار ئەر-ئاياللار.

زادى نېمە سەۋەب ياشلارنى نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويۇشتىن باش تارتقۇزدى؟ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئاجرىشىش يولىنى تاللايدۇ؟ 

سەۋەبى نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر نىكاھتا ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل.

كىشىلەرنىڭ نىكاھقا ئەستايىدىل قاراش نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە، جىلىن ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىكى فۇ چېڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، توي قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئازلاپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇنى كۆپ خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

نوپۇس قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بۇ بىرقانچە يىلدا توي قىلىشقا ماس كېلىدىغان ياشلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن ئازلىغان. نوپۇسنىڭ ئېقىشچانلىقى بارغانسېرى تېزلەشكەن، ياشلار ئېقىشچان ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، ناتونۇش مۇھىتتىكى تۇرمۇشتا پىسخىكىلىق بېسىمى ئېشىپ كەتكەن، ياشلار ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشقا تىرىشىدىغان بولغاچقا، ھازىر 30 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ توي قىلماسلىق ئەھۋالى نورمال ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ياشلارنىڭ پىسخىكىلىق يېشى بىلەن فىزىيولوگىيەلىك يېشى ماس كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ھازىر پىشىپ-يېتىلمىگەن ئوغۇللار كۆپرەك، قىزلار ھەمراھ تاللىغاندا ئوخشاش ياشتىكىلەرنى تاللاشنى خالىمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن توي قىلماسلىق ياكى كېچىكىپ توي قىلىش ئەھۋالى دائىملىق ئەھۋالغا ئايلانغان. 

«كىشىلەرنىڭ نىكاھقا ئەستايىدىل قاراش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كەتتى.» نۆۋەتتىكى ئاجراشقۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن فۇ چېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر نۇرغۇن ئەر-ئاياللار «كېلىشەلىسەم ئۆي تۇتىمەن، كېلىشەلمىسەم ئاجرىشىمەن» دەيدىغان قاراشتا بولۇپ، نىكاھنى بىر خىل تۇرمۇش شەكلى قىلىۋالغان، نىكاھنى ئۆمۈرلۈك مۇھىم ئىش دەپ قارايدىغانلار بارغانسېرى ئازلىغان. 

جەمئىيەتتىكى بۇ ئادىلسىزلىقلار، باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى، كىشىلەرنىڭ پۇلغا زىيادە چوقۇنۇشى ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرۇۋەتمەكتە، ھەممىلا ئادەم ئېرىشىش ئۈچۈن، نىكاھمۇ ئېرىشىش ئۈچۈن، ئېرىشەلمىسىلا ئىككىلا تەرەپ مىجەزىدىكى يامان تەرەپلىرىنى ئاشكارىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كاللىسىغا كېلىدىغان تۇنجى سۆز «ئاجرىشىش» بولىدۇ. 

كىشىلەردىكى ئەقىدىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن ئەر-ئاياللاردىكى ئەيمىنىش تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەر ھەرقانداق ئىشنى قىلىدۇ، يولدىن چىقىشقىغۇ گەپ كەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ھېسسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر مىزانغا ئايلانماقتا. ئەخلاق، قائىدە-ئۆلچەمنىڭ چەكلىمىسىمۇ بارغانسېرى ئاجىزلىماقتا. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇقام يۇرتى2 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ بەھرام كور دىگەن نۇرداش ئىسمى -جىسمىغا لايىق كوردەكلا گەپ قىپتۇ ، جەميەتنى كۈزەتكەن ئادەم سەلبى تەرەپنىمۇ ھەم ئىجابى تەرەپنىمۇ تەڭ كۈزۈتۈش كىرەك . جەميىتتە يامان ،ناچار ئىشلار ئاز بىر قىسىمنى ئىگەللىسە ياخشى بولغان ئىشلار كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ ، باش ئاغرىقى بولىدىكەن دەپ خوتۇن ئالماي ،ئۆي تۇتماي ،بالا -چاقىلىق بولماي ھەر كۈنى دىگۈدەك ياكى شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ياتاقتا ياتسا بۇ ئاقىلانىلىك بولامدۇ . ھەي بەھرام كور ھەي بەھرام كور بۇ كۆزى كورلۇقتىن مېڭىسى ئالجىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  • مەستۇرە3 ئاي ئىلگىرى

    ئاجراشماكچى بولغانلار بالىلىرىڭلانى ئويلاپ قۇيۇڭلا

  • ئەركەك3 ئاي ئىلگىرى

    ئالم مالم ناھايىتى ئۇرۇنىلۇق گەپ قپتۇ ئەرلەر ھەققى ئەركەكتەك ياشايىلى ئايالمىزغا بالىرمىزغا ،ئاتا،ئانىمىزغا يۇز كەلىگدەك ياشايىلى

  • ئالىم-مالىم3 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇنقى دەۋىردە ئەر ئۆينى باقىدۇ، ئايال ئۆيدە باللارنىڭ ھالدىن خەۋەر ئىلىپ ئۆي ئىشلىرنى قىلدۇ. بۇنداق بولغاندىن كىيىن ئايال ئەرگە ئىتائەت قىلدۇ ۋە كۆزى بەك ئىچىلىپ كەتمەيدۇ، ئەردىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقىدۇ، ئەرلەرمۇ خاتالىق سادىر قىلىپ سالغان تەخدىردىمۇ يەنلا ئاخىرى ئۆينى دەپ، بالنى دەپ ئۆيگە قايتىپ كىلدۇ ئايال بولسا كەچۈرۋىتدۇ. ۋەھالەنكى بۇگۈنكى ئاياللارنىڭ كۆزى ئىچىلدى، ئۆزى پۈل تاپالايدىغان بولدى شۇڭا بو ئاجرىشىش كۆپەيسە كۆپيىدىكىن ھەرگىز ئازلاپ قالمايدۇ.( مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم بۇ)

  • مارىسلق ماشنا3 ئاي ئىلگىرى

    بەھرام كورنىڭ دىگننى چۇشنەلمەپسلەر ، ئ‍ۇ ئ‍ورونلۇق گەپ قىلپتۇ، قارشى ئىنكاستا بولغنىڭلار يىزدا تۇردغانلىرىڭلار بۇلشى مۇمكىن

  • nur3 ئاي ئىلگىرى

    گۈلجەتىن نۇرداش ناھايىتى توغرا دەپتۇ ،بەزى ئاكا ئىنىلىرىمىز پۇلغا ئامراق ،پۇل ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىدىغان ئايالغا ئۇچراپ قالغان بولغىيمىدى ھەممە ئايالنى بىر تاياقتا ھەيدەپ گەپ قىپتۇ .ئەمىلىيەتتە ئاياللار ئۆي ئۈچۈن ،بالا ھەم ئەر ئۈچۈن ئەڭ زور بەدەل تۆلىگۈچى ،ئەرلەرگە قارىغاندا قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بىرىش كۈچىمۇ زور ،قۇربانلىق بىرىشكە رازى ، بىراق ئەرلەردە شۇنى ھېس قىلالايدىغان قەلىپ بۇلۇش بىلەن بىرگە ئاياللارنىڭ ئازراق ئەركىلىشىنى ،كوتۇلداشلىرىنى ،ۋايساشلىرىنى كۆتۈرىدىغان مىھرى مۇھەببىتى بۇلۇشى كېرەكتە .ئەلۋەتتە چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ،ئەر ئايال بىر بىرىنى تولۇقلىيالايدىغان ،بىربىرىنىڭ ھالىغا يىتىدىغان بولسا ئىناق ئۆتكىلى بولىدۇ .تۇرمۇشتا ،قىسقىغىنە ھاياتتا ئاتالماس ئوقىدىن ،چىچالماس پوقىدىن .دىگەندەك سۆيۈملۈك ئاتا ئانىلىرىمىزغا ئاتىپ قويۇپ ئاجرىشىش ئاقىلانىلىك ئەمەس .چوڭلارنى زىددىيەتلىك قىلماسلىق ئۈچۈن ئەر ئايال بولغان ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشنىڭ ھەممىسىنى سىيگەن ،چىشقان ،ماڭغان تۇرغاننى بىچارە ئاتا ئانىڭىزغا دىمەي ئۆزەڭلا تىنىچ ھەل قىلساڭلا چوڭلارنىڭ يۈىكى ئاغرىمىسا تۇرمۇشىڭلىغا ئارلاشمايدۇ .ئاتا ئانا بولغان ئادەم بالىسىنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسىمۇ يۈرىكى ئاغرىيدۇ ,شۇڭا كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى ئاتا ئانىڭىزغا دىمەڭ .

  • ئۇمماق…ھېي!!! 3 ئاي ئىلگىرى

    ئاياللار كۈيۈنۈشكە
    ئەرلەر چۈشۈنىشكە
    مۇھتاج،

  • sarang bora3 ئاي ئىلگىرى

    ئۆز ئارا ئۇقۇشماسلىق بىلەن ئۆز ئارا چۈشەنمەسلىك، ھەقىقى سەۋەپ

  • كۇنلەر …شۇنداق3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇندىدرامۇ ئازىراق نىسپەتنى ئىگەللەرمۇ؟

  • تۆمۈرتۇمشۇق3 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىدىن كۆزكۆزقىلىش ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللەش بايلىقنى كۆزكۆزقىلىش قاتارلىقلارنىڭ بىرى ئارلاشسا ھەممەئىش تەتۈربۇلىدۇشۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号