باش بەت

ئىرپان

2766يوللانما
400مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل كېلەر يىلى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-21 12:13 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 21-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىشىچە، مورگان شىركىتى Frazer-Nash ئېنېرگىيە سىستېمىسى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىغان، ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپىدا ھەمكارلىشىدىكەن، مورگان EV3 ئاپتوموبىلى 2018-يىلى رەسىمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىلىدىكەن.

EV3 ئاپتوموبىلى 2016-يىلى رەسىمىي ئېلان قىلىنغان، ئەينى چاغدا ئالدىن سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 850 مىڭ يۈەن ئىدى ھەمدە 2017-يىلى دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلمەكچى بولغان. بىراق نېمىشقىكىن، مەزكۇر ئاپتوموبىل باشتىن-ئاخىر تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلمىدى.

Frazer-Nash Energy Systems بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئورگان تەرەپمۇ 2018-يىلدىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى رەسىمىي ئېلان قىلدى، ساپ قولدا ياسالغان بۇ كىلاسسىك ئاپتوموبىل تىپى كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە قايتىپ كېلىدۇ.

مورگان EV3نىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 500 كىلوگىرامغا بارمايدۇ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە مۇرەككەپ كاربون تالالىق ماتېرىيال قوللىنىلغان، ئىنتايىن مۇستەھكەم.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە 2016-يىلى ئېلان قىلىنغان مورگان EV3 ئاپتوموبىلىغا سەپلەنگەن 46kWلىق ئېلېكتر ماتور ئارقا چاقنى سۆرەشكە مەسئۇل بولىدۇ، 20kWhلىق لىتىي باتارېيە گۇرۇپپىسى چېلەك شەكىللىك يەككە كوزۇپلۇق گەۋدىسىنىڭ ئاستى قىسىمىغا ئورنىتىلغان. ئورگان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، مورگان EV3 ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇدا مېڭىش مۇساپىسى 241 كىلومېتىر، 0-100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 9 سېكۇنتتىن قىسقا، ئەڭ تېز سۈرئىتى 145km/h ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号