باش بەت

azimat.ahmat

10يوللانما
0مەستانە

كارتىسىدا تۇيۇقسىز 310 مىڭ يۈەن كۆپىيىپ قالغان ئايال بىپەرۋا پۇل ئىگىسىنى جىددىي ئىزدىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-21 16:16 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چاڭجاڭيۈن خەۋىرى، ئامەت قۇشى بېشىغا قونغان زادى قانداق بىر تۇيغۇ؟ يېقىندا ۋۇخەندىكى يۈ خانىم شۇنداق ئامەتكە ئۇچرىدى. 19-دېكابىر كەچتە يۈ خانىم جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئەپ دېتالى ئارقىلىق قالدۇق سوممىسىنى تەكشۈرگەندە ئۆزىنىڭ كارتىسىدا 310 مىڭ يۈەن ئارتۇق چىققانلىقىنى بايقىغان.

ئالدىدا يۈ خانىم ئەپ دېتالىدىن خاتالىق چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان، كېيىن ئىككى قېتىم ئەلى چىقىمدانىغا 10 مىڭ يۈەندىن پۇل ئۇرۇپ سىناپ باققان، ئەلى چىقىمدانىغا پۇل كىرگەندىن كېيىن يۈ خانىم بۇ پۇلنىڭ كارتىسىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن.

بۇ پۇللار قەيەردىن كەلدى؟ يۈ خانىم ئائىلىسىدىكىلەردىن، دوست-بۇرادەر، خىزمەتداشلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىپ، پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلىماقچى بولدى، نەتىجىدە ھېچكىم يۈ خانىمغا پۇل ئۇرمىغان بولۇپ چىقتى. يۈ خانىم پۇلنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن 20 مىڭ يۈەننى چىقىرىپ قايتىدىن بانكا كارتىسىغا سېلىپ قويدى. 

بانكا ھېسابات تەپسىلاتىدىن بۇ پۇلنىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈ خانىمنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ تەپسىلاتتا قارشى تەرەپنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ كېيىنكى تۆت خانىسىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ. يۈ خانىم: «شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە بىرەرسى مەن بىلەن ئالاقىلاشمىدى، قارشى تەرەپ چوقۇم بەك تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، مەن ئۇنى تېپىشىم كېرەك» دېدى.

بانكا خادىملىرى تەكشۈرۈپ، بۇ پۇلنىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يۈ خانىمنىڭ بانكا ھېساباتىغا ئۇرۇلغانلىقىنى، پۇل ئۇرۇلغان ئورۇن خاڭجۇ شەھىرى بولۇپ، پۇل ئۇرغان كىشىنىڭ فامىلىسىنىڭ چى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. نۆۋەتتە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ۋۇخەن تەيبېي يولى تارماق بانكىسى بىلەن خاڭجۇ شۆبە بانكىسى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ھەل قىلىش لاھىيەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۈگۈننى قەدىرلەڭ2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ئېسىل پەزىلەتلىك ئايال ئىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号