باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1352يوللانما
1663مەستانە

لازابەگ تېز تاماقخانىسىدا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە:نۇر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-21 16:01 5 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى مەخسۇس خەۋىرى:

ئەڭ ئالدى بىلەن لازاخۇمار يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش شىركىتىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. 

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لازاخۇمار شىركىتى خادىملىرى يەنئەن يولىغا جايلاشقان باش دۇكىنىدا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى. 

 جەمئىيەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە تىنچ-ئامان تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ، جاپالىق ئەمگىكى بىلەن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان ئاھالە كومىتېتى رەھبەرلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش سېپىدىكى جاپاكەش ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەمدە ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ لازاخۇمار شىركىتى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. 

 لازاخۇمار شىركىتى مەسئۇلى مۇنداق دەيدۇ:«بىز 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندۇق. پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا جەمئىيىتىمىز كۈندىن كۈنگە تىنچ-ئامان، سىجىل تەرەققىي قىلىپ ماڭماقتا. پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىمۇ باي-باياشاتلىققا تولۇپ، مەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن چوڭ بۆسۈشكە يۈزلەنمەكتە.

شىنجاڭ لازاخۇمار يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش شىركىتى 2010-يىلى يەنئەن يولى تۇنجى كىچىك تىپتىكى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشلىغان، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ خىزمەتچى بار تېز تاماقخانىدىن بۈگۈنكى كۈندە مۇنتىزىم تارماق دۇكانلىرى بەشكە يەتكەن 50-60 ئادەمنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان مۇنتىزىم زەنجىرسىمان شىركەتتە ئايلاندى. 

 مېنىڭ شىركەتنىڭ ئۆز مۇلازىمەت دائىرىسىدە ۋاكالىتەن تارماق دۇكان ئاچقۇچىلارنى تەربىيىلەپ، ھەر قايسى جايلاردا تارماق دۇكان ئېچىش ئارزۇيۇم بار.»

 ئەلۋەتتە ئىمكانىيەت بولسا مۇبارەك قەدىمىڭىز بىلەن تىجارەت سورۇنىمىزغا تەشرىپ قىلىپ يېڭىلىق تاماقلار، ئۆزگىچە تەملەرنى تېتىپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. لازاخۇمار شىركىتىدىكى بارلىق خادىملار خېرىدارلىرىمىزغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭىلىق تائاملارغا ئېغىز تەگكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئائىلىسىدە ئولتۇرۇپمۇ تاماقلىرىمىزغا ئېغىز تېگەلەيدىغان يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. تاماق بۇيرۇتۇش مۇلازىمەت نومۇرى: 2888026-0991

ھەمكارلاشقۇچى ۋە ۋاكالەتچى چاقىرىش تېلېفون نومۇرى:

18599132950

13999972439





دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
  • چىرايلىق3 ئاي ئىلگىرى

    غۇلجىدا تارماق دۇكان بارمىدۇ؟ئەجەپمۇ يېگۈم كەلدى.

  • سۇ3 ئاي ئىلگىرى

    تارمىقنى ئىچشقا بولامۇ

  • قوزىلىرىم ئۈچۈن3 ئاي ئىلگىرى

    بەكلا يېگۈم كەلدى ،لېكىن خوتەندە ئەمەسكەن

  • lazabag3 ئاي ئىلگىرى

    رەھمەت كەپ تاماقلىرمزنى تىتپ كورۇڭ

  • گۇلدەستە3 ئاي ئىلگىرى

    نمانداق پەيزى تاماقلار ئۇ يىگۇسنى كەلتۇرۇپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号