باش بەت

azimat.ahmat

10يوللانما
0مەستانە

ئەر ئالدىنقى ئايالىغا داۋاملىق پۇل بېرىشنى رەت قىلدى: خەقنىڭ خوتۇنىنى باقمايمەن

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-21 22:35 5 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

گوxx بىلەن ياڭxx نىكاھلانغاندىن كېيىن، تەرەپلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ تۈگىمىگەن، گوxx ئاخىرى 2005-يىلى، 2007-يىلى، 2008-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ قېتىم سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلغان. تەرەپلەر ئۆلىرىنىڭ كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغان. گوxx ياڭxx نى «مىجەزى ئوسال، ئۆي ئىشلىرى ئۈچۈن سوقىشىدۇ» دەيدۇ، گوxx بولسا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ، نىكاھتىن ئاجرىشىشقا قەتئىي قوشۇلمايدۇ ھەم گوxx نى «مال-مۈلۈكنى يۆتكەۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەيدۇ. 

2012-يىلى تەرەپلەر يەنە سوتلىشىپ قالىدۇ، بۇ قېتىم سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجىرتىلسۇن دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ياڭxx ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنىدۇ، ئاخىرىدا يىبىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسەگە يېتەكلىشى بىلەن، تەرەپلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ: «تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مۈلىكىدىن يۈننەندىكى ئىككى ئىسكىلات ياڭxx قا تەۋە، تەرەپلەر بىرلىكتە ماڭغۇزغان ئەشىيا ئوبروت مەركىزى گوxxنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشىگە قالىدۇ.

كېلىشىمنامە يەتكۈزۈلگەندىن تارتىپ، گوxx ياڭxx قا ئېيىغا 3000 يۈەندىن ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بېرىدۇ» دەپ يېزىلىدۇ، ئەمما قاچانغىچە بېرىش توغرىسىدا بىر مۇقىم ۋاقىت بەلگىلەنمەيدۇ.

«ئەينى ۋاقىتتا سوتچىدىن ئىقتىسادى ياردەم پۇلىنى بېرىش مۆھلىتىنى سورىغان، سوتچى ئىقتىسادىي ياردەم پۇلىنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىسىدە ياردەم قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىسا بېرىش كېرەك، ئىقتىسادى ياخشىلانسا ۋە ياكى قايتىدىن نىكاھلانسا بەرمىسىمۇ بولىدۇ، بۇنى كېلىشىمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن.» گوxx مۇخبىرغا قايتا-قايتا تەكىتلەپ ئىقتىسادى ياردەمنىڭ بىر مۆھلىتى بولۇشى كېرەك ئىدى، «ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە پۇل بەرسەم ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس، باشقىلار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادى ياردەمنى توختىتىش كېرەك» دەيدۇ.

بۇرۇنقى ئايالىم مېنى مۇتىھەم قىلىپ قويدى، ئايروپىلان، پويىزلارغا ئولتۇرالمايمەن.

2012-يىلى6-ئايدىن 2012-يىلى 12-ئايغىچە بولغان 1-قېتىملىق ئىقتىسادى ياردەم پۇلى سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق تېزلا ياڭxx نىڭ قولىغا تەگدى، كېيىن سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئىككى قېتىم پۇل ئېلىپ بەردى. 3 قېتىمدا جەمئىي 54 مىڭ يۈەن بەرگەن گوxx ئاخىرى چىدىماي، ياڭ xx كە داۋاملىق ئىقتىسادى ياردەم پۇلى بېرىشنى رەت قىلدى.

2014-يىلى 5-ئاي، تەرەپلەر يىبىڭ شەھەرلىك سۈيپىن ئىجرا ئىدارىسىدە مەسلىھەتلەشتى، بۇ قېتىمقى مەسلىھەتلىشىشتە ئايال تەرەپ بىرلا قېتىمدا 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن بىلەن بۇ ئىشنى «بىر قېتىمدا ھەل قىلىش» چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن گو xx بۇنىڭغا قوشۇلمىدى، ياڭ xx يەنە گوxx نىڭ ئۆتكەن يىللىق تۇرمۇش پۇلى 36000 يۈەننى بېرىشىنى، شىركەتنى ياڭ xx كە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئىشنى «پاكىز بىر تەرەپ قىلىش» پىكىرىنى بەردى. تەرەپلەر قوشۇلۇپ ئىجرا خاتىرىسىگە قول قويغاندىن كېيىن، سوتتىن چىقىپلا ھەممىسى پىكىرىدىن يېنىۋالدى. گو xx :«ياڭxx ئالدى بىلەن يېنىۋالدى، ئۇنىڭچە شىركەت بىر قۇرۇق قاپ ئىكەن» دېسە، ياڭ xx: «گو xx ئالدىدا يېنىۋالدى، 36000 يۈەن پۇلنى بەرمىدى» دەيدۇ.

214-يىلى، گو xx سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھەر قېتىمدا 15 كۈندىن ئىككى قېتىم توختىتىپ قويۇلدى: «ھازىر مەن ئالدىنقى ئايالىمنىڭ دەستىدىن مۇتىھەم بولۇپ قالدىم، ئايروپىلان، پويىزلادا ئولتۇرالمايمەن، تېلېفون نومۇرۇمنىمۇ نەچچە قېتىم ئۆزگەرتتىم، قەرز ئېلىشىممۇ تەسىرگە ئۇچرىدى» دەيدۇ.

گو xx: «ئىقتىسادى ياردەم پۇلى تەلەپ قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىقتىسادى ناچار بولۇش، لېكىن ئۇ نىكاھتىن ئاجىراشقاندا مۈلۈك بۆلۈنگەن، تۇرمۇشى ناچار ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتا نىكاھلانغان. مۇشۇ بىر پارچە كېلىشىمنىڭ دەستىدىن مەن ئالدىنقى ئايالىم، ئالدىنقى ئايالىمنىڭ ھازىرقى يولدىشى، مېنىڭ ھازىرقى ئايالىم غەلىتە بىر مۇناسىۋەتكە كىرىپ قالدۇق. «سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى بىر ئەر كىشىنى مەجبۇرىي ھالدا يەنە بىر ئەركىشىنىڭ ئايالىغا ھەر ئايدا 3000 يۈەن بېرىشكە قىستىغانلىقى بولىدۇ. ھازىرقى ئايالىم بۇ ئىش تۈپەيلى نەچچە قېتىم مەن بىلەن سوقۇشۇپ چىقتى.» دەيدۇ.

ياڭxx نىڭ ئاچچىقلىنىشى

«بۇ كۈنگە كېلىپ قالىدىغىنىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم، بەك ئاچچىقىم كەلدى، نەدىمۇ بۇنداق مۇتىھەملىك قىلغان بار؟» ياڭxx: «ئۇمۇ بۇ كېلىشىمنى ئەقىلگە سىغمايدۇ دەپ قارايدىكەن، چۈنكى بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر ئاۋارچىلىق ئىش. دەسلەپتە چۈشەنمىگەچكە، نىكاھتىن ئاجىرىشىپ باقمىغاچقا بىلمەپتىمەن، ئەمدى قانچىلىك ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم، بالدۇر بۇنداق بولىشىنى بىلگەن بولسام قانچە پۇل بەرسىمۇ ئاجىرىشىشقا قوشۇلمايتىم، كېلىشىمنامىگىمۇ قول قويمىغان بولاتتىم.

ئۇ بىر تىيىنمۇ چىقارمىسۇن، مۇتىھەملىك قىلىپلا ئۆلۈپ كەتسۇن...» ياڭ xx سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئالدىنقى يولدىشى ئۇنى كۆپ قېتىم ئۇرغان، ئۇنىڭ ھازىرقى ئايالى ئۇنىڭ ئاشنىسىكەن، «ئۇ بىر لۈكچەك، مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولسىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۆلتۈرۈپ قوياتتىڭىز.»

ياڭ xxنىڭ گوxxنى يېقىندا ئۇچرىتىشى تېخى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گەپ. شۇ كۈنى گوxx قىزىنى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتىپ، ياڭ xx كە 100 مىڭ يۈەن بىلەن تۈگىشەيلى دېگەن. مەن:« ياق، قانۇن بويىچە قانداق دېيىشكەن بولساق شۇنداق قىلىمىز دېدىم. كېيىن يەنە ئوخشاش مەزمۇندا تېلېفوندا سۆزلەشتۇق، يېرىمىدىلا تېلفوننى قويىۋەتتى، كېيىن ئالاقىلىشالمىدىم.»

ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، كېلىشتۈرگەن ۋاقىتتا سوتچى ئىقتىسادى ياردەم پۇلىنىڭ گېپىنى چىقارغاندا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر قېتىمدىلا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. «مەن ئىككى مىليون تەلەپ قىلدىم، ئۇ بۇنچىلىك پۇلنى چىقىرالمايمەن دېدى. ئەمسە ئېيىغا 5000 يۈەن بولسۇن دېسەم ئۇنىڭغىمۇ قوشۇلمىدى.» سوتچى كېلىشتۈرگەندىن كېيىن، ئەر تەرەپنىڭ ئايال تەرەپكە 3000 يۈەن ئىقتىسادى ياردەم پۇلى بېرىدىغان بولۇپ كېلىشكەن.

گو xxنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا بېرىش، قىيىنچىلىقى بولمىسا بەرمەسلىك دېگەن «خاتا چۈشەنچە»سىگە قارىتا، ياڭ xx بۇ بىرخىل ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش دەيدۇ. ئۇ تەكرار-تەكرار ئەسكەرتىپ: «كېلىشىم تەرەپلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئىمزالانغان، سوتچى ئېنىق قىلىپ بۇ ياشانغاندا ئالغان مائاشقا ئوخشاش، ۋاپات بولغانغا قەدەر بېرىدۇ دېگەن، سوتچى شۇنداق ئېنىق قىلىپ دېگەن گەپنى ئۇنىڭ خاتا چۈشىنىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.»

«ئىشلەۋاتقان ئادەملەرنىڭ پىنسىيە مائاشى بولىدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن 20 نەچچە يىل بىللە ئۆتتۈم، ئەجىبا مېنىڭ پىنسىيە مائاشىممۇ يوقمۇ؟ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەرگىز ئالدىنقى يولدىشىنىڭ قولىغا قاراپ قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى قانۇنىي كۈچكە ئىگە كېلىشىمگە ئىمزا قويغانىكەن ئاخىرغىچە ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى ئالدىدىكى 3 يېرىم يىللىق ئىقتىسادى ياردەم پۇلىنى ئىجرا قىلدۇرۇش ئىكەن.»

2013-يىلى ياڭ xx قايتىدىن نىكاھلىنىپ بىر پەرزەنتلىك بولغان «ئىككىنچى يولدىشىم شۇنداق ياخشى، پۇلىمىز بولمىسىمۇ قوسقىمىزنى ئاچ قويمايتتى، لېكىن ئۇنىڭمۇ دەردى بار، ئاپىسى 80دىن ئاشقان ئايال، زىممىسىدىكى يۈكى ئېغىر، بىزنى باقالمايدۇ.»

«بۇ قېتىمقى نىكاھ پەقەت 1 يىل داۋاملاشتى، بۇنىڭ ھەممىسىگە گو xx سەۋەبلىك! يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالدىنقى يولدىشىدىن پۇل ئېلىش ھەممە ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ئۇنىڭمۇ غۇرۇرىغا تېگىدۇ.» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يولدىشى ئۇنىڭ يەنە بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن ئىقتىسادى ماجىرا بىلەن سۆرىشىپ يۈرگىنى، پات-پات سوتقا بېرىپ يولدىشىدىن پۇل ئېلىشى ئۇنى زېرىكتۈرگەن. ئەمما تېزلا گېپىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇنداق دسەممۇ بولمايدۇ، نىكاھ دېگەن ئۆزۈمنىڭ ئىشى، بۇنداق قىلسام ئۇنى ئاۋارىچىلىققا قويغۇدەكمەن، شۇڭا ئۇنىڭغا باشقا ئادەم تاپ دېدىم، ئۆزۈم كۆتۈرەلىگۈدەكنى يەنىلا ئۆزۈم ھەل قىلاي.»

ياڭ xx مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ھازىر خىزمىتى يوقلىقىنى، ئۆزى يالغۇز سىرتتا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. «خىزمەت ئىزدەي دېگەن، لېكىن قارايدىغان كىچىك بالام بار، ھازىر ئاپامنىڭ ئۆيىدىن پۇل ئېلىپ، ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېلىۋاتىمەن» سوت مەھكىمىسى ئەينى ۋاقىتتا بۆلۈپ بەرگەن ئىسكىلاتنى بۇرۇن ئۆيىدىكىلىرىدىن قەرز ئېلىپ ئالغان ئىكەن، ھازىر ئىسكىلاتنى ئۆيىدىكىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.

«ھازىرچە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تۇرۇپ، بالامنى يەسلىگە بەرگەندىن كېيىن سودا قىلامەن ياكى باشقا خىزمەت ئىزدەرمەن. ھازىر پەقەت شۇنداق خىياللا بار، يىل ئاخىرىدا قانداق بولىدۇ بىلگىلى بولمايدۇ» دەيدۇ يىغلاپ تۇرۇپ.

چىڭدۇ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يىبىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىسى تەتقىقات ئىشخانىسىغا ئۇچۇر يوللاپ، شۇ ۋاقىتتىكى سوتچى ۋە ئىجرا سوتچىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، خەۋەر چىققۇچە جاۋاب قايتۇرمىغان.

بۇ درلوغا نىسبەتەن لو ئادۋوكات مۇنداق دەيدۇ: «مەسىلىنىڭ نېگىزلىك يېرى شۇكى، مەزكۇر كېلىشىمنامىدە كېلىشىم قىلغان پۇلنى بېرىش مۆھلىتى ياكى باشقا شەرتلەر ئېنىق بېكىتىلمىگەن، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە <تەڭ قىسلىقتا قېلىش> ھالىتى شەكىللىنىپ قالغان. ئەر تەرەپ ئىمزا قويغان ۋاقىتتا ئىنچىكە بولمىغان، مۆھلەت توغرىسىدا ئويلاشقان بولسىمۇ كېلىشىمگە كىرگۈزمىگەن، بۇ ئاخىردىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. بۇ مەسىلىنى ئادەتتىكى يول بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.» لو ئادۋوكات يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا ئۆزلىرى كېلىشكەن بولسا بىر قەدەر ئاسانغا توختايدۇ، لېكىن ھەر ئايدا 3000 يۈەن بېرىش دېگەن سۆز كېلىشىمنامىگە كىرگۈزۈلگەن، ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كېلىشىمنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىرى كېلىشىم مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ بولسا، يەنە بىرى ئىختىيارىلىق پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمىسە. بىراق، كېلىشىم مەزمۇنى قانۇنغا ئۇيغۇن، ئەمدىكى مەسىلە بۇ كېلىشىم تەرەپلەرنىڭ ئىختىيارلىقىمۇ ئەمەسمۇ، بۇنى ھازىر ئىسپاتلاش تەس.»

جاڭ ئادۋوكات مۇنداق دەيدۇ: «ئەر تەرەپ ئايال تەرەپنى ئەرز قىلىپ، ياردەم پۇلىنىڭ سانىنى ئازلىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

پەرزەتلەرنى بېقىشنىڭ مۆھلىتى بولىدۇ، ناۋادە ئاجىراشقان تەقدىردىمۇ ئالدىنقى ئايالىنى بېقىشقا توغرا كەلسە، يەنە كىم توي قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسۇن.» جاڭ ئادۋوكات يەنە مۇنداق دېدى: «ئايال تەرەپ قايتىدىن نىكاھلانغاچقا ئەر تەرەپ ئىقتىسادى ياردەم پۇلىنى بېرىشنى توختاتسا بولىدۇ، ناۋادا ئايال تەرەپنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى بولسا ئىككى بالىنى بېقىشى ئۇنىڭغا سەۋەب بولالمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەر تەرەپنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ يوق بۇنىڭغىمۇ قاراش كېرەك، ناۋادا ئەر تەرەپمۇ قايتىدىن نىكاھلانغان بولسا ياكى ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچارلاشقان بولسا بۇ پۇلنى بېرىشنى توختىتىش ھوقۇقى بار. بۇ كېلىشىمنىڭ ۋاقتى بېكىتىلمىگىنى ئەقىلگە سىغمايدۇ، ناۋادا ئەر تەرەپ ئاغرىپ قالسا ياكى تاسادىپىي ۋاپات بولسا ئايال تەرەپ ياشىيالمامدۇ؟»

«نىكاھ قانۇنى» نىڭ 42-ماددىسىدا ئىقتىسادى ياردەم پۇلى بېكىتىلگەن. جاڭ ئادۋوكات چۈشەندۈرۈپ:«نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەقىقەتەن بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ماددا ئاجىراشقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى شۇ جايدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن چۈشۈپ كەتكەندە ئاندىن تەدبىقلىنىش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق پۇلنى بىرلا قېتىمدا بېرىۋېتىش كېرەك، ئەڭ بولمىغاندا ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم. چەتئەللەردىمۇ بۇنداق ياردەم پۇلى بېرىدىغان مىساللار بار، لېكىن ھەممىسىدە مەلۇم بىر مۆھلەت بەلگىلەنگەن. ئادەتتە نىكاھنىڭ قانچە ئۇزۇن داۋام قىلغانلىقىغا قارايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا كېلىشىم قىلغاندا تەرەپلەرگە ئادىل بولۇشنى ئويلىشىش كېرەك، بولمىسا تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلغان تەقدىردىمۇ كېيىنكى مەسىلىلىرى تۈگىمەيدۇ، قانۇن نۇقتىسىدا قارىغاندا، ھازىرقى بۇ كېلىشىم مەزمۇنى بەك ئاددىي، نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدىغان ئوبىكتىپ، ياردەم قىلىش ئۇسۇلى، ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق بېكىتىلىشى كېرەك.»


باش سۈرەت تاللاش x
  • kolumni tut4 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ سوت ھۆكۈمى ئادىل بولماپتۇ، ئۇلار ھەققانىي بىر تەرەپ قىلالماپتۇ، سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمى ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشىمىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى ئىلىپ كەپتۇ

  • 139******244 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ دىلو ئەجەپ مۇرەككىپلىشىپ كەتتا

  • گۈلسەنەم1 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ ئەرنىڭ بۇرۇنقى خۇتۇنى ھەقىقەتەن بىشەملىكتە ئۇچچىغا چىققان ھازازۇل ئۆكتەم خۇتۇنكەن .

  • تاماشا1 ئاي ئىلگىرى

    توغرا گەپ قىپتۇ شۇ

  • تايماسبەگ1 ئاي ئىلگىرى

    گو فامىلىلىك ئەرگە ھەجەپ ئىچىم ئاغىردى، بىچارە، ئاۋۇ كىسىمنى چىقارغان سوتچىمۇ قانۇن ماددىلىرىدىن ئانچە خەۋرى يوقمۇ، شۇنچە چوڭ خاتالىققا يول قۇيۇپتۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号