باش بەت

durdana

1329يوللانما
80مەستانە

پادىشاھ بۇ ئايالنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت قانۇنىنى ئۆزگەرتكەن

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-22 10:16 19 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيادا زور كۆپ سانلىق ئادەم سىز ۋە ماڭا ئوخشاش ناھايىتى ئاددىي. بەزىلەر ئىزچىل ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن تىركىشىدۇ، بەزىلەر ئامەتنى قاماللىغىنىچە دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ، تۇغۇلۇشى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ لېكىن ئادەمنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغۇدەك ياشايدۇ، خۇددى سەلما بېننانى(Salma Bennani) غا ئوخشاش.

1978-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان بۇ قىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆلەتنىڭ خانىشىغا ئايلىنىشىنى، دۆلەتنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىشىنى ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغان.

سەلما ماراكەشتىكى ناھايىتى ئاددىي بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، 3 يېشىدا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسىدىنمۇ ئايرىلىپ، مومىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، بۇنداق كەچمىش سەلمانىڭ خاراكتېرىنى ناھايىتى مۇستەقىل قىلىپ ئۆزگەرتكەن.

سەلما تۇغۇلغان شەھەر

بۇ شەھەردە ئومۇمەن ماراكەشنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاياللارنىڭ ئورنى بەك تۆۋەن. ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن ئاساسەن ئۆيدىلا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقمايدۇ، ھەتتا دۆلەتنىڭ بىرىنچى خانىمىمۇ چوقۇم ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ ماراكەش كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. سابىق پادىشاھ ھەسەن 2 مۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئايال بىلەن توي قىلغان.

سەلما باشقا قىزلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالىمىغان، چوڭ بولغاندىن كېيىن پەقەت نەسىل قالدۇرۇشقىلا يارايدىغان جابدۇق بولۇپ قېلىشنى رەت قىلغان. ئۇ بۇ خىل تەقدىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پەقەت ئۆزىدىن باشقا تايانغۇدەك ئادەمنىڭ يوقلىقىنى، تىرىشماقتىن ئۆزگە ئامال يوقلىقىنى بىلەتتى.

شۇڭا ئۇ بارلىق زېھنىنى ئۆگىنىشكە قاراتقان، ئۇ ئۆز نەتىجىسى بىلەن ئەرلەردىن كەم ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە ناھايىتى ئىلغار نەتىجىسى بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنى كەسپ قىلىپ تاللىغان.

مەكتەپتىكى سەلما

گەرچە ئۇ تەبئىي پەن ئوقۇغان بولسىمۇ لېكىن ئەدەبىي ساپاسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەرەب تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئىنگىلىز تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق تۆت تىلنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن. ئەسلىدە چىرايىغىلا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلالىسىمۇ يەنىلا  قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلار دەل سەلمادەك بولسا كېرەك.

ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئۇ بىر شەخسىي يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ، بۇ يىغىلىشتا ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. گەرچە مۇھەممەد ناھايىتى بېكىنمە خان ئوردىسىدا چوڭ بولغان بولسىمۇ مىجەزى ئوچۇق، پىكىرى ئىلغار، تالانتلىق ياش بولۇپ، نۇرغۇن قىزلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوبيېكتى ئىدى.

مۇھەممەد كۈلكىسى جەزبىلىك، سالاپىتى ئۆزگىچە سەلمانى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى تەلۋىلەرچە قوغلىشىدۇ. ۋەلىئەھدىنىڭ قىز دوستىغا ئايلىنىپ ئوردىغا كىرىپ، ھەشەم تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈش نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ئىش، لېكىن سەلما ئىككىلەنمەستىن ئۇنى رەت قىلىدۇ.

ماراكەشتە 400 يىلدىن بۇيان پادىشاھنىڭ ئايالى باشقىلارغا كۆرۈنمەي كەلگەن، ھەتتا توي مۇراسىمىمۇ سىرتقا ئاشكارىلانمايدۇ. نۇرغۇن ئادەم ھەتتا پادىشاھنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلغان ئاياللىقىنى، نەچچە ياشتا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەتتا ئۇلار خان جەمەت ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرىدىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، پەقەتلا خان جەمەتى ئۈچۈن بالا تۇغۇپ بېرىشىگىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

سەلما كەلگۈسىدە باشقا بىر ئايال بىر ئەرنىڭ ئەمرىدە تۇرۇشنى خالىمايدۇ، كېيىنكى ئۆمرىنى خان ئوردىسىدىلا ئۆتكۈزۈشنى، مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنىسىنىڭ پەقەت ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈنلا بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇ ۋەلىئەھدىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىۋېتىدۇ، ئۆزى تېخى تاماملىمىغان كەسپىنى ئۆگىنىدۇ.

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ قالتىس تالانتى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى بىر IT شىركىتىگە كىرىپ، مۇنەۋۋەر ئۇچۇر سىستېمىسى ئىنژېنىرىغا ئايلىنىدۇ.

سەلما يەنە بىر خىزمەتدىشى بىلەن ئاپتوماتىك ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى ياساپ چىقىپ، شىركەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنى شۇ ئارقىلىق باشقۇرىدۇ، ئۈنۈملۈك ھالدا ۋاقىت ۋە تەننەرخنى تېجەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

شاھزادىنى تاللىمىغان بولسىمۇ سەلمانىڭ ھاياتى يەنىلا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋام قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈكى ئەرلەر ئەمەس بەلكى ئۆزى.

خىزمەتتىكى سەلما

مۇستەقىل ياشايدىغان، ھاياتى مەنىلىك ھەم مول ئۆتىۋاتقان سەلمانى مۇھەممەد بارغانچە ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇ سەلمانى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بىللە تاماملايدىغان ئايال دەپ مۇقىملاشتۇرۇپ بولىدۇ.

مۇھەممەد ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئەقىل پاراسىتى بىلەن سەلمانى ئاستا-ئاستا تەسىرلەندۈرىدۇ، لېكىن سەلما پادىشاھ بولۇپ بولغان مۇھەممەدكە ئېنىق ئېيتىدۇ: ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولسا ھاياتىدا چوقۇم پەقەت ئۇنىڭغىلا سادىق بولۇشى كېرەك، باشقا ئايال بىلەن توي قىلسا بولمايدۇ.

سەلما بىلەن مۇھەممەد

سەلمانىڭ تەلىپى بۇ دۆلەتنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىگە جەڭ ئېلان قىلىش بولغان، بۇ مۇمكىن بولامدۇ؟

مۇھەممەد ئۆز ھەرىكىتى بىلەن ھەممە ئادەمگە بۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

بىر ئادەمنى سۆيۈش ئۆمۈرلۈك بولىدۇ، ئايرىلىش يوق، پۇشايمانمۇ يوق.

يېڭى پادىشاھ مۇھەممەد پۈتۈن مەملىكەتكە پەرمان چۈشۈرۈپ قانۇننى ئۆزگەرتىپ ماراكەشتە بىر ئەر بىر ئاياللىق تۈزۈم يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

بىر قىز، بىر قېتىملىق مۇھەببەت سەۋەبلىك بۇ دۆلەتتە نەچچە يۈز يىل داۋام قىلغان كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمى بىكار قىلىنىدۇ.

2001-يىلى مۇھەممەد ئاۋامدىن چىققان سەلما بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسمىنى، يېشىنى، ئائىلە كېلىپ چىقىشىنىمۇ ئېلان قىلىش ئۈچۈن بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ، خەلقنىڭ بولغۇسى خانىشنى كۆرۈشى ماراكەش تارىخىدا تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىش سەۋەبلىك پۈتۈن مەملىكەت ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىدۇ. «بىرلا ئادەم بىلەن ئاداققىچە بىللە ياشاش» پەقەت چۆچەكلەردىكىدەك تۇيۇلىدىغان ئىش ھېسابلىناتتى، ئەمما بۇ دۆلەتتە بۇ ئىش راستتىنلا يۈز بەردى.»

2002-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سەلما بىلەن مۇھەممەد مەملىكەتتىكى 300 جۈپ يېڭى توي قىلغان ئەر-ئايال بىلەن بىللە 3 كۈنلۈك كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئالدىدا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى نامايەن قىلدى. يەنە مۇھەممەدنىڭ قوللىشى بىلەن سەلماغا «Lalla»ئۇنۋانى بېرىلدى، بۇ ئۇنۋان ماراكەشتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاياللارغىلا بېرىلىدىغان ھۆرمەت نام بولۇپ، ھېچقانداق بىر پادىشاھنىڭ ئايالى بۇنداق ئاتاققا ئېرىشىپ باقمىغان، سەلما بۇ جەھەتتىمۇ يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتقان.

تويدا سەلما ھەشەمەتلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن بولۇپ، گۈزەللىكى ئادەمنى لال قىلاتتى. سەلمانىڭ بۇ دۆلەتكە ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقلىرى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ قالمىدى. تويدىن كېيىن سەلما خان جەمەتىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆزىنى سىرتقا كۆرسەتمەسلىك قائىدىسىنى ئۆزگەرتتى، يولدىشى بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردا پەيدا بولدى. ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا دۇنياۋى سەھنىلەردە نامايەن بولدى، گۈزەللىكى ۋە نازاكىتى بىلەن ماراكەش خان ئوردىسىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ھاۋاسىنى يېڭىلىدى.

شارقىراتمىدەك قىزىل چاچ، كەشتىلىك كۆينەك، ئۆزىگە ئىشەنگەن كۈلكىسى بىلەن ئۇ دۇنياغا ماراكەشلىك ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلدى.

ھازىرقى زامان كىيىملىرىنىمۇ بەك ياراشتۇرۇپ كىيدىغان بولۇپ، ئۆزگىچە كىيىنىش ئۇسلۇبى ۋە مودا تۇيغۇسى بىلەن ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ تەقلىد قىلىدىغان ئوبيېكتى بولۇپ قالغان.

ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل خانىشلارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتى شۇنچىلىك نازاكەتلىك.

باشقا دۆلەتنىڭ بىرىنچى خانىملىرى بىلەن بىللە تۇرغاندىمۇ سالاپەت ۋە گۈزەللىك جەھەتتە ھېچكىمدىن قېلىشمايدۇ.

سەلما بىلەن ئىيوردانىيە خانىشى رانىيە

سەلما بىلەن ئىسپانىيە خانىشى لەتىزىيا

ئۇ ماراكەشتىكى تۇنجى بولۇپ يولدىشى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان خانىش بولۇش سۈپىتى بىلەن سەلما پۈتۈن دۇنيانى كېزىپ چىقىپ، ئەرەب ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئورنىنى تىكلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

نۇرغۇن ساخاۋەت فوندى قۇرۇپ، راك كېسىلى تەتقىقاتى ۋە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئىشلرىغا ئىشلەتكەن.

بىمارلارنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇلارغا ھەقىقي ئىللىقلىق يەتكۈزگەن.

ئاللىقاچان توي قىلىپ، خان جەمەتىنىڭ ئادىمى بولۇپ بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىشتىن توختاپ باقمىغان، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ كەلگەن، بارغانسېرى مۇنەۋۋەر، بارغانسېرى جەلپكار بولۇپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قارشى تۇرغانلار ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ سېھرىي كۈچىگە قايىل بولغان، ئۇنى «ماراكەشتىكى ئەڭ پارقىراق مەرۋايىت» دەپ ئاتىغان.

چىرايلىق ياشىيالىسىڭىز ئاندىن دۇنيا سىزگە ئوڭ كۆزىدە قارايدۇ.

دۆلەت سىرتىدا ئۇ ماراكەشنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋەكىلى. دۆلەت ئىچىدە بولسا ئۇ مۇلايىم ئايال ھەم ئانا. مۇھەممەد «بىر ئەر بىر ئايال» لىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان، سەلمامۇ پۈتۈن مۇھەببىتىنى يولدىشىغا بەرگەن.

2003-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى—ئوغلى مۇئلەي ھەسەن (Moulay Hassan) تۇغۇلغان، شۇنداقلا ۋەلىئەھدى دەپ بېكىتىلگەن.

شاھزادىنىڭ چىرايىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىكەن.

مەغرۇر شاھزادە باشقىلارنىڭ سۆيۈشىنى ياقتۇرمىغاچقا مۇشۇنداق تېز سۈرئەتتە قولىنى تارتىۋېلىشنى خېلى ئۇزۇن مەشىق قىلغان بولسا كېرەك.

2007-يىلى 2-ئايدا سەلما قىزى خەدىجەنى يەڭگىپ، ئوغۇل-قىزى تولۇق ئائىلىگە ئايلانغان.

قىزچاقمۇ ئانىسىنىڭ گۈزەللىكىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، كىچىكىدىن كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ يېتىشكەن.

بىر ئائىلە كىشىلىرى دۇنيادىكى باشقا ئائىلىلەرگە ئوخشاش ئاددىي ھەم ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدۇ.

40 قا يېقىنلىغان سەلما ياش سانالمىسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى ئىچىدىن سىرتىغا تەپكەن ئىشەنچ ۋە نۇردىن كەلگەن، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىرى چۆكمە ھاسىل قىلىپ تېخىمۇ جەزبىدار بولۇپ كەتكەن.

بەزىلەر شۇنداق دەيدۇ:«سەلما ‹شاھزادىنىڭ كۆزى چۈشكەن كۈلقىز› نىڭ ئۆزى.» لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەلىيى تاساددىپى كېلىپ قالغان ئەمەس، خانىش بولۇشتىن بۇرۇن ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ ئايال شاھى ئىدى. ئاياللار ئۆزى يېتەرلىك كۈچلەنگەندىن كېيىن ئاندىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە قارىتا تەلەپ قويۇش سالاھىيىتى بولىدۇ.

ئەگەر ھەقىقىي تىرىشچانلىق قىلسا ھەر بىر قىز كۆڭلىدىكىدەك تۇرمۇشتا ياشىيالايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۈمىد گەپنى شۇنداق دېگەن بىپەن ئەزەلدىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ پەرزەنتلىرىنى تەربىلەش بىلەن ئۆتكەن ئايالنىڭ قابىلىيىتى ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئەمەس،بىزدىمۇ شۇغۇ،تاماق ئېتىشتىن باشقا نىم قىلالايتىڭ،بالا تۇغۇشنى مىكيانمۇ بىلىدۇ ،ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ ھېرىپ قالمامسە دېگەندەك سېسىق گەپلەر ئاياللىرىمىز ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن گەپلەرغۇ،ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھەر قانچە بارلىقىمىزنى بېغىشلىۋەتكەن بىلەن يا يولدىشىمىزنىڭ ،يە قېيىنئانا قىينئاتىلىرىمىزنىڭ يا بالىلىرىمىزنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېىرىشەلمەيمىز،ھەممىسى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارايدۇ…ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدە ئولتۇرسا بالىسىنى يۈزدە يۈز ياخشى تەبىلەيدۇ دەپ ئېيتالمايمىز،سىرتتا يۈرگەن ئاياللار بالىلىرىنى تەربىلىيەلمەيدۇ دەپمۇ ئېيتالمايمىز،بۇنىڭغا ئەتراپقا باقساقلا مىسال كۆپ…
    قىسقىسى ئاياللار قانداقلا بولمىسۇن چوقۇم ئاۋال بىلىم ئېلىپ مۇۋاپىق ئىقتىدار ھازىرلىشى كېرەك…ئاندىن خىزمەت قىلامدۇ ئۆيدە ئولتۇرامدۇ ئۆزى قارار چىقىرىشنى بىلىدۇ…

  • ئ‍ۈمىد4 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىقتىدارلىق بولۇش ئېرى بىلەن سرتلاردا بىللە يۈرۈش ئەمەس، بارلىق زېھنىنى پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىپ ياراملىق پەرزەنت تەربىيلەش دەپ قارايمەن ئاياللار ئۈچۈن، ئېرى تاپقاننى توغرا يوسۇندا ئىشلىتىش بۇمۇ بىر ئىقتىدار، ئىقتىدارلىقمەن دەپ ئېرى بىلەن نەنەلەردە غىتىلداپ يۈرسە بۇ خانىمدەك بەك بەلەن ئىش بولامدىكەن، قاملاشمىغان گەپ بولدى بۇ

  • غېرىب4 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى مەزمۇنكەن،رەخمەت

  • توغراق،شاھى4 ھەپتە ئىلگىرى

    موبارەك بولسون، پادىشا ئالىلىرغا ياتلىق بولوپ دۆلەت ئىشلىرغا ئارلىشىپلا،پەرزەنتلىك بوپلا يەنە بىر غەيرەت قىلسىلا پادىشاھنىڭ ئۆزى بولاملا تەخى.

  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ4 ھەپتە ئىلگىرى

    كىچىك شاھزادىنىڭ قىلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ بىر بوپ قالدىم ،نىمانداق قىززىق…

  • نەسمى سەبا4 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ھەۋىسىم كەلدى،

  • the Roh4 ھەپتە ئىلگىرى

    باشقا بىرە قىز بىلەن ئىككى ئېغىز گەپلىشىپ قالسام قىزدوستۇم يامانلاپ ئىككى كۈن تاماق يىمەيدۇ ، ئەگەر ئىككى خۇتۇن ئالىدىغان ئىش بولسا ئۈلۈكىنى سېتىشتىن يانمايدۇ

  • شەيىھە4 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ ئىقتىدارلىق ئىلىملىك ئايال بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىمەن

  • ئىبراھىموۋىچ4 ھەپتە ئىلگىرى

    بوش موش ئايال ئەمەسكەن بۇ، ئايال كىشى مۇشۇنداق يامان، بىر دۆلەتنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ، غەرپلىكلەنىڭ مەدھىيلىشىگە ئېرىشىشى تەبىئىي

  • 132******104 ھەپتە ئىلگىرى

    ئايال كىشى دىگەنگە سەل قارغىىلى بوممايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号