باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

موتسىكلىت ئوغرىسى ھۆسن تۈزىتىپ ئايال كىشى قىياپىتىگە كىرىۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-22 12:40 11 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 21-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تايلاندلىق 20 ياشلىق ئەر سىتتىچال 2 يىل ئىلگىرى موتسىكلىت ئوغرىلىغاندىن كېيىن قېچىشىغا قولاي بولۇشى ئۈچۈن ھۆسن تۈزىتىپ ئايال كىشى قىياپىتىگە كىرىۋالغانىدى. بىراق. ئويلىمىغان يەردىن يەنىلا قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي يېقىندا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى.

تايلاند يېڭى ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ 20 ياشلىق ئەر 19-دېكابىر باڭكوك چارلاش ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار شۇ ۋاقىتتا كوچا چارلاۋاتقاندا يۈرۈش-تۇرۇشى تولىمۇ غەلىتە «ئايال»دىن بىرنى بايقاپ قېلىپ يېنىنى ئاختۇرغاندا ھېچقانداق چەكلىنىدىغان بۇيۇم تېپىلمىغان. بىراق، كىملىكىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئەسلىدە بىر ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئىسىملىكىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ موتسىكلىت ئوغرىلىغان جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

ئۇ 2 يىل ئىلگىرى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بىر موتسىكلىت ئوغرىلىغانلىقى، كېيىن قېچىپ يۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنى ئايالغا ئوخشىتىپ ھۆسن تۈزىتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، باڭكوك ساقچىلىرى ئۇنى ئىلگىرىكى جىنايىتى بويىچە قولغا ئالغان.

ئۇنىڭ كىملىكىدە ئەر دەپ بار، ئەمما سۈرەت ئايال كىشىنىڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئايىمگۈل1 ئاي ئىلگىرى

    جاھاندا غەلىتە ئىشلار بەك كۆپكەن ھەي

  • بايشەم1 ئاي ئىلگىرى

    قېز بالغا راسلام ئوخشاپتۇ باشقا ئېشلار يۇز بەمەپتۇ ياخشې

  • كەسپى ئىنكاسچى «تاتلىقجان»1 ئاي ئىلگىرى

    ما خېنىمنىڭ ئۇزلىقىنى يۈرەك پا پا ئۆپكە گىژ گىژ بولۇپ كەتتى دىسە ،،،،،،،،

  • قاش تېشى1 ئاي ئىلگىرى

    خېلى بۇلىدىغان سەتەڭ كەنغۇبۇ ئۇغۇل بۇلۇپ قالمىغان بولسا موتىسسكىلىت ئوغۇرلىغانغىمۇ ھۈسۈن تۈزۈتىش كىتەمتى قارغاندا ھۈسۈنتۈزۈتىش ئەرزان ئوخشىمامدا تايلانىتتا

  • توغراق،شاھى1 ئاي ئىلگىرى

    يا پاناھ: ساقچىلار ئوششا كەپتو بولمىسا، ما ئۆتكەلدىن ئۇتۇپلام كەتكەن بولسا ئوغال باللىنىڭ بىسىنى توزاققا دەسسىتىپ كارامەت ئىش بولوپ توك تىپىتقان ئىشلار يۇز بىرەكەن .

  • ئابدراخمان1 ئاي ئىلگىرى

    ئوغرىلىق قىلغىنى بىلەن ئەر كىشىلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا خېلى چىرايلىق چوكان ئىكەنتۇق بۇ.

  • نىمە ئامال1 ئاي ئىلگىرى

    ھەي تۇۋا، مۇتسىكىلىت ئۇغۇرلىغان جىنايىتىدىن قۇرقۇپ ھۆسۈن تۇزەتكەنمىدۇ؟ مۇتسىكىلىتنىڭ باھاسى قانچىلىكتۇ؟ ھۆسۈن تۇزەش شۇنچە ئەرزانمىدۇ؟

  • چالىقۇشى1 ئاي ئىلگىرى

    ئاھ ۋاي يۈرەك ما ( ئايال )مەندىن چىرايلىق تۇرامدۇ نىمە ئازاپۇ

  • مەخمۇت مەمەت1 ئاي ئىلگىرى

    ما ماز..ھۆسۈن تۈزتۈپ بولغۇچە ئوغۇرلىغان موتسىكىلىتنىڭ پۇلىسى چىقىشمىغاندۇ ھەقاچان

  • 139******711 ئاي ئىلگىرى

    نىم دىگەن دۆت ئوغرى بۇ، ھۈسىن تۈزەتكۈدەك پۇلى بار تۇرۇپ ئوغۇرلۇق قىلدىغان، كالۋا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号