باش بەت

ئادىلجان

8598يوللانما
123مەستانە

ئاپتوموبىل ماي باكىغا كولا قاچىلانسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-22 12:42 4 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 22-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گەرچە نۇرغۇن كىشى ئىچىدىن يانىدىغان ماتورنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ماي باكىغا بېنزىندىن باشقا نەرسىلەرنى قۇيۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما قاپ يارەك كىشىلەر ھەمىشە بۇنى سىناپ بېقىشنى ئويلايدۇ. ئىگىلىنىشچە، فىلىم تورىنىڭ TechRax قانىلى يېقىندا ماي باكىغا كولا قۇيۇپ سىناپ باققان. 

ئەلۋەتتە ئۇلار يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان نەتىجىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بولغاچقا، بىر 2003-يىلىدىكى BMW ئاپتوموبىلىنى ئىشلەتكەن. تەجرىبە مەشغۇلاتى ئىنتايىن ئاددىي، ئۇلار ئاپتوموبىلنىڭ ماي باكىغا ئىككى لىتىرلىق كولانى قۇيۇپ ئاندىن ماشىنىنى قوزغاتقان. دەسلىپىدە ماي باكىدا ئازراق قالدۇق ماي بولغاچقا ئاپتوموبىل قوزغىلىپ ماڭغان. ئەمما بىر-ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئاپتوموبىلدا كولاغا قارىتا ئىنكاس كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا تەلتۆكۈس كاردىن چىققان. 

ئىگىلىنىشچە، TechRax بۇ ئاپتوموبىلنى بىر رېمونت زاۋۇتىغا ئېلىپ بارغان، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن 1000 دوللار زىيان تارتىشى مۇمكىن. ئەمما راستىنى ئېيتقاندا بۇنداق بىر «قېرى» BMWغا نىسبەتەن يېقىلغۇ سىستېمىسىنى تازىلاش ۋە پومپا ئالماشتۇرۇش چىقىمى ئەرزان ھېسابلىنىدۇ، بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى زىيان مۆلچەردىكىدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • adl553 ئاي ئىلگىرى

    مالايسىيا ئەرلەر قۇۋۋەت ھەسىلىدىن بىر قۇتا قۇيغان بولسا بەك شاشلىشىپ كىتەتتىمىكىن ئۇ قېرىغا

  • ئ****خ3 ئاي ئىلگىرى

    قىپ باققۇلۇق،تىراكتۇرغا چىگىت مېيى قۇيسا ماڭدىكەنغۇ

  • يۈركېتىمىز3 ئاي ئىلگىرى

    دادۇر يېغى قۇيغان بولسا چىققان ئىس قۇيماقلام پۇرايتتى.

  • تۆمۈرتۇمشۇق3 ئاي ئىلگىرى

    سۇنىڭ ئورنىغا سىياھتىن بىر پوتۇلكا ئىچىپ بېقىپ تەملىك بولسا ماشىنىسىغا نىمە قۇيسا بۇلاتتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号