باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

تېسلا Model 3 ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى تۆت يىللىق سۈپەت كاپالىتى ۋە سەككىز يىللىق باتارېيە رېمونت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-22 16:50 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 22-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Model 3نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېسلامۇ بۇ ئاپتوموبىلنى سېتىۋالىدىغانلار بەھرلىنىدىغان مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان، بۇ شىركەت يېقىندا نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان باتارېيە گۇرۇپپىسى مۇلازىمىتىنى ئېلان قىلغان. تېسلا يېڭىدىن ئېلان قىلغان رېمونت كاپالىتى ھۆججىتىدىن قارىغاندا، Model X ۋە Model Sقا ئوخشاش Model 3تىمۇ تۆت يىللىق رېمونت كاپالىتى ۋە سەككىز يىللىق باتارېيە ھەرىكەت كۈچى سىستېمىسى رېمونت كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. 

ئەمما تېسلانىڭ تېخىمۇ قىممەت ئاپتوموبىللىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، Model 3نىڭ ئۆلچەملىك رېمونت مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومېتىر، Long Range Batteries نۇسخىسىنىڭ بولسا 193 مىڭ كىلومېتىر. تېسلا ئىستېمالچىلارغا Model 3نىڭ باتارېيەسى بۇ سەككىز يىلدا ئاز بولغاندا %70لىك سىغىمىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەردى. 

ئەمەلىيەتتە گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى Model ئاپتوموبىلى ئىگىلىرىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 286 نەپەر Model 3 سېتىۋالغۇچى ئىچىدە ئاساسەن ھەممە ئادەم ئاپتوموبىل ئومۇمىي مۇساپىسى 240 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن ۋاقىتتىمۇ باتارېيەنىڭ سىغىمى ئاران %10 ئازلىغانلىقىنى كۆرگەن. ئەگەر تېسلا Model 3دە داۋاملىق Model Sتىكى سەۋىيەنى ئىشلەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ۋەدىسى تامامەن ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号