باش بەت

مۇزئارت

58يوللانما
3مەستانە

كىچىك ئىشنى چوڭايتىشمۇ؟ ئاۋسترالىيە تىك ئۇچار چىقىرىپ تىك قىيادىن چۈشۈپ كەتكەن ئەرنى قۇتقۇزدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-22 20:15 0 ئىنكاس چۈشتى

كىچىك ئىشنى چوڭايتىشمۇ؟ ئاۋسترالىيە تىك ئۇچار چىقىرىپ 10 مېتىرلىق تىك قىيادىن چۈشۈپ كەتكەن 37 ياشلىق ئەرنى قۇتقۇزدى

تىك ئۇچار ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش ھوللىۋود كىنولىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كۆرۈنۈش، بۇ كۆرۈنۈش ئاۋسترالىيەدىمۇ كۆرسىتىلدى. تورداشلار ھەيران قېلىپ بۇ كىچىك ئىشنى چوڭايتىشقۇ؟ دېيىشتى. كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى بىر 37 ياشلىق ئەر پېرت شەھەر ئەتراپىدىكى تىك قىيادىن چۈشۈپ كېتىپ، باش سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن. كەينىدىن تىك ئۇچار كېلىپ قۇتقۇزۇۋېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. (سۈرەتتىكىسى تىك قىيانىڭ ئاستى، قۇتقۇزغۇچىلار بۇ ئەرنى جىددىي قۇتقۇزۇۋاتىدۇ)

شۇ يەر ۋاقتى جۈمە كۈنى (12–ئاينىڭ 22-كۈنى) چۈشتىن كېيىن، باررابوكا كوچىسى ئەتراپىدىكى ۋاشىۋېي دېڭىز ساھىلىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارى جىددىي چاقىرىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋېلىپ نەق مەيدانغا قاراپ ئۇچىدۇ. شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 بولغاندا، ئۇ يەرنىڭ يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، تىك ئۇچارغا ئېسىلىپ چىقىلىپ، خان جەمەتى شىمالىي قىرغاق دوختۇرخانىسىغا جىددىي ئاپىرىلىدۇ. (رەسىمدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان تىك ئۇچار)

نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن باشقا يەنە سۇ ئۈستى ساقچىلىرىمۇ بار بولۇپ، بىرلىكتە بۇ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلدى. ئاۋسترالىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ ئەرنىڭ باش قىسمى ئېغىر يارىلانغان، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقانىكەن.

بۇ ئەر قانداق بولۇپ تىك قىيادىن چۈشۈپ كەتتى؟ قەستەنلىكمۇ، ئۆلۈۋېلىشمۇ ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىنمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نامەلۇم. بۇ مەسىلىگە قارىتا ساقچى تەرەپ دوختۇرخانىدىن ئەھۋال ئىگىلەۋاتقانىكەن. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئاۋسترالىيەنىڭ تىك ئۇچار ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قوللايمىز، ئەگەر تورداشلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزدىمۇ مۇشۇنداق تىك ئۇچار بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. سىز قانداق قارايسىز؟ بىراق، تەننەرخ مەسىلىسىنى ئويلاشقاندا ئەلۋەتتە ئەرزىمەيدۇ. سىزچە بۇ كىچىك ئىشنى چوڭايتقانلىقمۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号