باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

ئافرىقا بويىچە ئەڭ نامرات دۆلەت مالاۋىنىڭ باي-نامراتلىق پەرقى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-22 23:18 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 22-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى ئافرىقا مانا مۇشۇنداق توپا توزۇپ تۇرىدىغان، كىشىلىرى يول بويىغا يايما يېيىپ كۈن كەچۈرىدىغان جايمۇ؟

بوشلۇقتىن قارىغاندا بۇ ئاددىي ئۆيلەر تولىمۇ پاكار كۆرۈنىدۇ.

ئۇ يەر، بۇ يەردە ئۇچراپ قالىدىغان زاۋۇتلارمۇ ئاددىي ۋە پاكار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئافرىقىنىڭ بىزدە قالدۇرغان تەسىراتلىرى. بىراق، بۈگۈن بىز ئافرىقىنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى بىلەن تونۇشىمىز.

بۇ ئافرىقا بويىچە ئەڭ نامرات دۆلەت مالاۋى.

ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر يەرلىكلەر رايونى، ئاق تەنلىكلەر رايونى ۋە ھىندىستانلىقلار رايونى دەپ بۆلۈنىدۇ. كۆپچىلىك ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ياشايدۇ ھەم بوشلۇقتىن قارىغاندىمۇ ناھايىتى ئېنىق پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن سۈرەتتىكى 9-رايوندا ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھىندىستانلىق.

بۇ رايوندا كىچىك-كىچىك داچىلار بار.

ياندىن قارىغاندا بۇ داچا رايونى تىروپىك بەلباغنىڭ ئىستىراھەت كەنتلىرىگە ئوخشايدۇ.

بۇ داچىلارنىڭ كۆكەرتىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى، بەزىلىرىدە تېخى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار، ناھايىتى زامانىۋىي. خىش بىلەن سېمونتتىن باشقا نەرسە چىقمايدىغان بۇ دۆلەتتە ھەممە نەرسە ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆي سېلىش تەننەرخىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.

بۇ داچىنىڭ ئالدى تىپىك ئافرىقا ئۇسلۇبىدا لاھىيەلەنگەن.

بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ رايوننىڭ قۇرۇلۇشلىرى ئەتراپتىكى پاكار قۇرۇلۇشلاردىن روشەن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ياردىمىدە سلېىنغان بىر بەشيۇلتۇزلۇق مېھمانخانا، يېنىدا پارلامېنت بىناسى بار.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نىل4 ھەپتە ئىلگىرى

    بەكلا چىرايلىقكەن ياقتۇردۇم لىكىن ھندىلارنى با دەپتى سەل ئاچچىغىم كەپقالدى ئۇ مەينەتلەرگە نىمە با ئۇ يەردە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号