باش بەت

مۇزئارت

84يوللانما
2مەستانە

ئەر ئاشنىسىدىن پۇل قەرز ئالدى، ئالدىنقى ئايالى قەرزنى ئورتاق تۆلەشنى رەت قىلىپ، سوتقا ئەرز قىلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-22 23:50 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋۇخۇلۇق جاڭ فامىلىلىك ئايال ئېرى ياۋ فامىلىلىك بىلەن توي قىلغىلى يەتتە يىل بولغان، 2017 – يىلى ئېرى يولدىن چىقىپ فۇ فامىلىلىك بىلەن ئىش–پەش تارتىشىپ قالغانلىقتىن ئاجراشقان. ئويلاپ باقمىغىنى ئاجرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىنىڭ ئاشنىسى فۇ فامىلىلىك ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ئېرى قەرز ئالغان پۇلنى ئورتاق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەسلىدە ئۇلار ئاجرىشىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، فۇ فامىلىلىك ياۋ فامىلىلىكنىڭ ھېساباتىغا 150 مىڭ يۈەن سېلىپ بەرگەن، كېيىن ياۋ فامىلىلىك پۇلنىڭ مەلۇم قىسمىنى بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ قايتۇرغان، قېلىپ قالغىنىنى كەينىگە سۆرەپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

سوت ئاچقاندا جاڭ فامىلىلىك بۇ ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى، فۇ فامىلىلىك بىلەن ياۋ فامىلىلىكنى ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتە دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا بۇ قەرزنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. ۋۇخۇ فەنچاڭ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى يېقىندا قەرزنى ياۋ فامىلىلىكنىڭ ئۆزى تۆلەشنى ھۆكۈم قىلغان. گەرچە «نىكاھ قانۇنىنىڭ 2 – ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى»نىڭ 24 – ماددىسىغا ئاساسەن، بۇ دېلودىكى قەرز پۇل مەسىلىسى جاڭ فامىلىلىك بىلەن ياۋ فامىلىلىكنىڭ ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بولۇپ، فۇ فامىلىلىك ئايالنىڭ جاڭ، ياۋ فامىلىلىك ئىككىيلەننىڭ قەرزنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

بىراق، فۇ فامىلىلىك بىلەن ياۋ فامىلىلىك قەرز پۇل ئىشى يۈز بەرگەندە بىنورمال ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋىتى ساقلانغان، بۇ خىل ئالاھىدە ئەھۋالدا، جاڭ فامىلىلىكنىڭ قەرز پۇلنى ياۋ فامىلىلىك بىلەن ئورتاق تۇرمۇشىغا ئىشلەتمىگەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىش روشەنكى ئادىللىق پىرىنسىپىغا خىلاپ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قەرز پۇل ئىشى جاڭ، ياۋ ئىككىيلەننىڭ ئاجرىشىشتىن بىر ئاي بۇرۇن بولغان، شۇنداقلا قەرز ئويدۇرۇش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى «نىكاھ قانۇنىنىڭ 2 – ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى»نىڭ 24 – ماددىسىغا تولۇقلىما بەلگىلىمە ئېلان قىلدى، بەلگىلىمىدە ئەر – خوتۇن ئارىسىدىكى بىرسى ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قەرز ئويدۇرۇپ چىقسا، ئۈچىنچى تەرەپ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ دېيىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ قەرزىگە چېتىلىدىغان دېلولارنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق سوت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، ھەقدار ئەر – خوتۇن ئارىسىدىكى بىر تەرەپنىڭ قەرزىنى ئەر – خوتۇن ئورتاق تۆلەشنى تەلەپ قىلغاندا، سوت دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئالاقىدار كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە سوتقا قاتنىشىش ئەھۋالى، قەرز پۇل ئېلىم – بېرىم سوممىسى، ھەقدارلىق ئىسپاتى قاتارلىق پاكىت ۋە ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، يىغىنچاقلاپ قەرز پۇل ئىشىنىڭ يۈز بەرگەن – بەرمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يەنى، ياۋ فامىلىلىك بىلەن فۇ فامىلىلىك بۇ قەرزنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقى ۋە تۇرمۇشقا ئورتاق ئىشلەتكەنلىكىگە قارىتا، تېخىمۇ كۆپ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

فۇ فامىلىلىك بىلەن ياۋ فامىلىلىك ئارىسىدىكى نىكاھتىن سىرت مۇھەببەتلىشىشى ئىجتىمائىي ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ – ئادەت پىرىنسىپىغا خىلاپ، جاڭ فامىلىلىكنىڭ نىكاھى ۋە ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان سالغان. «نىكاھ قانۇنىنىڭ 2 – ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى»نىڭ 24 – ماددىسى بەلگىلىمىسىدىكى ئەر – خوتۇن قەرزنى ئورتاق تۆلەش بولسا دوستانە ھەقدارنى قوغداش ئۈچۈندۇر. فۇ فامىلىلىك جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغان ئەھۋال ئاستىدا، ياۋ فامىلىلىكنىڭ قەرزىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ئادىل بولمايدۇ، فۇ فامىلىلىك بىلەن ياۋ فامىلىلىكنىڭ ھەقدارلىق – قەرزدارلىقىنى ئۇلار ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئالىي سوت مەھكىمىسى «نىكاھ قانۇنى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى»نىڭ 24 – ماددىسىدىكى تولۇقلىما بەلگىلىمىسىگە قارىتا، بىر تەرەپ ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، بىز ئەر – خوتۇننىڭ «ئورتاق راھەت كۆرۈش» تىن باشقا، «ئورتاق جاپا تارتىش» كېرەكلىكىنىمۇ چۈشىنىمىز. بىراق، بۇ ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ بارلىق قەرزنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، قارشى تەرەپمۇ مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ياكى ئەر – خوتۇن ئورتاق تۇرمۇشقا ئىشلەتمىگەن قەرزنى قانۇنىي جەھەتتىن قوللاش ناھايىتى تەس.

ھازىر كىشىلەر نىكاھ مۇناسىۋىتىدە پۇل، مال – مۈلۈككە ئۆزىنى ئۇرۇپ، ئىككى دۇنيالىق بولۇپ كېتىدۇ، بىر تەرەپ قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپ ئىجتىمائىي كۆزقاراشنىڭ بۇرىلىشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

 

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号