باش بەت

دەۋران

809يوللانما
55مەستانە

رېئال تۇرمۇشتىكى «ئالاھىدە ئىقتىدار»غا ئوخشايدىغان 5 خىل غەلىتە كېسەل

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-23 22:13 5 ئىنكاس چۈشتى

باش خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېئال تۇرمۇشتىكى «ئالاھىدە ئىقتىدار»غا ئوخشايدىغان 5 خىل غەلىتە كېسەل:

ئۇنتۇماسلىق كېسىلى

ھازىر دۇنيادا مەلۇم بولغان بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 60 كە يېتىدۇ، رېئال تۇرمۇشتا ئۇلار دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كۆرگەن نەرسىلىرىنى شۇنداق ياخشى يادلايدىكەن. ئۇلار ھەر قايسى كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئۇلار ھەتتا بالىلىق ۋاقتىدا پەقەت بىرلا قېتىم كۆرگەن كىتابىنىمۇ توغرا يادلاپ چىقالايدۇ. 

لېكىن بۇ ئادەم ئۇنچە خۇشال ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ھاياتىدىكى بارلىق تەپسىلاتلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ھاياتىدىكى بارلىق پاسسىپ كەيپىياتى ھەر دائىم ئېسىدە تۇرىدۇ، ئەڭ ئازابلىق كۆرۈنۈشلەر ئەستىن كۆتۈرۈلمەي، خۇددى كىنو كۆرگەندەك ھەر كۈنى كاللىسىدا ئەكس ئېتىدۇ. 

ئاغرىق سەزمەسلىك كېسىلى

بۇ خىل كېسەللىك بىمارلىرىدا ھېچقانداق ئاغرىق سېزىمى بولمايدۇ، بەزى چوڭ ئاغرىقلار ئۇلار ئۈچۈن يېنىك سىلاشقا ئوخشاشلا ئىش. لېكىن بۇ خىل «ئالاھىدە ئىقتىدار» ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك، چۈنكى ئۇلار ئاغرىق سېزىمىنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ۋاقتىدا ئىنكاس رېئاكسىيسى پەيدا بولماي ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئېغىر يارىلىنىپ قالىدۇ. (ئۇلار ھەتتا سۆڭىكى سۇنۇپ كەتسىمۇ ياكى كۆزى يارىلانسىمۇ بىلمەي قالىدۇ)

ئۆلىما يىغىندى كېسىلى

بۇ خىل بىمارلارنىڭ بىلىش توسالغۇسىدا مەسىلە بار بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم جەھەتتىن، مەسىلەن مەلۇم بىر خىل سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن جەھەتتە ئادەتتىكى كىشىلەردىن ھالقىغان ئىقتىدارى بولىدۇ. خامۇشلۇق بىمارلىرىنىڭ ئارىسىدا %10تىنىڭ ئۆلىما يىغىندى كېسىلى بولىدۇ، چوڭ مېڭىسى زەخىملەنگەن بىمارلارنىڭ 2000دىن بىرىنىڭ بۇ خىل كېسىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ IQ دەرىجىسى 70تىن تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن بەزى ئالاھىدە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەرنى يېڭىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇلار كىشىلەر تەرىپىدىن «تالانتلىق ئەخمەق» دەپ ئاتالغان.

بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قەدەر داڭلىق كىشىلەردىن سىتىفىن ۋىرت قاتارلىقلار بار.

سىتىفىن ۋىرت ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ بىر ئايلىنىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا تايىنىپ شەھەرنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان.

سوغۇققا سەزگۈرسىزلىك كېسىلى

ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋاغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولغان بىر قەدەر داڭلىق كىشى بولسا گوللاندىيەلىك Wim Hof، ئۇ يالىڭاچ ھالەتتە مۇز ئىچىدە ئىككى سائەت تۇرسىمۇ سوغۇق ھېس قىلمايدۇ ھەم زۇكاممۇ بولمايدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئۈستىگە پەقەت كالتە ئىشتان كىيىپلا شىۋېتسينىڭ بىلانك چوققىسىغا يامىشىپ چىققان، ھەتتا سوغۇق مۇز ئامبىرىدا سۇ ئۈزگەن. ئۇ بۇنى ئۆزىنىڭ قاتتىق مەشىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېگەن، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ بۇ خىل «ئالاھىدە ئىقتىدارى»غا قانداق ئىگە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 

قورقماسلىق كېسىلى

ئامېرىكا لوۋا ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر 44 ياشلىق ئايال «قورقماسلىق كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان. ئۇ ھەر قانداق نەرسىدىن قورقمايدۇ، تەتقىقاتچىلىرى ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن ئۇنى قورقۇتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا زەھەرلىك ئۆمۈچۈك، يىلان قاتارلىقلارنى بەرگەن، ئۇنىڭغا قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرسەتكەن، ھەتتا ئۇنى «جىن بار ئۆي» دەپ قارىلىپ كەلگەن يەرلەرگە سولاپ قويغان، لېكىن بارلىق سىناقلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتەك ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان.

ئۇنىڭدا ھېچقانداق ۋەھىمە يوق، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىسىز. چۈنكى بۇنداق بولسا بەزى بىر خەتەرلىك ھاللاردا دەل ۋاقىتىدا ئەھۋاللارغا قارىتا توغرا يەكۈن چىقىرالماي ئۆزىنى ياخشى قوغدىيالماي قېلىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۆتكۈرجان2 ئاي ئىلگىرى

    تەنناز نۇرداش ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كېسىلىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ۋەتېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ چۈشۈنۈش ئۈچۈن سىزئالدى بىلەن پۇتىڭىزنىڭ سۆڭىكىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرۇپ بېقىڭ ئاندىن راستىنلام سىزدە شۇنداق ئالامەتلەر بايقالسا دەرھال جىننىس دۇنيا رىكورتىغا يۈرۈشقىلىڭ ياخشى مەسلىھەت.

  • ئېرادە ⚽ CR7 ✌4 ئاي ئىلگىرى

    سۇغۇققا توڭمايدىغىنى بىلەن قوقمايدىغىنى ئەستە ساقلىشى ياخشى بولغىنى خېلى قالتىسكەن.

  • تەنناز4 ئاي ئىلگىرى

    منىڭمۇ شۇ بەدەنىلىرىم يارلانسا مەنمۇ بىلمەيمەن بەزىدە بەدەنىلرىم خىل چوڭ يەرلىرى زەخمنىلدۇ گاھىدا قۇلۇمنى پىچاق كىسىۋىتپ قانلار ئىقىپ چۈشسىمۇ بۇنى بىلمەي بىخەرىمان يۈرۈمەن ئۆيدىكىلەر كۈرۈپ مەندىن سورسا ئاندىن ئازراق ئاغىرىق ھىس قىلىمەن ئەسىلى بۇ قانداق ئشتۇ دەپ يۈرگەنتم مەنمۇ ئاغرىقنى سەزمەس كىسىلى بۇلۇپ قاپتىمەندە

  • خاپانباش4 ئاي ئىلگىرى

    بىرىنجىسى قارام كەن ھىي ئوتتۇز ھەرىپ

  • kapsiz09034 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنتۇماسلىق كىسىلىنى تالانىت دىسە بولىدىكەن، باشقىسى كىسەل

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号