باش بەت

durdana

1639يوللانما
102مەستانە

قىزى ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى دادىسى سورىغان 5 سوئال نۇرغۇن ئادەمنى سەگىتتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-24 11:38 9 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەرلەر مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بەك يۇقىرى ئويلىۋالماسلىقى كېرەك. بۇ جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئاياللار ھازىر توي قىلماسلىقنى تاللىدى، ئەرلەرنىڭ بېقىشىغىلا قاراپ ئولتۇرىدىغان ئاياللار بارغانچە ئازايماقتا. ئەڭ موھتاج بولدى دېگەن ۋاقىتلىرىمۇ شۇ بالا تۇغقان بىر نەچچە يىلى خالاس. ئەمما بالا تۇغۇش ۋە بېقىش ئايال كىشىنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەستە. ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشى ئۇلارنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىۋەتكەن.

ئىلگىرى بىر دادا قىزى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن مۇنداق دەپ سورىغان:

«قىزىم، نىكاھ دېگەن ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم قارار، سەن ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى سەندىن ئايرىلماي، بىر ئۆمۈر ساڭا ھەمراھ بولالايدىغان ئادەم. نىكاھ دېگەن ھەرگىزمۇ ئالدىراپلا باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىۋالىدىغان بىر ۋاراق قەغەز ئەمەس. ئاتا-ئاناڭ سېنىڭ ھېسسىيات ئىشىڭغا ئارىلاشمايدۇ، لېكىن تويدىن بۇرۇن سەن ئۆزۈڭدىن تۆۋەندىكى 6 سوئالنى سوراپ بېقىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.»

بۇ ئالتە سوئالنى ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ بىر كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

1. بۇ مۇناسىۋەت تەڭپۇڭمۇ؟

«جېيىن ئېيىر» ناملىق روماندا مۇنداق بىر جۈملە بار: مۇھەببەت قورشاۋ شاھماتقا ئوخشايدۇ، سىز قارشى تەرەپ بىلەن مەڭگۈ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىڭىزنى سېلىشتۇرماسلىقىڭىز كېرەك، كۈچى تەڭ كېلىپ قالغاندا ئاندىن مەڭگۈ ئەپ ئۆتكىلى بولىدۇ. بەك كۈچلۈك تەرەپ ئادەمنى چارچىتىدۇ، بەك ئاجىز بولسا ئادەمنى ئۆچ قىلىپ قويىدۇ.

مەھەللىمىزدە بىر جۈپ ئەر-ئايال ئاجراشتى، ئايالى يىغلىغاچ ئۆزىنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى يولدىشىغا ۋارقىراپ تۇرۇپ ئېيتتى: سەن ئۈچۈن خىزمىتىمنى تاشلىدىم، ئائىلىمىز ئۈچۈن قىلمىغىنىم قالمىدى، ساڭا شۇنچە كۆپ قۇربانلىق بەردىم، سەن ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلساڭ سېنىڭ زادى ۋىجدانىڭ بارمۇ-يوق؟

ئەر سوغۇقلا بىر ئېغىز گەپ قىلدى: ئۇ ئىشلارنى سەن خالاپ قىلغان، مەن سېنى قىستىمىغان.

ئەرنىڭ «ئۆزەڭ خالاپ قىلغان» دېگەن سۆزى ئايالنىڭ ئازابىنىڭ يىلتىزىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپلا تۈگىدى.

تويدىن بۇرۇن شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك، بۇ نىكاھ تەڭپۇڭمۇ؟ ئەگەر بىر تەرەپ قۇربانلىق بېرىۋەرسە، بىر تەرەپ قوبۇل قىلىۋەرسە؛ بىر تەرەپ كۆڭۈل قويسا، يەنە بىر تەرەپ خۇشياقمىغاندەك ئىش قىلسا؛ بىر تەرەپ ئەپۇچان بولسا، يەنە بىر تەرەپ كۆڭۈلنى ئاياشنى بىلمىسە بۇنداق تۇرمۇش ھامىنى بىر كۈنى ئادەمنى چارچىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئاجرىشىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ.

«كاۋچۇك دەرىخى» ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ:

«نىكاھ كىمنىڭ كىمنى مەدھىيىلىشى، كىمنىڭ كىمنى بېقىشى ئەمەس، بەلكى ئىككى چوڭ مۇستەقىل گەۋدىنىڭ ئوخشاش ئېتقادى ۋە تۇرمۇش شەكلى بولۇشىنى، مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.»

2. سىز ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چۈشىنەمسىز؟

بىر ئاچاش بىلەن ئۇنىڭ يولدىشىنى تونۇيتتىم، ئەمما ئۇنىڭ قېيىنئانىسى ئۇنى ياقتۇرمايتتى، ئۇنىڭ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشىنى «ئائىلىگە سادىق بولمىغان»، «باشقا ئەرلەرنىڭ دىققىتى ئۈچۈن»، «ئوغلۇمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىغلىق» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئوغلىغا چېقىشتۇرىدىكەن، ئوغلى ئانىسى بىلەن تەڭ بولۇشقا جۈرئەت قىلالماي ھەر قېتىم ئاڭلاپلا قويىدىكەن، بۇ ئىش ئۇزۇن داۋاملاشقاندىن كېيىن يولدىشىمۇ راستتىنلا ئايالىدىن گۇمانلىنىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ كۈندە بىر كىچىك جېدەل، 5 كۈندە بىر چوڭ جېدەل چىقىرىش ئادەت بولۇپ قاپتۇ.

گۈزەل بىر نىكاھ تۇرمۇشى شۇ سەۋەبلىك بىر يىلدىن كېيىن تۈگەپ، ئاجرىشىپ كېتىپتۇ.

مۇھەببەتلىشىش ئىككى ئادەمنىڭ ئىشى، ئەمما نىكاھ ئوخشىمايدۇ، نىكاھ ئىككى ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش، قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چىقىشالىشىڭىز ياكى چىقىشالماسلىقىڭىز نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدىكى مۇھىم نۇقتا. ناچار قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بەخت تىلىشىگە ئېرىشەلمىگەن نىكاھ راستتىنلا ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىۋېتىدۇ.

بىز ئادەتتە بالىسىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سايىسىنى كۆرۈۋالالايمىز، ھەممە ئادەم شۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانا بالىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى»، ئاتا-ئانىنىڭ ئۈچ قارىشى، ئىش بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، مۇھەببەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەمىشە بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىنى چۈشىنىش سىزنى بۇ ئادەمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلىشكە ياردەم قىلالايدۇ.

مۇھەببەتنىڭ بىر ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭ، مۇھەببەتنىڭ ئۆزگەرتەلەيدىغىنى كىچىك دائىرىدە، پىرىنسىپال نەرسىلەرنى يەنىلا ئۆزگەرتىپ بولالمايدۇ.

3. سىلەرنىڭ ئورتاق تېماڭلار، ھەۋىسىڭلار، پارىڭىڭلار بارمۇ؟

سىز ساياھەت قىلىمەن دېسىڭىز، ئۇ پۇل ئىسراپ قىلغانلىق دەيدۇ، سىز ئوپىرانى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇ سىزنى «ياسالما» دەيدۇ. سىز ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى سۆزلىشەيلى دېسىڭىز، ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بولغۇچە سىزنى تولا كوتۇلدىدىڭ دەيدۇ.

پاراڭلىشىپ، گېپى بىر يەردىن چىقىش نىكاھنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىسىمۇ لېكىن گېپى بىر يەردىن چىقمىسا بەخت ھەققىدە سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.

رىياسەتچى جۇ جۈن بىر پىروگىراممىدا داڭلىق ئارتىس ۋاڭ جىۋېننى زىيارەت قىلىدۇ:

«40 كە كىرىپمۇ توي قىلماپسىز؟»

«مۇۋاپىق كېلىدىغاننى تاپالمىدىم.»

«قانداق بولسا مۇۋاپىق كېلىدۇ؟»

«خالىغان ۋاقىتتا گەپلىشەلەيدىغان ئادەمنى تاپقۇم بار.»

يازغۇچى لى شياۋمۇ مۇنداق يازىدۇ: «بىز پاراڭلىشالايدىغان ئادەمگە ئۇچرىشىشنى خالايمىز، شۇنداق بولغاندا ئاندىن يالغۇزسىراپ قالمايمىز. ھاياتنىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدا كېتىۋاتقاندا سىزگە يېقىن تۇرىدىغان، دەرتلىرىڭىزنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدىغان بىر ئادەمنىڭ بولۇشى ئادەمنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ.»

پاراڭلىشالىشىش ھېسسىياتنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى.

4. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسىڭىز سىز ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك تۇرمۇشنى سۆيىدىغان، مۇنەۋۋەر بولالامسىز؟

مەن تويىدىن بۇرۇن مۇستەقىل، مۇنەۋۋەر ياشاۋاتقان بىر قىزنى تونۇيتتىم، ئۇنىڭ بەدىنى قاملاشقان بولۇپلا قالماي يەنە بەكلا سالاپەتلىك ھەم جەزبىدار ئىدى، دوستىلىرى بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلىگەن، ھەر كۈنى چىرايىدا ئۆزىگە ئىشىنىش پارلاپ تۇراتتى.

توي قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ كەتتى. يولدىشى خىزمەت قىلىشقا ئۆچ بولغاچقا ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قالىدىكەن، يولدىشى ئۇنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشىنى ياقتۇرمىغاچقا ئۇ ئاددىيراق كىيىنىپتۇ، يولدىشى ئايال كىشىنىڭ مۇقىم خىزمىتى بولۇشى كېرەك دەپ قارىغاچقا ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يول قويماپتۇ، ئۇنى ئۆيگە يېقىن جايدىكى ئاددى، مۇقىم بىر خىزمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىپتۇ.

ئۇ توي قىلغان ئۈچىنچى يىلى، مەن ئۇنى تاساددىپى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭكىدەك كىيىم كىيىۋاپتۇ، بەدىنىنىڭ شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، مېۋە يايمىسى ئالدىدا باققال بىلەن بىر مۇنچە باھا تالىشىپ، جېدەللىشىپ كەتتى.

تۇيۇقسىز شۇنى ئويلاپ قالدىم: ئەگەر بىر ئادەم بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز ئەسلى سىزدىكى بار ياخشى نەرسىلەرمۇ ناچارلىشىپ كەتسە ئۇنداقتا بۇنداق ئادەم بىلەن بىللە ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟

سىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغان بىر ئادەم بىلەن بىللە بولۇش راستتىنلا بەك مۇھىم.

ئىككەيلەن بىللە بولغاندا نىشانى ئوخشاش بولىدۇ، ئائىلىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدۇ، بىر-بىرى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ بارغانچە ناچارلىشىپ كەتمەيدۇ، تۇرمۇشى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپمۇ كەتمەيدۇ، ئۇنداق بولغاندىن بويتاق يۈرگەن ياخشى.

5. قەلبىڭىز سىزگە «ھەئە» دەمدۇ ياكى «ياق»مۇ؟

يېشىڭىز بىر يەرگە باردى توي قىلىڭ!

ئۇنىڭ پۇلى شۇنچە جىق تۇرسا، ئۇنىڭغا تەگسەڭ كۈنلىرىڭ ياخشى ئۆتىدۇ.

ئۇ ئادەم ياخشىكەن، سەن تاللاۋەرمىگىن!

.........

نۇرغۇن ئادەمنىڭ توي قىلىشقا تەييارلىقى پۈتمەي تۇرۇپلا يېشى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ سۈيلىشى بىلەن ئالدىراپلا توي قىلىۋېتىشكە جابدۇنىدۇ. تويدىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە قارىتا كۆڭلىڭىزدىكى تۇنجى ئىنكاسىڭىز ئەڭ ھەقىقىي ئىنكاس بولىدۇ.

بەزى نەرسىلەرنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتىۋەرگىلى بولىدۇ، بەزى ئادەملەر بىلەن توي قىلمىسڭىزمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ. چۈنكى كۆڭۈل تارتمىغان ئىش ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ.

باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ئۈچۈنلا ھاياتىڭىزنى دوغا تىكىۋەتمەڭ.

ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە تۇشلۇق نىكاھ قارىشى بولىدۇ، بۇ دادىنىڭ سوئالى ھەر قانداق بىر نىكاھقا ئۈلگە بولالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ سوئاللار سىزگە ئازراق بېشارەت ۋە تەسىرات ئەكىلەلىگەن بولسا بولدى.

سىزنىڭ شۇنى بىلىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن: ھايات بەك ئۇزۇن، خاتا ئادەمگە ئۇچراپ قېلىش يالغۇز قېلىشتىنمۇ قورقۇنچلۇق!

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بەك ياقتۇردۇم .

  • Dilox3 ئاي ئىلگىرى

    راس گەپ بوپتۇ،مەن توي قىلدىم ،ئەمما يالغۇزدەك ھىس قىلمەن ،ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشالمايمەن ،مىجەزىمىز بەك كىلىشىپ كەتمەيدۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ گىپ راس،مەن ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىپ بالا باقساملا بولدى ،

  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 ئاي ئىلگىرى

    قۇربانلىق بەرگۈچىلەر مەدھىلىنىدۇ خالاس،باشقا ئىش يوق،ماقالىدە ئېيتقىنىدەك نىكاھ ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار بولغان مۇنەۋۋەر تەرەپلەنى ئۆزگەرتمەي ئەكسىچە تەرەققى قىلدۇرىشىمىز كېرەك…

  • ئ‍ەكرەمجان993 ئاي ئىلگىرى

    بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ ئ‍ىتىبارسىز مۇئ‍امىلىسىگە دۇچار بولغان ھامان . قۇربانلىق بېرىشنى توختىتىش كىرەك .

  • مەىپەت3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تىمنى ئۇقۇپ ئۆزۈمنىڭ نىكاھى ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالدىم،قۇربانلىق بىرشنى شەرەپ دەپ بىلىپ خىزمەتتىن دوسلادىن ۋاز كىچىپتىمەن مانا بۈگۈنگە كەلگەندە پاراڭلىشدىغان ئادىم يوق،نىمشقا بۇرۇنراق ئويلىمغاندىمەن ،مۇھەرىر سىزگە رەھمەت

  • پىنھانە3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ماقالىنى يازغۇچىغا ،ۋە تەھرىرلىگۈچىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن …

  • گۈلسەنەم3 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى تىمىكەن . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

  • يالغۇزئەركەك3 ئاي ئىلگىرى

    ئاخىرقى ئككى قۇ ر سوز ئۇرۇنلۇق بوپتۇ

  • Milodiy5203 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . مۇھەررىر جاپا چەكتىڭىز !

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号