باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

788يوللانما
15مەستانە

SpaceX شىركىتى راكېتا قويۇپ بەرگەندىكى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ھەر خىل پەرەزلەرگە سەۋەپ بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-24 11:54 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: كۆپلىگەن چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كالفورنىيەدە بىر سىرلىق ھەم غەلىتە نۇر كېچە ئاسمىنىنى يۇرۇتۇپ ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىمۇ جانلاندۇرىۋەتكەن، ئاۋال بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ باقايلى. سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە چەكسىز ئاسمان بوشلۇقىدا ئاۋال بىر ئاق رەڭلىك يۇرۇق نۇقتا پەيدا بولۇپ، يۇرۇق نوقتا خۇددى ئاقار يۇلتۇزدەك كېچە ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتكەن، يۇرۇق نوقتا ئۇچۇش جەريانىدا خۇددى بىر زور ئېنىرگىيە يادروسىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ ئۈزلۈكسىز يوغىناپ بارغان ھەمدە چىرايلىق ئىز قالدۇرغان.

مۇنداق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈش ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىغا بولۇپ بەردى، نۇرغۇن تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ «خۇددى چۈشتەكلا، ئادەمنى راستىنلا ھەيران قالدۇرىدۇ» دېيىشتى، يەنە بەزىلەر بۇ بەلكىم UFO ياكى تاشقى پىلانېت ئادىمى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى.

لېكىن تېزلا كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ۋېنتۇرا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ يۇرۇق نۇرنىڭ راكېتا قويۇپ بېرىشتىن پەيدا بولغانلىقىنى دەلىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا SpaceX (ئامېرىكا ئالەم ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى) جۈمە كۈنى كەچتە ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دېڭىز بويىدىكى ۋاندېنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۇۋچى قارچىغا 9- نومۇرلۇق راكېتانى قويۇپ بېرىپ، 4-تۈركۈمدە 2-ئەۋلاد 10 سۇنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا يەتكۈزگەن، بۇ SpaceX شىركىتىنىڭ بۇ يىل رېكورت ياراتقان 18-قېتىملىق قويۇپ بېرىشى شۇنداقلا سۇنئىي ھەمراھ ئالاقە شىركىتىنىڭ 4-قېتىملىق قويۇپ بېرىشى ھېساپلىنىدۇ.

SpaceX يەنى ئامېرىكا ئالەم ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى بولسا PayPal دەسلەپكى مەبلەغ سالغۇچىسى ئېلون مۇسك 2002-يىلى ئىيۇلدا قۇرغان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى شىركىتى، بۇ شىركەت قىسمەن تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان قارچىغا 1-نومۇرلۇق ۋە قارچىغا 9- نومۇرلۇق راكېتانى تەتقىق قىلىپ ياسىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  SpaceX شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىر يۈرۈش ئالەم ئەسۋاپلىرى قارچىغا 9-نومۇرلۇق راكېتانى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئوربىتىغا يەتكۈزىلىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا ئالەم ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى تارىختا رېكورت يارىتىپ، راكېتا ئارقىلىق خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ماددىي-ئەشيا توشۇغان تۇنجى خۇسۇسىي شىركەت بولۇپ قالدى.

ئەمدى بىز بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ باقايلى

ئەگەر سىز ئەينى ۋاقىتتا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن بولسىڭىز ھاياجان ئىلكىدە تىلەك تىلەمتىڭىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号