باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

كېچىدە كىرگەن ئوغرى 40 نەچچە مىڭ يۈەننى ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-24 18:04 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 23-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ناۋادا قوشنىسى ئىشكىنى چېكىپ تۈنۈگۈن كېچە قوروغا ئوغرى كىرگەنلىكىنى ئېيتمىغان بولسا لاۋجاڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى، ئوغلى بىلەن كېلىنى سومكىسىغا سېلىپ قويۇپ قويغان 40 نەچچە مىڭ يۈەن ئوغرىلانغانلىقىنىمۇ بىلمىگەن بولاتتى. جاڭ ئۇستا: «بۇ ئىش كېچىدە يۈز بەرگەچكە ھېچقايسىمىز بىلمەپتىمىز. كېيىن ئۇ ئوغرىنىڭ دېرىزىنىڭ ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش تورىنى كېسىپ ئۆيىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۇق» دېدى. جاڭ ئۇستىنىڭ ئۆيى شىئەن شەھىرى ليەنخۇ رايونى شىۋۇ گۈللۈكى قوروسىدا بولۇپ، قورو كونا بولغاچقا كۆزەتكۈ يوق ئىدى.

12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8لەردىن ئاشقاندا بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق يەۋاتقاندا قوشنىسى ساۋ ئۇستا ئۇلارنىڭ ئىشكىنى چېكىپ: «ئۆيۈڭلاردا بىرەر نەرسە يۈتۈپتىمۇ؟ قورونىڭ ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تازىلىقچى سەھەر سائەت 4لەردە بىرەيلەننىڭ 2-قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئوغرى بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ ئۇستا دەرھال ئاشخانىسىغا كىرىپ ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش تورىنىڭ ھەقىقەتەن كېسىۋېتىلگەنلىكى، ئوغلى بىلەن كېلىنى سومكىغا سېلىپ قويغان 40 نەچچە مىڭ يۈەن يوقلۇقىنى بايقىدى. شۇنچە كۆپ پۇلىدىن ئايرىلىپ قالغان لاۋ جاڭ سوغۇق تەرگە چۆمۈلدى ۋە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى.

«مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6:30دا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چېنىققىلى چىقىمەن. ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرغاندا ئاشخانىدىن زالغا چىقىدىغان ئىشىك ئوچۇق تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. ئادەتتە بۇ ئىشىكنى چوقۇم يېپىۋېتەتتىم. بىراق، ئۆيدىكىلەر كېچىدە تۇرغان بولسا دەپ كۆپ ئويلىماپتىمەن.»

جاڭ بوۋاينىڭ ئايالى: «ئەتىگەن ئۇلارنىڭ سومكىسىنىڭ كىرىسلوغا تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بالدۇرلا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئوغرى كىرگەنلىكىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن» دېدى. ئۇلارنىڭ كېلىنىنىڭ سومكىسىدىكى 20 نەچچە مىڭ يۈەن پۇل بانكىدىن يېڭىلا ئېلىنغان بولۇپ، شىركەتتىكىلەرنىڭ مائاشى ئىدى. ئوغلى 20 نەچچە مىڭ يۈەننى دوستىغا جىددىي لازىم بولۇپ قالغاچقا ئالغانىدى.

«ئوغرى ئۆيگە دورا چېچىۋەتكەن ئوخشايدۇ. ئوغلۇم ئەتىگەن تۇرغاندا كۆڭلى ئېلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، مېنىڭمۇ بېشىم قايغاندەك بولدى.»

قورو تازىلىقچىسى: «شۇ ۋاقىتتا ئارقامدىن شەپە كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆرۈلۈپ قارىسام 2-قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدە بىرەيلەن تۇرۇپتۇ. كېيىن ئۇ جايدا يەنە بىرى بارلىقىنى بايقىدىم. بىراق، يېشىم چوڭ بولۇپ قالغاچقا قوغلاپ يېتەلمەيدىغاندەك، يېتىشۋالغان تەقدىردىمۇ ياشلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم» دېدى.

لاۋجاڭ ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش تورىنىڭمۇ ئەسقاتمىغانلىقىدىن بەكلا بىئارام بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号