باش بەت

del103

4006يوللانما
31مەستانە

خۇاۋېي nova 2s يانفونىنىڭ جاڭ يىشىڭ بۇيرۇتما نۇسخىسى سېتىلىشقا باشلىدى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-24 22:33 0 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى 24-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

7-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، خۇاۋېي شىركىتى بېيجىڭ دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە يېڭى يانفونى nova 2sنى ئېلان قىلدى. يېڭى يانفون قوش ئەينەك يۈز، مېتال رامكىلىق ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن، قارا، كۈلرەڭ، ھال ئالتۇنرەڭ، سۇس كۆك ۋە قىزىل قاتارلىق بەش خىل رەڭلىك ئۇسلۇبى بار.

باھاسىغا كەلسەك، بۇ يانفوننىڭ 4GB+64GBلىقى 2699 يۈەن، 6GB+64GBلىقى 2999 يۈەن، 6GB+128GBلىقى 3399 يۈەن (جاڭ يىشىڭ بۇيرۇتما نۇسخىسى). خۇاۋېي ئورگان تورى بۈگۈن 3399 يۈەنلىك جاڭ يىشىڭ بۇيرۇتما نۇسخىدىكى nova 2s يانفونىنىڭ رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئادەتتىكى نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇيرۇتما نۇسخىدىكى nova 2s يانفونىغا بىردىنبىر رەقەملىك رەت نومۇرى چۈشۈرۈلگەن، سىستېما UI لايىھەسىگە مەخسۇس تەگلىك رەسىم قوشۇلغان، بۇنىڭدىن باشقا، جاڭ يىشىڭنىڭ ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازى كىرگۈزۈلگەن.

بۇيرۇتما نۇسخىدىكى خۇاۋېي nova 2s يانفونى چەكلىك مىقداردا پەقەت 10 مىڭ دانە سېتىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن رەسمىي بازارغا سېلىنغان. بۇ يانفونغا 6GB+128GBلىك ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى ۋە چىلىن 960 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. خۇاۋېي EMUI 8.0 سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان بولۇپ، مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق خىلمۇ-خىل ئىقتىدارلار قوشۇلغان.

سۈرەتكە تارتىش جەھەتتە، خۇاۋېي بۇ يانفوننىڭ ئالدى تەرىپىگە 20+20 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا، ئارقىسىغا 20+16 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ئورناتقان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号