باش بەت

مۇزئارت

84يوللانما
2مەستانە

تەتقىقاتچىلار بېلىق يېگەن ئادەمنىڭ ئەقىللىق بولىدىغانلىقىنى بايقىدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-25 12:36 5 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەتقىقاتچىلار بېلىق يېگەن ئادەمنىڭ ئەقىللىق بولىدىغانلىقىنى بايقىدى، ئالىملار ئىككى ياشتىن باشلاپ بېلىق يېيىش تەكلىپىنى بەردى

پايدىلىنىش خەۋىرى تورىنىڭ 12–ئاينىڭ 24–كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، رۇسىيە تاراتقۇلىرى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالىملىرى بېلىقنى كۆپ بەرگەن ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىسىنى «يۇرىك ئاگاھى» (尤里卡警报Eurekalert) ئاخبارات تورىغا چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 12–ئاينىڭ 21–كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ماقالىنى يازغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار بېلىق تۈرىدىكىلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان Omega-3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئادەمنىڭ زېھنىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، بىراق ئەقلىي قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېتەرلىك تەھلىل قىلمىغان.

بۇ قېتىمقى تەتقىقاتنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى 9 ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان 541 نەپەر جۇڭگولۇق بالىلار، بۇنىڭ %54 ئوغۇل، %46 ى قىز. بالىلاردىن ئاۋۋال قاچاندىن باشلاپ بېلىق يېگەنلىكىنى سورىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان سىناققا قاتناشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بالىلارنىڭ ئاتا–ئانىسىدىن بالىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى سورىغان.

سىناق نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، بېلىقنى ئاز يەيدىغان ياكى قەتئىي بېلىق يېمەيدىغان ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرۇلۇپ، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم بېلىق يەيدىغان بالىلارنىڭ ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق قېتىم سانى نىسبەتەن ئاز بولغان، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىنايدىغان سىناقتىن ئېرىشكەن نومۇرى 4.8 ھەسسە يۇقىرى چىققان.

پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار، تەتقىقات نەتىجىسى بېلىقنى بالىلارغا كۆپ يېگۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بالىلارغا ئىككى ياشتىن باشلاپ بېلىق يېگۈزۈش كېرەك. قانچە بالدۇر بېلىق يېسە، بېلىقنىڭ تەمىگە شۇنچە ئاسان ماسلىشىدۇ ۋە ئامراق بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىغان. تەتقىقاتقا قاتناشقان جېنىفور پىنتو مارتىن: «بالىلارنىڭ پۇراققا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بېلىقنىڭ پۇرىقىنى ياقتۇرمىسا، ئۇلار بېلىق يېگىلى ئۇنىماسلىقى مۇمكىن» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئوۋچى بىز3 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى ئۇقۇپ تىما بو ئىشنى؟

  • غىرىپ ئۇيغۇر قىزى3 ئاي ئىلگىرى

    قار مەلىكە باش سۇرتىڭىزبىلەن ئىسمىڭىز دەششەت ماس كەپتۇغۇ ھاھاھا

  • قارمەلكە3 ئاي ئىلگىرى

    ئوتالدۇراخۇن پاتىنىت ھۇقۇقىنى تالىشامسىزيە يەنىلا بىر دىيىشىپ باققىنىڭىز تۇزۇكتەك قىلىدۇ جۇمۇ

  • ئوتالدۇراخۇن3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ دادام بۇ تەتقىقاتچىلاردىن بۇرۇنلا بىلەتتى، كىچىكىمدىن تارتىپ ماڭا بېلىق يىگەن ئادەم ئەقىللىق بولىدۇ دەيتتى

  • پوندىلەك3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق بولسا لەھەڭدىن بىرنى يەۋەتسەم بەك ئەقىللىق بۇپ كىتەرمەنمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号