باش بەت

مۇزئارت

51يوللانما
2مەستانە

ئەقىللىق ئادەملەردە بار بۇ 13 خىل ئالاھىدىلىك سىزدە بارمىكەن؟

مەنبە:جۇڭگو گېزىتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-26 22:00 52 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو گېزىتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىشىلەرنىڭ ئالدىدا كىممۇ خىجىل بولماي ئۆزىنى مەن ئەقىللىق دېيەلىسۇن. مەن ئەقىللىقمۇ؟ نەدىكىنى، ئەمما سىناپ بېقىشقا بولىدۇ. ئادەمنىڭ كەينىدىن ئۇستاتلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ زېھنىي كۈچىگە ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، بۇ 13 خىل ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قاراپ، ئۆزىڭىزنى نەچچە تۈرنى قانائەتلەندۈرەلەيدىكەنسىز، كۆرۈپ بېقىڭ.

1. ئاسانلىقچە كۆڭلى بۆلۈنمەسلىك

فىرانكىز جو ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغان «كۈچلۈك بولغان ئوي–پىكرىنى بىر يەرگە يىغالايدىغان، ئاسانلىقچە كۆڭلى بۆلۈنمەيدىغان» ئادەم. ئۇنىڭ ئىسپاتى بولسا 2013–يىلى ئېلان قىلىنغان «ھازىرقى زامان جانلىق ئىلمى» ژۇرنىلىدىكى ئىلمىي ماقالىسى.

ئۇ ئىلمىي ماقالىدە ئىككى خىل كىچىك تەتقىقات تونۇشتۇرۇلغان، ئەقىل سىناشتا نىسبەتەن يۇقىرى نومۇر ئالغان كىشى نىسبەتەن چوڭ كۆرۈنۈشتىكى نەرسىنىڭ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى پەرق ئەتكەندە، سۈرئىتى ئادەتتىكى ئادەمدىنمۇ ئاستا بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى مۇھىم ئۇچۇرلارغا قارىتىشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقى ۋە قالدۇق قىسمىنى سۈزۈۋەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن.

2. تۈن مۈشۈكى

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئادەم قانچە ئەقىللىق بولسا، ئۇخلايدىغان ۋاقتى شۇنچە كېيىن بولىدىكەن.

2009–يىلى ئېلان قىلىنغان «خاسلىق بىلەن يەككىلىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق» ژۇرنىلىدا بىر تەتقىقات ماقالىسىدا، مىڭلىغان ياشلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىكى ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ئۇيقۇ ئادىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇھاكىمە قىلغان. نەتىجىدە، مەيلى ئادەتتىكى كۈن ياكى ھەپتە ئاخىرى بولسۇن، ئەقىللىق ئادەم كېيىن ئۇخلاپ، ۋاقچە قوپىدىكەن.

3. ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك

ئەقىللىق ئادەم جانلىقلىققا ئىگە بولىدىكەن، ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلەيدىكەن. دەل دوننا ئېف خەممېت يازغاندەك، ئەقىللىق ئادەم ۋەزىيەتكە ماسلىشالايدىكەن: «ئەھۋال قانچىلىك مۇرەككەپ ياكى چەكلىمىلەر بولسۇن، ھەممىسىدە ھەرىكىتى بىردەك بولالايدىكەن».

بۇ نۇقتىئىنەزەر ئەڭ يېڭى پىسخىكىلىق تەتقىقاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يۇقىرى بولۇش–بولماسلىقى سىزنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا مۇھىتقا سىڭىپ كىرەلىشىڭىزگە ۋە ھەرىكىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزگە ياكى ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتنى ئۆزگەرتەلىشىڭىزگە باغلىق بولىدىكەن.

4. ئۆزىنىڭ بىلىشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشىنىش

ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئۇقۇمغا پىششىق ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. دەل جىم ۋىنېر يازغاندەك، ئەقىللىق ئادەم: «‹بىلمەيمەن› دېيىشتىن قورقمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلمىسە ئۆگەنسە بولىدۇ».

ۋىنېر كۆزەتكەن بۇ نۇقتا جاستىن كىرۇگېر بىلەن دېيۋىد داننىڭ «خاراكتېر بىلەن جەمئىيەت پىسخولوگىيەسى ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بىر نادىر ئىلمىي ماقالىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ ئىلمىي ماقالىدە، ئەقلىي ئىقتىدارى شۇنچە تۆۋەن ئادەم، ئۆزىنى ئەقلىي قابىلىيىتى شۇنچە يۇقىرى قارايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

مەسىلەن، بىر تەجرىبىدە، ئوقۇغۇچىلار قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان سوئالىنى ئۆزگەرتىپ سىناق ئالغان، نەتىجىسى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى بەرگەن جاۋابىنى يۇقىرى مۆلچەرلىۋالغىنى %50 بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى بەرگەن جاۋابلىرى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن.

5. چېكى يوق تەلەپ ۋە ئارزۇ

ئالبېرت ئېينىشتىيىن مۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلغان: «مەن ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئەمەس، پەقەت دۇنياغا قىزىقىش بىلەن قارايمەن».

كېيزۇربېر ئالاس پۇتمۇ: «ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى ئادەم باشقىلارنىڭ نەزەرىدە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان شەيئىگە مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

2016–يىلى «يەككىلىكنىڭ پەرقى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيەسى بىلەن قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى ھەرخىل بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىگە بولغان پوزىتسىيەسى (تەلەپ ۋە ئۈمىدنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارىسىدا چوقۇم مۇناسىۋىتى بولىدىكەن.

ئالىملار ئۇدا 50 يىل نەچچە مىڭ ئەنگلىيەلىكنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشتىن بايقىشىچە، 11 ياشتا ئەقلىي ئىقتىدار بۆلۈنمىسى يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن كىشىلەر 50 ياشتىن كېيىنمۇ يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىكەن.

6. ئىدىيەسى ئوچۇق

ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى كىشىلەر يېڭى نۇقتىئىنەزەر ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدىكەن، ئىسراپ قىلىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولمايدىكەن.

خەممېت: «ئەقىللىق ئادەملەر كۆكسى–قارنى كەڭ ھالدا قوبۇل قىلىشنى ۋە باشقا نۇقتىئىنەزەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى خالايدۇ، ئۇنىڭ قىممىتىنى بايقىيالايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىدا ھەل قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ» دەپ يازغان.

پىسخولوگلار: ئەقىللىق كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان نۇقتىئىنەزەردىن تېپىپ چىقالايدىغان ۋە دەڭسىيەلەيدىغان كىشىلەر دەپ قارايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقىللىق كىشىلەر ئۆزى قوبۇل قىلغان تەكلىپ ۋە پىكىرلەردىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ.

ئىلاس: «ئەقىللىق ئادەم سىرتقى قىياپىتىگە قاراپلا قوبۇل قىلىش–قىلماسلىقنى قارار قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، تولۇق ئىسپاتقا ئېرىشىشتىن بۇرۇن ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ» دەيدۇ.

7. يالغۇز يۈرۈشنى خالاش

دىپانكار تىرىخان: «ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى كىشىلەر ‹ئىنتايىن شەخسىيەتچى› بولىدۇ» دەيدۇ.

قىزىقارلىق بولغىنى، «ئەنگلىيە پىسخولوگىيە» ژۇرنىلىدا چىققان يېقىندىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئېرىشكەن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى كۆپ تۆۋەن بولىدىكەن.

8. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك

زوھىر ئەلى: «ئەقىللىق كىشىلەر ‹پىلان−ئېنىق نىشان−كۆپ خىل تاكتىكىنى قوللىنىپ ئىزدەش−ھەرىكەت قوللىنىشتىن بۇرۇن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىش›ئارقىلىق يېڭىدۇ» دەپ يازىدۇ.

ئالىملارمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى بىلەن ئەقلىي قابىلىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايقىغان. 2009–يىلى ئېلان قىلىنغان «پىسخولوگىيە ئىلىم-پېنى»دىكى بىر تەتقىقاتتا، قاتناشقۇچىلارنى ئىككى خىل مۇكاپاتتىن بىرنى تاللىغۇزغان: شۇ ھامان ئالغىنى بىر قەلەم مۇكاپات، كېچىكىپرەك ئالغىنى تېخىمۇ چوڭ بىر مۇكاپات بولغان.

نەتىجىسى كۆرسىتىلىشىچە، كېچىكىپرەك چوڭ مۇكاپاتنى ئالغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كىشىلەر بولغان، ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىنايدىغان سىناقتىمۇ يۇقىرى نومۇر ئالغان.

تەتقىقاتچىلار:  مېڭىنىڭ ئالدى پوستلاق قەۋىتى بەلكىم ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىپ بېرىشى ۋە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا يۈرگۈزگەن ئۆزىنى كونترول قىلىش رولىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن.

9. ئىنتايىن يۇمۇرىستىك

ئادۋىتا بىخانى: «ئەقىللىق كىشىلەردە دائىم ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى بولىدۇ» دەيدۇ.

يېڭى مېكسىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلىدۇ. ئۇلار بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ قىزىقارلىق ھەجۋى رەسىمنى سىزىپ ۋە يېزىپ چۈشەندۈرەلەيدىغان ئادەمنىڭ تىل قابىلىيىتى سىنىقىدا ئېرىشكەن نومۇرى تېخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە بىر تەتقىقاتتىن بايقىشىچە، كومېدىيە ئارتىسلىرىنىڭ تىل قابىلىيىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن.

10. باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە قارىتا بىرقەدەر كۈچلۈك ھېس قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ

ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئوي–خىيالى ۋە ھېسسىياتىنى ھېس قىلالايدۇ.

بەزى پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ھېسسىياتىغا ئورتاق بولۇش ھېسسىيات كۆرسەتكۈچىنى ئىپادىلەشتىكى يادرولۇق ئامىل، ئەقىللىق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ھېسسىياتىنى چۈشىنىدۇ، يەنە كېلىپ سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

ھېسسىيات كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىشىلەر ئادەتتە يېڭى دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ۋە قارشى تەرەپنى تېخىمۇ چۈشىنىشنى خالايدۇ.

11. ئادەتتىن تاشقىرى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى

ئەقىللىق كىشىلەر باشقىلار كۆرەلمىگەن شەكىلنى كۆرەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر–بىرىگە مۇناسىۋەتسىز ئىككى ئوي–پىكىردىن ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقالايدۇ.

خۇددى ئېپرىل ئاستورىيا: «سىزچە تىرىك بېلىق بىلەن تاۋۇز ئارىسىدا مۇناسىۋەت يوقمۇ؟ سىز خاتالاشتىڭىز، بۇ ئىككى نەرسىنى توڭلاتقاندىن كېيىن خام يېيىشكە بولىدۇ» دېگەندەك.

قىزىقارلىق بولغىنى، مۇخبىر چارلىز دۇخىگ قارىشىچە، بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تىكلەش بولسا ئىجادچانلىقنىڭ بەلگىسى، ئىجادچانلىقمۇ ئەقلىي قابىلىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. دۇخىگ دېسنىي شىركىتى ئىشلىگەن كارتون فىلىم «قار-مۇزنىڭ تەقدىرى»نى ئىشلەش جەريانى ۋە خۇلاسە سۆزىنى تەتقىق قىلىپ، «كونا ھېكايىنى قايتىدىن بىرىكتۈرگەن»لىكى ئۈچۈن، بۇ كارتون فىلىم كىشىلەرگە بېرىدىغان پەم–پاراسەتلىك ۋە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلغان.

12. كەينىگە سۆرەش كېسىلى

ماخىش گاركوتى: «ئەقىللىق كىشىلەر كۈندىلىك خىزمەتنى كەينىگە سۆرىشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇلار ئاساسلىقى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ.

بۇ بىر قىزىقارلىق كۆزقاراش، بىراق بىر قىسىم ئالىملار ھەقىقىي ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ كەينىگە سۆرىشى مۇھىم خىزمەتنى قىلغانلىقىدىن دەپ قارايدۇ. ۋورتون سودا ئىنستىتۇتىدىكى پىسخولوگ ئادام گىرەنت كەينىگە سۆرەش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى، سىتىۋ جوبىسمۇ كەينىگە سۆرەش تاكتىكىسىنى قولللىناتتى، دەپ قارايدۇ.

گىرەنت سودا ساھەسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى توغرىلىق سۆزلەپ: «سىتىۋ جوبىس بىر تۈرنى توختىماي كەينىگە سۆرەيتتى، تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرنى قايتا – قايتا ئويلىناتتى، ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققۇچە ساقلايتتى، يەنە كېلىپ ئەڭ ئەنئەنىۋى، ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ پىششىق ئۇسۇلنى بىۋاسىتە تاللىمايتتى» دەيدۇ.

13. ھەقىقىي چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش

رام كۇمار: «ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئالەم ۋە ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق نۇرغۇن قاراشلىرى بولىدۇ. ئۇلار ئاخىرىنى چىقارمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ» دەپ يازىدۇ.

بۇ خىل مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنىڭ قالايمىقان بولۇشى بەلكىم ئەقىللىق كىشىلەرنى ئاسانلا تەشۋىشلەندۈرىدىغان سەۋەبنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. دېيۋىد ۋىلسوننىڭ تور ژۇرنىلى سلېيت (Slate)تا خەۋەر بېرىشىچە، ئەقىللىق كىشىلەر تېخىمۇ ياخشى بولغان يەردىن كۆپ خىل نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلىنىشى مۇمكىن، بۇ ئۇلارنىڭ ھەمىشە ئىشلارنىڭ خاتالىق چىقىش مۇمكىنچىلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ بەلكىم تەشۋىش كەلتۈرۈپ چىقىش سەۋەبىنىڭ دائىم ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن: دەسلەپتىلا نېمىشقا بۇنداق قىلىمەن؟ ھاجىتى بارمۇ؟ دېگەندەك...

باش سۈرەت تاللاش x
  • 永不分离@3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاجەي مىرزىغا بىر بىلەت

  • گۈلمىرە نۇرمەمەت3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن خىلى ئەقىللىق ئوخشايمەندە ئەمسە

  • ئاجەي مىرزا3 ھەپتە ئىلگىرى

    كىيىن ياتقان ئادەم ۋاقچە قوپسىمۇ ئۇخلاش ۋاقتى يەنىلا ئادەتتىكى ئادەملەردىن بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ، بۇنىسى تەبىئىي ۋە ئىنىق

  • ئاجەي مىرزا3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئادىلجان سز ئەقىللىق ئەمەسكەنسىز بۇرادىرىم، قارىڭە، كىيىن ئۇخلايدىغانلار ئەقىللىق بولىدۇ دەپتۇ، ھەرگىزمۇ كۆپ ئۇخلىغاننىڭ گىپىنى ھىچكىم قىماقلىق بۇ يەدە، تازا بىلىمىڭىزنى نامايەن قىپ قاينىۋاپسىز، بولدى توختاپ قىلىڭ، ئىمتىھاننى ياخشى بىرىڭ جۇمۇ ، مىنىڭچە سزنىڭ ئاز ئۇخلىشىڭىز ئىھتىياج تۈپەيلىدىنكەن، ھەرگىزمۇ مەيەدە دىيىلگەندەك ئەقىللىق بوپ كىتىش سەۋەبىدىن ئەمەس،

  • ئادىلجان0073 ھەپتە ئىلگىرى

    كۆپ ئۇخلىسا ئەقىللىق بولامدىكەن ئۇنداقتا دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشلەر دەپ قارالغان ئالبىرىت ئېينىشتىين ،نكۇلاي تىسلا ،ئىدسون ،ئابرىھام لىنكولىن ،ناپولىيون ،قاتارلىق داڭلىق ئەرباپلا كۇندە پەقەتلا تۆت سائەت ئۇخلايتىغۇ ،مۇشۇ پەرەزنى ئوتتۇرغا قويغان ئالىم ئەقىللىق بوپتىكەنما ،يىقىنقى تەتقىقات نەتىجىسدە ئادەم مىڭسىنىڭ كىچىككىنە ھىمپولكىس رايۇننىڭ 1مىليون 200مىڭ مىگا بايىت قىممىتدىكى نەرسىنى بىركۇندە ئىسدە تۇتۋالالايدۇ دەپ كۆرسىتلىۋاتسا سىلە نىمگە ئاساسەن كۆپ ئۇخلىسا ئەقىللىق بولدۇ دەيسىلە ،كوپ ئۇخلىسا چوڭ مىڭنىڭ سىرىتقى مۇھىت بىلەن بولغان ئالا قىسى ئاز بولدۇ شۇڭا نۇرغۇن كۆرۇش تۇتۇش پۇراش تىگشىش قاتارلىق ئۇسسۇللار بىلەن كىلدىغان ئۇچۇر مەنبەلىرى قۇبول قىلىش ئاز بولدۇ ،بۇنداق بولغاندا ئۇلارغا نىسبەتەن يىڭى نەرسە كۆپ بولغاچقا يادىدا تۇتۋالالايدۇ لىكىن بۇ ئۇلار نىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكدە ئەمەس بەلكى ئۇ ئىشقا ئۇچراپ باقمىغانلىقدا ،مەسلەن ھەر قانداق ئادەم تۇنجى قىتىم بىرە يىڭى نەرسىنى كۆرسە ئالاھىدە قىزقىپ يادىدا تۇتۋالدۇ ئەگەر ئۇنى يۈز قىتىم كۆرسىچۇ ،ئالىملارمۇ يىڭى بىرە ماسلىگە يۇلۇققاندا ئۇنى تەتقىق قىلدۇ كۆپ قىتىم ئۇچرىشىش ئارقىلىق يىڭى نەزرىيەنى ئوتتۇرغا قويدۇ ئەگەر كۆپ ئۇخلىسا ئەقىللىق بولسا ئۇلار نىمىشقا ئاز ئۇخلاپ كۆپ تەجىربە ئىشلەيدۇ ،ئۇلارمۇ بايقاپ ئۇخلاپ قۇپۇپلا بىلىپ قالسا بولمامدۇ ،ئۆزەمنى مىسال ئالسام ئەتگەندە رۇس تىلى ئىنتىھاننى بىرىپ 90نۇمۇر ئالدىم ئاخشام بالدۇر ئۇخلاپ ئەتگەن بۇرۇن قوپمەن يەنە بىر ياتاقدىشىم ھازىرمۇ ئۇخلا ۋاتدۇ ئۇنىڭغا مۇئەللىم 100نۇمۇر قويارمۇ ،كۇندە كەچ ئۇخلايدۇ سائەت چۈشتىن كىيىن قوپدۇ ئەمسە ئۇ ئەقىللىق كەن ھە ،نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم رۇس تىلنى شۇنچە راۋان سۆزلەيدۇ چۈشكىچە ياتقانلار ھەرپىنمۇ بىلمەيدۇ ئەمسە ئۇ ئەقىللىقما

  • ياماراجا3 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە ھازىرقى كۆپ قىسىم ياشلار 2.تۈرگە دائىمىي ئەزا

  • ياماراجا3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن 12. 2 چۈشىدىكنمە

  • چىكىت3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەندە بەشى باركەن يالغۇزلۇقنى خالاش، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، كېيىن ئۇخلاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، بىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق دېگەنلەر ئەسلى خېلى ئەقىللىق ھېسابلىنىدىكەنمەن، بىلمەي يۈرۈپتىمەن ھى ھى ھى

  • ئېزىز جان3 ھەپتە ئىلگىرى

    شاھ ئىسىملىك تۇرداش.بەك دانا گەپ قىلىپسىز.بەزى ۋاقىتلاردا ، ئەقىل بىلەن غورۇر قارىمۇقارشى كېلىدىغانلىقى توغرا.

  • Atuxqa:3 ھەپتە ئىلگىرى

    ھورنان ئسمىڭىزنى ئوقۇپ راسا كۇلۇپتىمەن دىسە ھى ھى ھى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号