بېيجىڭ ۋاقتى تورى 25-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
«مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى لۇيىس سىتىيلېم ئىسىملىك 38 ياشلىق دېھقان 5 كۈن ئىلگىرى سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن دېھقانلار ۋە خەلق ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنى تەشكىللەپ ئىزدەش خىزمىتىگە ئاتلانغان. قۇتقۇزغۇچىلار 5 كۈنلۈك ئىزدەپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بېسلېھېم بازىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىن لۇيىسنى تاپقان. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىر چوڭ تاش ئاستىغا قىسىلىپ قالغىنىغا تولۇق 5 كۈن بولغانىدى.
قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ 5 كۈن جەريانىدا لۇيىسنىڭ ئاپتوموبىلى ئاۋۋال تېپىلغان بولۇپ، ئۇ قالدۇرغان ئىزلار بىلەن چوڭ تاش ئاستىغا كېلىپ ئۇنى تېپىۋالغان. قۇتقۇزغۇچىلار دەسلەپتە ئۇنى ئۆلۈپ قاپتۇ، دەپ ئويلىغان. بىراق، تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن ھاياتلىقىنى بايقاپ 3 سائەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قۇتقۇزۇۋالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. لۇيىس ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ كەتكەنلىكتىن ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتماقتا.
قۇتقۇزغۇچىلار لۇيىسنىڭ تاش ئاستىدىكى بىر كەمتۈك يەرگە كىرىپ قاپسىلىپ قالغانلىقى، 5 كۈنگىچە سۇ ئىچمەي، ھېچنەرسە يېمەيمۇ ھايات قېلىشىنىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق، ئۇنىڭ تاشنىڭ كەمتۈك يېرىگە نېمىشقا كىرمەكچى بولغانلىقى ھەم نېمە ئۈچۈن قايتىپ چىقالمىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمىدى.
ئەمەتجان 0073 ئاي ئىلگىرى
ئەگەر نىمىشقا كىرگەنلىگىنى بىلمەكچى بولسا سورسىلا بولىدىغۇ، ھىچكىم بىلەلمىگەن دەپ يۈرگىچە.
تۇخۇم پوشكلې3 ئاي ئىلگىرى
سۇن ۋۇكۇڭ بۇلاي دگەن مۇ يا
تاڭ سڭنې ساخلاپ
ئېرپوت3 ئاي ئىلگىرى
ئۆزىنى ئەرىشكەتەڭداشسىزئەۋلىيا ئەزەم چاغلاپ تاڭسىڭنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن
توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى
نىمەنى دەپ كىرگەن بولغىيدىڭ بورادەر ئو يوچوققا ،ئاىلەڭدىكىلەرنى ئەنسىرتىپ.ھىلمو ياخشى ئامان قاپسەن .
ۋەيرانە3 ئاي ئىلگىرى
خەتەرلىك 127سائەت