باش بەت

ئادىلجان

8598يوللانما
123مەستانە

30 يىلدىن بېرى پەقەت كولالا ئىچكەن خېنەنلىك ئەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-26 19:40 8 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن تەي مەيشۈەن بىر بوتۇلكا كولانى كۆتۈرۈپ بىراقلا ئىچىۋەتتى. تەي مەيشۈەن بۇ يىل 48 ياشتا، خېنەن لىنجۇ شەھىرىنىڭ جېنلىن كوچىسى نەنگۇەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئۇ ھەر كۈنى ئاساسلىقى كولا ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ، ئادەتتە سۇ ئىچمەيدۇ، مۇشۇ ئادەتنى ساقلاپ كەلگىلى 30 يىل بولدى، ئەمما ئۇنىڭ تېنىدە ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ باقمىدى. 

سۈرەتتە تەي مەيشۈەن يېقىندا ئىچكەن قىسمەن كولا بوتۇلكىلىرىنى كۆرسەتمەكتە. فوتوگراف ساناپ كۆرۈپ 80دىن ئارتۇق بوتۇلكا بارلىقىنى بايقىدى. 

ئۇ بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن 30 يىل بۇرۇن كولا ئىچىشنى باشلىغان، ئاستا-ئاستا قايناقسۇ ئىچمەيدىغان، پەقەت كولالا ئىچىدىغان بولدۇم، ھازىر قىش، ھەر كۈنى بەش بوتۇلكا ئىچىمەن، يازدا تېخىمۇ كۆپ ئىچىمەن، ئىچمىسەم بىئاراملىق ھېس قىلىمەن.»

تەي مەيشۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كولانى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئىنتايىن راھەت ھېس قىلىدىكەن، تېنىدە نورمالسىزلىق بايقالمىغان، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزگەرمەي ساقلانغان. 

سۈرەتتە تەي مەيشۈەن كولا ئىچمەكتە. فوتوگرافنىڭ قارىشىچە، تەي مەيشۈەن جىسمانىي بەدەن ساپاسى سەۋەبلىك تاسادىبىي ھالدا مۇشۇنداق تەسىرگە ئۇچرىمىغانىكەن، چۈنكى تەتقىقاتلاردا ئىچىملىكنى زىيادە كۆپ ئىچكۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكى زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ تەي مەيشۈەننى تەقلىد قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىرزائەلى3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇف توۋا پۇنى شۇنداقمۇ ئىتىڭ بامۇ كۇكا كۇلا جۇڭگۇ بازرىغا قاچان كىرگەن ھىساپلاپ بىقىڭلا

  • ئادىل بەگ3 ئاي ئىلگىرى

    خۇمار قىلىدىغىنى ئېنىق، چۈنكى كوكا كولانىڭ خام ماتىريالى دەل كوكائىن،

  • ھىلال3 ئاي ئىلگىرى

    مەن مۇشۇ كەمگە كەپ بىر نەچچە قىتىملا كۇلا ئىچىپ باققان

  • قىسقا خەۋەر3 ئاي ئىلگىرى

    كولا ئىچسەملا جىددى سەمرىپ كىتمەن ، ئاندىن ئاچىقق سۇ ئىچمەندە چىددى ئوروقلايمەن

  • گۇلدەستە3 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۇ راسمدۇ قارسام تۇرمۇشى بەك ياخشدەكمۇ ئەمەس ،

  • ئانا، ۋەتەن3 ئاي ئىلگىرى

    كولا، ئىچمىسە، بىئاراملىق، ھىس، قىلسا، نورمالسىزلىق، بولماي، نىمە، ئۇ؟

  • ئەسئەت3 ئاي ئىلگىرى

    كۇلا خۇمار قىلىدۇ جىق ئىچۋەتسە بۇ ئېنىق بىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى بىر ياشانغان ئايال60ياشتا باغۇ دەيمە كۇلاغا خۇمار بۇلۇپ قېلىپ كۈندە 3تال كۇلا ئىچمىسە تۇراممايدىغان بۇلۇپ قالغان كۇلا ئەكرىپ بەرمىسە باللىرىنى تىللايدىغان بۇلۇپ قالغان كىينچە دىيابىت قان بېسىمى قاتارلىق كىسەل بولغان كىينچە ئېغىرلىشىپ كەتكەن دوختۇر كولانى تاشلىمىسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىدىغىننى ئيىتقان ھەتتا نايىمىزدە دالاش ئىمكانىيتى بومماي يۇقرى دەرجىلىك دوختۇرخانىغا ئاپرىشنى ئيىتقان ،،راس بولغان ئىش
    مەن كۇلانى يىلدا 1ئىچىپ قويىمەن بوممىسا قايناق سۇ

  • مۇز3 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا 6يىل بۇلدى كۇلادىن باشقا سۇ ئىشمەيمەن كۇندە 5.6نى ئچمەن ماڭمۇ زىيانقىمايدۇ ئىغىرلىغىممۇ72 كىلۇ ئەتراپىدا كىلمەن لىكىن باشقىلار زىيان قىلدۇ دەيدۇ بىر قۇتسىغا 3كۇي زىيان قىلغاندىن باشقا ئىش يۇق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号