باش بەت

زۆھەل

159يوللانما
14مەستانە

دۇنيادا پەقەت جۇڭگولۇقلارلا يانفونغا چاپلاق چاپلامدۇ؟ بۇنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-26 21:41 32 ئىنكاس چۈشتى

بەيجىياخاۋ خەۋەرلەر تورى 26-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يانفونغا بىخەتەرلىك چاپلىقى چاپلاش ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتتى. لېكىن يەنە پات-پاتلا مۇنداق گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز: «چەتئەللىكلەر يانفونلىرىغا بىخەتەرلىك چاپلىقى چاپلىماستىنلا بىۋاستە ئىشلىتىۋېرىدۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ يانفونلىرىغا چاپلاق چاپلىۋېلىشى تولىمۇ غەلىتە بىلىنىدۇ...» دېگەندەك. بۇنداق دېيىش ئەمەلىيەتتە توغرا بولمىغان. مەيلى دۆلەت سىرتىدىكىلەر ياكى ئىچىدىكىلەر بولسۇن، يانفونغا بىخەتەرلىك چاپلىقى چاپلاش ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر رايون ياكى دۆلەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تەبىئىيكى جۇڭگولۇقلار تېخىمۇ ئۇنداق ئەمەس. پەقەت ھەرقايسى كوچىلاردا يانفونغا بىخەتەرلىك چاپلىقى چاپلىغۇچىلارنى ئۇچراتقىلى بولغانلىقى ئۈچۈن يانفونغا چاپلاق چاپلاش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق خالاس.

لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغان گېپىمىز، ئەمەلىيەتتە زاۋۇت ياكى ئىستېمال نۇقتىسىدىن قارىغاندا يانفونغا بىخەتەرلىك چاپلىقى چاپلاشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھاجىتى يوق. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟


يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىستېمالچىلار نۇقتىسىدىن: مودا ئېقىمدىكى بايراقدار يانفونلارغا راستتىنلا بىخەتەرلىك چاپلىقى چاپلاشنىڭ ھاجىتى يوق.

ھازىرقى مودا ئېقىمدىكى بايراقدار يانفونلارغا ئاساسەن سۈپىتى ياخشى ئېكران سەپلىنىدۇ، مەسىلەن كاڭنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد ئورانگۇتان ئەينەك ئېكرانى سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ ئېكرانى ئۇچلۇق ۋە قاتتىق ئەسۋابلار بىلەن ئۇچراشقاندا نورمال تۇرمۇشتا ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارغا يەنە بىخەتەرلىك چاپلىقى چاپلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەلۋەتتە، بۇ يەردە يەنە بىر قىسىم تۆۋەن سەپلىمىدىكى مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى يانفونلارنى ئويلىشىپ قويساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ يانفونلارغا ئۇنداق چىدامچانلىقى يۇقىرى ئېكرانلارنىڭ سەپلىنىشى ناتايىن. لېكىن مىڭ يۈەنلىك يانفونلارنىڭ ئەسلى باھاسى ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن سىز ئۇنىڭغا نەچچە ئون يۈەنلىك ياكى يۈز يۈەننىڭ ئۈستىدىكى بىخەتەرلىك چاپلاقلىرىنى چاپلىشىڭىزنىڭ يەنىلا ھاجىتى يوق، ئەرزان باھالىق چاپلاقنى ئىشلىتىمەن دەپ ئويلىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ئېكران كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىشتىن باشقا ئارتۇق رولى بولمايدۇ.


سالامەتلىك نۇقتىسىدىن: بىخەتەرلىك چاپلىقىنى يانفونغا چاپلىغاندىن كېيىن ئېكراننىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

يانفونغا تۆۋەن باھالىق چاپلاقنى تاللاپ ئىشلەتكەندە ئاسانلا يانفون ئېكرانىدىن چىققان نۇرنىڭ سۇنۇش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ ھەم كىشىدە ئاسانلا چارچاش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىرقى يانفون چاپلاقلىرىنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلاپ كېتىپ بارغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قارا نىيەت سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قىلنى پىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ياخشى مەھسۇلاتلارغا ناچارلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ساتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يانفونغا ئەرزان باھالىق چاپلاقنى ئىشلەتكەندە، پەقەت يانفوننىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمىنىلا زىيانغا ئۇچرىتىپ قالماستىن، يەنە بىزنىڭ يانفون ئىشلىتىشىمىز بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم سۈزۈك چاپلاقلار نۇرنىڭ چېچىلىشنى پەيدا قىلىپ كۆزىمىز ئۇچرايدىغان زىياننى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ.

شەخسنىڭ ياخشى كۆرۈش نۇقتىسىدىن: ئەگەر يانفونغا چاپلاق چاپلىماي ئىشلەتكەندە، يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفوننىڭ ھۇزۇرىنى تېخىمۇ ياخشى سۈرەلەيسىز.

يانفونغا چاپلاق چاپلاشنىڭ راستتىنلا ھاجىتى يوقمۇ؟ بىز بۇ سوئالغا يوق دەپ جاۋاب بەرسەك بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى چاپلاق چاپلىماسلىق كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا كۆپ قىسىملىرىغا بىخەتەرلىك چاپلىقى چاپلىنىش ئويلىشىلمايدۇ. يەنە كېلىپ، ھازىرقى كۆپىنچە يانفونلارنىڭ سىرىتقى قەۋىتىگە بىر قەۋەت 2.5Dلىق جىجىلىشتىن ساقلىنىش ئەينىكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇمۇ يانفونلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىجىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئەلۋەتتە، بەزىلەر يانفونغا چاپلاق چاپلىغاندا قولدىن چۈشۈپ كېتىپ ئېكران چېقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شەخسەن مېنىڭ شۇنداق بولغان دېيىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر راستىنلا چاپلاق چاپلاتماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا پۇلىغا چىداپ يۇقىرى سۈپەتلىك چاپلاقنى ئېلىپ ئىشلىتىڭ، بولمىسا يەنىلا ئىشلەتمەيلا قويۇڭ. قانداقلا بولمىسۇن يانفونىڭىز قىممەت بولسا نەچچە مىڭ يۈەن، لېكىن سىزنىڭ تەن سالامەتلىكىڭىز بىباھادۇر.

نۇرداشلار، سىلەرمۇ يانفونىڭلارغا بىخەتەرلىك چاپلىقى ئىشلىتەمسىلەر؟ سىلەرچە بىخەتەرلىك چاپلىقى يانفون ئۈچۈن چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىمۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • كۆرەگان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ما گەپنى ئوقۇپ مەنمۇ چاپلاقنى ئىلۋەتتىم

  • ھەجەپ بىر3 ھەپتە ئىلگىرى

    راسلا ھاجىتى يوقكەن ئۆتكەن ، مۇشۇنداق دەپ چانۋۇققا سېپ بىرنەچچە كۈن ئىشلىتىپ قارىسام سىزىلىپ كىتىپتۇ ، يا ئوڭشىغىلى بولمىغان.

  • يۇپېتىر3 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر ئاينىڭ ئالدىدا تېلفۈنۇم بىرە مىتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتكەن ، تېلفۇن s8 ئىدى مانە ئاغىلى ئىككى ئاي بوپ مىڭ كوينىڭ ئىگىسى بولدۇم دەپ ئويلاپ تېلفۇننى ئالسام ئەينەك مورنىڭ ئازراق بۇرجىكىلا چېقىلىپتۇ ئۇف دېدىم . لېكىن مور شۇنداق ھىم تۇرۇخلۇق ئاڭلاش تۇرۇپكىسنىڭ ئاستى تەرپىدە ئاق چىكىتلەر پەيدا بۇلۇپ قالدى ، چاڭ توزانمىدۇ بىلەلمىدىم لىكىن ئېنىقلا مورنىڭ ئاستىدىن ئۇ چاڭ توزانلا. مورنى ئالماشتۇرسام قانداق بۇلاركىن تاڭ، لىكىن مور چاپلىغاننىڭ راسلا پايدىبا نۇرداشلا.

  • Az KalDi3 ھەپتە ئىلگىرى

    تىلىفونغا چاپلاق چاپلىماي ئىشلەتكەنلىك ، يانچۇقتىكى پۇل بىلەن ئويناشقانلىق . 嘿嘿

  • ئىزقۇت3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنغۇ خېلى بوپ قالدى چاپلاق،قاپ دىگەنلەرنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكىلى.

  • قەشقەر3 ھەپتە ئىلگىرى

    يانفۇننى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە باتاريەسى قىززىشقا باشلايدۇ بۇ چاغدا سىز ئىكرانغا چاپلىغان چاپلىقىڭىز ئىسسىغلىقنى تارقىتشى ئاستا بوپ قالدۇ ئاندىن يوغان قىلىن قاپلارنىمۇ قاپلىۋالساق ئىسسىغلىقنى تارقىتالماي تىلفۇننىڭ باشقا زاپچاسلىرنىمۇ زىيانغا ئۇچۇرتىدۇ .ئادديىسى سىز قىزتىپ قالغاندا قالغاندا قىلىن كىينەمسىز ياكى نىپىز كىينەمسىز .

  • جەۋلان3 ھەپتە ئىلگىرى

    چاپلاق چاپلىسا ھەرقانچە قىممەت چاپلاق بولسىمۇ كۆزنى ئاغىرتىدۇ ، ئىشەنمىسەڭلا ئىكرانغا چاپلاق چاپلىغان تېلفۇندا 2سائەت تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپ بېقىڭلار ئاندىن چاپلاق چاپلىمىغان تېلفۇندا 2سائەت تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپ بېقىڭلار كۆزگە بولغان زىيىننى ئاندىن بىلسىلەر

  • ئوتالدۇراخۇن3 ھەپتە ئىلگىرى

    تېلفۇن زاۋۇتلىرىنىڭ ھىيلىسى بۇ، چاپلاق چاپلىماي ئىشلىتىپ ئىكران چېقىلىپ تۇرمىسا، بۇزۇلۇپ تۇرمىسا توختىماي چىقىۋاتقان يېڭى تېلفۇنلارنى كىم ئالىدۇ

  • taran4203 ھەپتە ئىلگىرى

    چاپلاق چاپلىماي ئىشلەتسىڭىز بالدۇرراق يىڭى تىلفۇن سىتىۋالىسىز دىمەكچى لامپۇچكىنىمى بۇرۇن بەك چىدامىق ئىشلەپ چىقىرىپ قۇيۇپ زاۋۇت خىزمەتچىلىرىنى باقالماي قالغان شۇڭا چۇشەندىڭلارغۇ ھە

  • فەچەتقۇ3 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇرغۇن دوستلار بىلمەيدىكەن كۆك ئېكران يەنى كۆك ياقۇت دەپ ئەڭ قاتتىق ئېكران ئىشلىتىگەن،بۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ئونئىككى چىقىدۇ،لىكىن قۇم بورانلىق،چاڭ توزاننىڭ قاتتىقىلقى ئون ئىككىدىن يۇقىرى دىمەكچىمەنكى ياشاش مۇھىتىغا قاراپ تاللىشى كېرەك لىكىن چاپلاش زۆرۈرلىرى بار ئەلۋەتتە،قۇم بۇران،چاڭ توزان ياغىدىغان يۇرتتا چاپلاق چاپلاش زۆرۈر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号