باش بەت

نىجات

262يوللانما
28مەستانە

پۇل ئوغرىلاپ بانكىغا قويالمىغان ئوغرى پۇلنى خالتىدا كۆتۈرۈپ يۈردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-26 23:12 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تور 26-دېكابر خەۋىرى، نۇر تور تەرجىمىسى: 

12-ئاينىڭ 26-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى جياڭيوڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك چوڭ ئەترىتى بىر قېتىملىق ئوغرىلىق دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، جىنايەت گۇماندارى خې فامىلىلىكنى (ئەر، 19ياش، سۇفۇ بازىرىدىن) تۇتتى ۋە ئوغرىلانغان 91 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى قايتۇرۇۋالدى. 

24-دېكابىر رازۋېدكا ئەترىتى بىر يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن كېسىلىپ تۈرمىدىن ئەمدىلا قويۇپ بېرىلگەن خې فامىلىلىكنىڭ ئىشلىرى غەلىتە، ھەرىكىتى گۇمانلىق ئىكەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا خې فامىلىلىك قولىدا بىر سۇلياۋ خالتا كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇياق- بۇياققا قاراپ تەمتىرەپ ماڭغان، بۇ چاغدا خەلق ساقچىلىرى ئۇنىڭدىن ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىپ سومكىسىنى ئاختۇرماقچى بولغاندا، خې فامىلىلىك سومكىنى كۆتۈرۈپ نەق مەيداندىن قاچماقچى بولغان، بۇ ۋاقىتتا ساقچىلار ئاللىقاچان ئۇنى كونترول قىلىپ بولغان. ساقچىلار ھېلىقى سۇلياۋ خالتىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئىچىدىن 91100 يۈەن نەقىل پۇل بايقىغان. 

ساقچىلار تۇتۇپ كېلىنگەن خې فامىلىلىكنى سوراق قىلغاندا، خې فامىلىلىك بۇ پۇلنى ئوغرىلاپ كەلگىنىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە بىر نەچچە قىرغاۋۇل تۇتۇپ سېتىپ ئازراق پۇل تاپقانلىقىنى، شۇ پۇل ئارقىلىق ئازراق قىمار ئويناپ تەلىيى كېلىپ قالغانلىقىنى، شۇ جەرياندا 90 مىڭ يۈەن ئۇتقانلىقىنى دەپ تۇرۇۋالغان. ئەمما خەلق ساقچىلىرى ئۇ ئوغرىلىققا كىرگەن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسپاتىنى ۋە رازۋېدكا ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويغاندىن كېيىن، خې فامىلىلىك ئەھۋالنى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ھەممە جىنايىتىنى تاپشۇرغان. تەكشۈرۈلۈشچە، خې فامىلىلىك ئىلگىرىمۇ ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ، بۇ يىل 9-ئايدا قۇيۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، خې فامىلىلىك گۇناھىغا تۆۋەن قىلماي بىر كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق باي كىشى خې ئەپەندىنى نىشانلىغان، چۈنكى ئۇ خې ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىقىنى چۈشىنەتتى. ئۇ كۆزىتىش ئارقىلىق خې ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە ئادەم تۇرمىغىلى ئۇزاق بولغانلىقىنى بايقاپ، قارا قولىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە سۇنغان. 12-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ خې ئەپەندىنىڭ ھويلىسىغا ئارتىلىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ 119مىڭ 500 يۈەن نەق پۇلىنى ئوغرىلاپ كەتكەن، ئىشتىن كېيىن «بىخەتەرلىك ئېڭى يۇقىرى» خې فامىلىلىك بۇ پۇلنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، پۇلنى بانكىغا قويماقچى بولغان، ئەمما ئۇنىڭدا ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك ۋە بانكا كارتىسى بولمىغاچقا، پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويالماي يۈرگەن، شۇڭا ئۇ ئىزچىل پۇلنى خالتىغا سېلىپ مېڭىپ يۈرگەن. 3-كۈنى 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇۋەتكەن. 

نۆۋەتتە خې فامىلىلىك قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، خەلق ساقچىلىرى ئەسكەرتىدۇكى:  ھەممەيلەن ئوغرىلىققا قارىتا ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھەربىر مۇھىم نەرسىسىنى چىڭ ساقلىشىمىز، سوممىسى كۆپ نەق پۇللارنى ئامال بار بانكىغا قويۇپ، بىرەر نەرسىسىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىغان ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئەھۋالنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号