باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

سامسۇڭ Galaxy S9 مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىلىشقا باشلايدۇ iPhone Xكە غايەت زور زەربە بولۇشى مۇمكىن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-27 11:54 10 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 27-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئالما iPhone Xنىڭ 2018-يىلى 1-ئايدىكى سېتىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى» دېگەن خەۋەرنىڭ تەسىرىدە 26-دېكابر بۇ شىركەتنىڭ پاي باھاسى 3 پىرسەنتكە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. تەيۋەن «ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالما تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 50 مىليوندىن 30 مىليونغا قىسقارتقان. ئەگەر بۇ ئۇچۇر راست بولسا ئۇ ھالدا ئالما ۋە iPhone Xنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ياخشى سېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بولىدۇ. كورېيە تاراتقۇسى «ET News»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ كېلەر يىلى ئېلان قىلىدىغان Galaxy S9 يانفونى مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىلىشقا باشلايدىكەن. 

ET Newsنىڭ ئېيتىشىچە، سامسۇڭ Galaxy S9نىڭ بىرىكمە دېتاللىرىنى زاكاس قىلىپ بولغان بولۇپ، 2018-يىلى 1-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدىكەن ھەمدە 2-ئايدىكى كۆچمە دۇنيا يىغىنى (MWC 2018) مەزگىلىدە ئېلان قىلىدىكەن. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، سامسۇڭ بۇرۇنقى بىر ئايغا سوزۇلغان مۆلچەر ۋاقتىدىن ۋاز كېچىپ، 3-ئاينىڭ باشلىرىدا سېتىشقا باشلايدىكەن. 

بۇ ئالمىغا نىسبەتەن قورقۇنۇچلۇق ئۇچۇر، ئادەتتىكى ئەھۋالدا نۆۋەتتىكى iPhone بىلەن كېيىنكى ئەۋلاد سامسۇڭ بايراقدار مەھسۇلاتى ئوتتۇرىسىدا ئانچە چوڭ رىقابەت يوق. چۈنكى ئىككىسىنىڭ ئېلان قىلىش ۋاقتى ئالتە ئاي پەرقلىنىدۇ، iPhone سېتىۋالىدىغانلار ئاللىبۇرۇن سېتىۋالىدۇ، Galaxy يانفونلىرىنى ساقلايدىغانلار تەبىئىيلا ساقلايدۇ. 

ئەمما بۇ يىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى. iPhone Xنىڭ ئەمەلىي سېتىلىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ باشلىرىغا سۈرۈلدى، يەنى بىر ئاي ئارقىغا سۈرۈلۈپلا قالماي، تەمىنلەش مىقدارىمۇ يېتىشمىدى. تۇنجى كۈنى سېتىۋالالىغانلار خۇددىي لاتارېيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندەكلا بولدى، Apple Store بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن مال چىقىرىش ۋاقتىنى تۇراقلاشتۇردى. 

ئالما ۋە باشقا iPhone X ساتىدىغان باشقا سودىگەرلەر ئەزەلدىن يېڭى يانفوننىڭ يېڭى يىل 1-ئايدىكى سېتىش مىقدارىغا تايىنىدۇ. ئەمما ئەگەر سامسۇڭ «قائىدىنى بۇزۇپ مال چىقىرىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرسە»، ئالما يىل بېشىدا Galaxy S9 بىلەن پەقەت ئالتە ھەپتە ئېلان ۋە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇرۇشى قىلالايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • kizilqirah23 سائەت ئىلگىرى

    سامسۇڭ بەك ياخشى تېلفۇن مىنىڭ s4سەنشىڭ تۆت يىل بولدى شۇنداق ياخشى تورغا بەك تىز مېنېڭ تاللىشىم سامسۇڭ دۆلىتىمىزنىڭ تېلفۇن مۇ ياخشى باللا قىززىقىش تاللاش ئوخشېمايدۇ قايسىنى ياخشى كۆرسەڭلا شۇنى ئىشلىتىڭلا قالايمىقان گەپ قىلماڭلا باللا

  • ئېسىل09981 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي قۇرۇق گەپكە ئىشەنمەڭلا كۆدۈڭلىما پارتىلىغاننى ھەجەپ بىزنىڭ شىنجاڭدا پارتىلىمايدىكەن ئامرىكىدا باشقا يەدىلام پارتىلامدۇ يا ئۇ يەنىڭ ھاۋاسىغا ماسلىشامماي پارتىلىغانمىدۇ يا سىلنىڭچە نەدىكى ئاقماس خەۋەرگە ئىشىنىپ

  • تۇخۇم پوشكلې3 ھەپتە ئىلگىرى

    s8 كمۇ ئۇزۇن بۇمدغۇ s8 ئەغانلنڭ قان كتدغن بۇلدې

  • مۇز3 ھەپتە ئىلگىرى

    s8 بىلەنs9نى پەرىقلق قىلىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس s8 تاشقى كۇرنۇشتە ھەممىنىڭ ئالدىدا لىكىن s9نى بۇنىڭ دىنمۇ ياخشى قىلمەن دىسە بۇنىڭغا ۋاقىت كىتىدۇ ھەم ياخشى چىقمىسا بۇ s9 بۇلماي قالدۇ

  • مارىس4123 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەسەت مەغلۇبىيەتنىڭ ئانىسى ،ئىلىشقا پۇلۇڭلا بولمىسا تاپقاندا ئالاسىلە

  • 186******973 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاجايىپ ئادەملەر باكەن پارتلامدۇ ياكى بازا تاپامدۇ ئىشتنىڭ قاغىشىغا پىت ئۆلمەيدۇ

  • 微笑的死神3 ھەپتە ئىلگىرى

    1983 خاتىرجەم بول سىنىڭ قاغىشىڭغا سامسۇڭ يىقىلىپ قامايدۇ ، ئۈزۈڭگە ھېزى بول ئىچى تالىق قىلىپ سەن بالدۇر پارتلاپ كىتەمسە تىخى ، سامسۇڭ ئىسىل بىلىدىغانلا بىلىدۇ ...

  • ئىھسانبىك3 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا ئالمىنىڭ يىلى چىقىدىغان بوپتۇ ،ھەي ئىسىت.

  • 1983kais3 ھەپتە ئىلگىرى

    يەنەشۇ پىشمىغان مانتىنىڭ قازىننى ئېچىپ تۇلۇق سىناقتىن ئۆتمەي تۇرۇپ بازاغا سېلىپ يەنە پارتىلسا ئولتۇردۇ قاراپ پۇل تېپىشقا ئالدىراپ ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىدىغان بولدى

  • كۈچلۈكتۇر.3 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى بۇپتۇ مەن بىنى، ئالىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号