باش بەت

كىنوچى

3902يوللانما
216مەستانە

لى شياۋلوڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى 6-فىلىمىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-27 14:15 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لى شياۋلوڭنى ياقتۇرىدىغان كۆرۈرمەنلەر ئۇنىڭ باش رول ئالغان بەش فىلىمىنى قايتا-قايتا كۆرۈپ چىققان، بۇ بەش فىلىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا «تاڭ شەن بۇرادەر» (唐山大兄)، «جىڭۋۇ سارىيى» (精武门)، «ئەجدىھانىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» (猛龙过江)، «قاتتىق ئېلىشىش» (龙争虎斗)، «ئۆلۈم ئويۇنى» (死亡游戏) قاتارلىقلار.

ئەمما، ئۇ ئۆلۈشتىن نەچچە سائەت ئىلگىرى 6-فىلىمىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى «ئىنچىكە سۇمۇرغ» (细凤) ئىكەن. بۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ كىچىك ئىسمى بولۇپ، چىن شياۋمەننىڭ ئۆيىدە شۈ ۋېنخۈەي بىلەن ۋەقەلىكلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.

بۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگىنى بولسا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋەقەلىك بولۇپ، گۇمپىسى ئىنتايىن ئۈستۈن بولغان دا فېڭ ۋە شى فېڭ ئاكا-ئۇكىنىڭ جاھان كېزىش ھېكايىسى سۆزلەنگەن. فىلىمدە لى شياۋلوڭ ئىككى رولنى ئالىدىغان بولۇپ، سۆھنە كۆرىنىشىدىن قارىغاندا، لى شياۋلوڭنىڭ ئوبرازىمۇ ئالاھىدە تۈس ئاتا قىلىدۇ.

بۇ فىلىم ئاڭلاشقا ئىنتايىن قالتىس فىلىمدەك بىلىنىدۇ، فىلىمنىڭ ئىسمى «ئىنچىكە سۇمۇرغ» (细凤) بولغانلىقتىن، بىر قەدەر لى شياۋلوڭنىڭ تەرجىمىھالىدەك تۈسى بار، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ فىلىم ئىزچىل تاشلىنىپ قېلىنغان، ئەمما چېن گوكۈندەك لى شياۋلوڭغا ئىنتايىن ئوخشايدىغان ئارتىسلارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن بولسا، بەلكىم لى شياۋلوڭنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号