باش بەت

zefer

1217يوللانما
64مەستانە

سامسۇڭنىڭ رەھبىرى لى جائېيوڭغا ئىككىنچى سوت ئېچىلدى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-27 18:23 0 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى 27-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سېئول يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۈگۈن (27-دېكابر) ئەتىگەن سائەت 10دا لى جائېيوڭ بىلەن سامسۇڭنىڭ سابىق تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنى سوتلىدى، ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى لى جائېيوڭغا 12 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، 27-چېسلادىكى بۇ دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش سوتىنىڭ تەرتىپى جاۋابكارنى سوراق قىلىش، ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بايانى ۋە جازا ئۆلچىمى تەكلىپى،  ئادۋوكاتلار كوللېكتىپىنىڭ ئاقلىشى ۋە جاۋابكارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كېلەر يىلى يانۋاردا ئېلان قىلىنىدىكەن. 

لى جائېيوڭ سامسۇڭنى مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، ئۇ سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ھەقىقىي ئاتامانى، ئۇ يىل بېشىدا پاك گۆنھيې ۋە چوي سۇنسىلغا پارا بەرگەن دەپ ئەيىبلىنىپ، بىرىنچى سوتتا 5 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号