باش بەت

نۇسرەتگۈل

10535يوللانما
188مەستانە

ئاپتوبۇسنىڭ يۈك-تاق ساندۇقىدا ئۇخلىغان ئىككى ئەر ئىسلىنىپ ئۆلۈپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-27 19:44 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 27-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرمىنىڭ ماندلېر ئۆلكىسى ئۇخلېن بىن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 24-دېكابىر ئۇخلېن بىن شەھىرىگە جايلاشقان بىر يولۇچىلار تىرانسپورت بېكىتىدىكى بىر ئاپتوبۇسنىڭ يۈك-تاق ساندۇقىدا ئۇخلىغان بىر شوپۇر بىلەن بىر ئاپتوبۇس خادىمى قازا قىلغانلىقى بايقالغان.

ئۇخلېن بىن ساقچىلىرى 23-دېكابىر كەچتە 33 ياشلىق شوپۇر بىلەن 22 ياشلىق ئاپتوبۇس خادىمىنىڭ ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ ئۇخلېن بىن ئاخىرقى بېكىتىگە كەلگەندىن كېيىن يۈك-تاق ساندۇقىدا ئۇخلىغانلىقى، ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئىچىدە ئوت يېقىپ ئىسسىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

24-دېكابىر سەھەردە ئۇلار خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئورنىدىن تۇرمىغاندىن كېيىن بىر بېكەت خادىمى ئۇلارنى ئويغاتقىلى باردى. بىراق، بىر نەچچە قېتىم چاقىرسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلار ئۇخلىغان جاي تولۇق ئېتىك ھالەتتە بولغاچقا ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئاشۇ جايدا ئوت يېقىپ ئىسسىنغانلىقى ئۈچۈن كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىدى.

نۆۋەتتە، ئىككەيلەننىڭ جەسىتى قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن قازا قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇخلېن بىن ساقچىلىرى بۇ ئىشنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号