باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

iPhone Xنىڭ تۇنجى ئايلىق سېتىلىش مىقدارى iPhone 8گىمۇ يەتمىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-27 21:23 5 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 27-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىرغا قەدەر ئالما ئورگان تەرەپ iPhone X/8 يانفونلىرىنىڭ كونكرېت سېتىلىش مىقدارىنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كىشىلەردا ئالمىنىڭ بۇ يىللىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلغان. يېقىندا كەسپىي بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى CIRP ئىستېمالچىلار ئاخبارات تەتقىقات شىركىتى ئۆزىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، iPhone Xنىڭ بىرىنچى ئايدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنىكىنى، ھەتتا iPhone 8 يۈرۈشلۈك يانفونلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

CIPRنىڭ دوكلاتى iPhone X سېتىلىپ 30 كۈندىن كېيىنكى سېتىش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن تەييارلانغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plusنىڭ تۇنجى ئايدىكى يىغىندا سېتىلىش مىقدارى %40 ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، iPhone 8نىڭ سېتىلىشى %23نى ئىگىلىگەن. 

iPhone Xنىڭ تۇنجى ئايدىكى سېتىلىش مىقدارى ئالمىنىڭ ئومۇمىي سېتىش مىقدارىنىڭ %30تىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، iPhone 8 بىلەن iPhone 8 Plusنىڭ يىغىندا سېتىلىش مىقدارىغىمۇ يەتمىگەن. 

قىزىقارلىق يېرى iPhone 7 بازارغا سېلىنغىلى بىر يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما سېتىلىش مىقدارى يەنىلا %20لىك ھالەتنى ساقلىغان. iPhone 7نىڭ باھاسى يېڭى يانفون چىقىرىلغاندىن كېيىن 549 دوللارغا تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، iPhone 8دىن 180 دوللار ئەرزان، بۇنىڭ بىلەن سېتىلىشى ئاشقان، ئەمما يېڭى يانفوننىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، iPhoneنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىش مىقدارى بىلەن ئالمىنىڭ ساپ پايدىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 26-دېكابر ئالمىنىڭ پاي باھاسى تۆۋەنلەپ، بازار يېپىلغاندا %2.54 چۈشۈپ، ئاخىرىدا 170.57 دوللاردا بازار يېپىلدى. 

شۇنىڭ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇمات ئالما ئورگان تەرەپتىن كەلمىگەن، شۇڭا ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەپسۇن3 ھەپتە ئىلگىرى

    ھېلى سېتىلىشى ياخشى دىگەن ھېلى ياخشى ئەمەس دىگەن

  • تۇخۇم پوشكلې3 ھەپتە ئىلگىرى

    تېلفۇن بلەن ئابروي تېكلەيدغان زامان كەتتې ئاساسن پەرقې يۇق قايسې ياقسا شونې ئاسا بۇلدغان زامان كەلدې

  • مارىس4123 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى بولسا ئالمامدۇ،،

  • ئىھسانبىك3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما ئەمدى قانداق قىلار ئەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدىيا.

  • قەيسەر راخمان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ھازىر باشقا ئاندىرويىد تېلېفونلارنىڭ تەرەقىياتىمۇ ناھايىتى تېز بۇلىۋاتىدۇ. سەپلىمە ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە ئالما بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ھالەتكە يەتتى. كەلگۈسىدە چوقۇم ئالما يۈز ئابروي ھەم نام شۆھرەتنىڭ نامايەندىسى بولالماي قالىدۇ. بىر قىسىم ئاندىرويىد تېلېفونلار ئالمىنى بىسىپ چۈشىدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号