باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11652يوللانما
958مەستانە

بېلىقنى كۆپ يەيدىغان بالىلار ئەقىللىق بولىدىكەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-28 18:45 0 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكىلىق ئالىملار يېقىندا بېلىقنى كۆپ يېيىشنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا ياردىمى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى 3-omega ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئانالىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. بۇ قېتىم جۇڭگودىكى توققۇز ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان 541 بالا تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىنىپ، ئاۋۋال بالىلارنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم بېلىق يەيدىغانلىقى خاتىرىلەندى، ئارقىدىن بالىلار ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقىغا قاتناشتى.

نەتىجىدە بېلىقنى بەك ئاز يەيدىغان ياكى قەتئىي يېمەيدىغان ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم بېلىق يەيدىغان بالىنىڭ ئۇيقۇسى نىسبەتەن ياخشى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقىدا ئېرىشكەن ئوتتۇرىچە نومۇرى بېلىقنى بەك ئاز يەيدىغان ياكى قەتئىي يېمەيدىغان ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن 4.8 نومۇر يۇقىرى چىقتى».

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار: «تەتقىقات نەتىجىسى بالىلارغا بېلىقنى كۆپ يېگۈزۈش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، بالىلار ئىككى ياشتىن باشلاپ بۇ خىل يېمەكلىكنى يېسە بولىدۇ. بالىلار بېلىق يېيىشكە قانچە بالدۇر ئادەتلەنسە، بېلىقنىڭ تەمىگە شۇنچە بالدۇر ماسلىشىپ، بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ» دېدى.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号