باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

پۇل ئۈچۈن تېزلا توي قىلغان بىر جۈپلەر تېزلا ئاجراشتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-29 13:15 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 28-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يىۋۇلۇق يىگىت شياۋۋۇ يىل بېشىدا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ 3-2 ئاي مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلدى. بىراق، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىككەيلەن ئاجرىشىش دەۋاسىغا چۈشتى. 

بۇ يىل 3-ئايلاردا شياۋۋۇ باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن چوۋجياڭ مەھەللىسى شياليۇ كەنتىدە تۇرىدىغان 21 ياشلىق شياۋۋاڭ بىلەن تونۇشۇپ 3-2 ئاي يۈرۈپلا توي قىلدى. شۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ئاۋۋال توي خېتى ئېلىپ ئاندىن چاي ئىچۈرۈشكە كېلىشتى.

دەسلەپتە شياۋۋۇنىڭ ئانىسى قىزنى ئەمدىلا توي قىلىش يېشىغا يېتىپتۇ دەپ بۇ ئىشقا قوشۇلمىدى. بىراق، ئىككەيلەننىڭ بىر-بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقاپ ئاخىرى قوشۇلدى.

بىراق، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى نىكاھ تىزىملىنىپ بولۇشى بىلەنلا باشلاندى، قىز ئىلگىرىكى قارارىدىن يېنىۋېلىپ چاي ئىچۈرۈلۈشكە ئۇنىمىدى! قىز تەرەپ يىگىت تەرەپتىن بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلىپ، پۇلنى بەرمىسە قىزىنى ئاجراشتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قىز شياۋۋاڭنىڭ ئانىسى: «بۇ گەپنى مۇنداقلا دەپ قويغانىدىم. بىزمۇ پۇل ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدۇق، ئىككەيلەن ياخشى ئۆتسىلا بولدى. بىراق، ھازىر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. بىز بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن تويلۇق سېلىش ئارقىلىق يىگىتنىڭ قىزىمغا راست كۆڭلى بار، يوقلۇقىنى بىلىپ باقماقچى ئىدۇق» دېدى.

قىز تەرەپ نېمىشقا تۇيۇقسىزلا ئوغۇل تەرەپتىن بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلىدۇ؟ ئەسلىدە دەسلەپ شياۋۋاڭ نوپۇسىنى يۆتكەپ بارغلى قوشۇلمىغان. بىراق، نوپۇسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە يۆتكەپ بارسا تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئاندىن يۆتكىگەنىدى.

شياۋۋاڭ پۇل مەسىلىسىدىن باشقا، يەنە شياۋۋۇنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى بايقىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ گەپلىرىنىمۇ بارغانسېرى قوبۇل قىلالماي قالدى. ئۇ: «ئۇلار مېنى بالدۇرراق بېرىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولسام تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى ئۇلار تەبىئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولسام تولۇقلىما بېرىش ۋاقتى توشۇپ كېتىدۇ دەپ قارىغانىكەن» دېدى.

ئىككەيلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ مۇناسىۋىتىنى مۇشۇ جايدا ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ ۋاقىتتا شياۋۋۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ ئىلگىرى قىزغا ئېلىپ بەرگەن نەرسىلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى قايتتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بىراق كېلىشتۈرگۈچى گوڭ جىڭيوڭنىڭ نەسىھەت قىلىشى نەتىجىسىدە شياۋۋۇ ئۇ نەرسىلەرنىڭ سۈرۈشتۈسىنى قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شياۋۋاڭنىڭ ئانىسى ئەينى ۋاقىتتا يىگىت تەرەپنىڭ نوپۇسنى يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەمدى بۇ ئىشنى ئۇلارنىڭ باشتا دېيىشكەندەك بويىچە ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. كېلىشتۈرگۈچى گوڭ جىڭيوڭ نوپۇس ئىشىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپ شۇ كۈنىلا ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرگىلى باردى، قىز نوپۇسىنى ئامال بار قايتۇرۇپ كېلىۋالىدىغانلىقى، ناۋادا ئامال بولمىسا قىز تەرەپنىڭ يىگىت تەرەپتىكى ياخشى سىياسەتلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدىسىنى ئىككى تەرەپ تەڭدىن بۆلۈشۈشكە كېلىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号